UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرىبىليارت

بىليارت

تەنتەربىيە تۈرلىرى بىليارت چۈشۈرگۈلۈك بىليارت، رەڭلىك بىليارت، تۆت توپلۇق بىليارتلارغا بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى چۈشۈرگۈلۈك بىليارت باشقا بىليارتلارنىڭ ئاساسىدۇر. بىليارتتا، بەلگىلەنگەن كونتىر (بۆلەك) نومۇرىغا ئالدى بىلەن ئېرىشكەن تەرەپ غەلىبە قىلىدۇ. مۇسابىقىلىشىش ئۇسۇللىرى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى يەككىلەرنىڭ قارشىلىشىشى، ئىككى كىشىلىك قارشىلىشىش ۋە كوللېكتىپ قارشىلىشىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىليارت مۇسابىقىسى بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش ئويۇنى ھەم قىزىقارلىق مۇسابىقە پائالىيىتىدۇر. بىر مەيدان ئويناشقا بەزىدە خېلى ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ. قارشى تەرەپنى يېڭىش ئۈچۈن، ئۆزى كۆپ نومۇر ئېلىش بىلەن بىرگە قارشى تەرەپكە توسالغۇ پەيدا قىلىپ، بارلىق ئامال - چارىلەر بىلەن قارشى تەرەپنىڭ نومۇر كەتكۈزۈپ قويۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىليارت تەنھەرىكەتچىسىدە ياخشى جىسمانىي قۇۋۋەت بولۇپلا قالماي، بەلكى كاللىسى سەگەك، زېھنى ئۆتكۈر بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بىليارت ھەرىكىتىنىڭ تېخنىكا، تاكتىكىلىرى مېخانىكا پرىنسىپلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بىر مۇنەۋۋەر بىليارت تەنھەرىكەتچىسى مۇسابىقە ۋاقتىدا تاياقنىڭ توپقا تېگىش ئورنى، كۈچىنىشى، توپنىڭ يۆنىلىشى ۋە قايتىش يوللىرى دېگەندەكلەرنى مېخانىكا پرىنسىپلىرى بويىچە ئىنچىكىلىك بىلەن توغرا ھېسابلاپ، توپنى ئۇستاتلىق بىلەن ياخشى ئۇرۇشى كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە بىليارت ھەرىكىتىدە ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ مۇنتىزىم بىليارت ھەرىكىتى تېخى ئومۇملاشمىغان، لېكىن ئاددىي بىليارت نۇرغۇن رايونلاردا قانات يايغان.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى