UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرىسۇمۇ (شاڭپۇ)

سۇمۇ (شاڭپۇ)

تەنتەربىيە تۈرلىرى سۇمۇ ياپونىيىدە ئومۇملاشقان چېلىشىش ھەرىكىتى بولۇپ، ياپونىيىنىڭ دۆلەت ماھارىتىدۇر. مۇسابىقىدە ئىككى پالۋان ئەسۋابسىز، يالىڭاچ (بەدەننىڭ ئاستى تەرىپىدە پەقەت بىر تال ئاغلىقلا بولغان) ھالەتتە ئېلىشىپ، بىر تەرەپ رەقىبىنىڭ ئىككى پۇتىدىن باشقا ھەرقانداق بىر يېرىنى يەرگە تەگكۈزۈۋالسا ياكى ئىتتىرىپ مەيدان سىرتىغا چىقىرىۋەتسە غەلىبە قىلغان بولىدۇ. مۇسابىقىدە ۋاقىت چەكلىمىسى بولمايدۇ. ئەگەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى پەقەتلا يېڭەلمەي ھېرىپ - چارچاپ كەتكەن بولسا، شىڭسى (سۇمۇ رېپىرىنىڭ نامى) مۇسابىقىنى توختىتىپ، ئازراق ئارام ئالدۇرغاندىن كېيىن تاكى يېڭىش - يېڭىلىش ئايرىلغۇچە مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. سۇمۇ ھەرىكىتىنىڭ1000 يىلدىن ئوشۇق تارىخى بار. ئېلىمىزنىڭ چىڭ، خەن دەۋرلىرىدىكى «گىرۋەككە يەتكۈزۈش» ئويۇنى ياپونىيىنىڭ سۇمۇ ھەرىكىتىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. چىن دەۋرىگە كەلگەندە، »سۇمۇ« دېگەن ئاتالغۇ ئاللىبۇرۇن ئۆزلىشىپ بولغان. تاڭ، سۇڭ، يۇەن، مىڭ سۇلالىلىرىدە سۇمۇ ھەرىكىتى ئىنتايىن ئومۇملاشقان. «سۇ بويىدا» رومانىدىكى يەن چىڭ نوچىلىق تالاشقان كۆرۈنۈشتە سۇمۇ مۇسابىقىسىنىڭ تەپسىلاتى بايان قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، سۇمۇ ھەرىكىتى ئېلىمىزدە بارا - بارا يوقاپ كەتكەن. مەنبەلەرگە قارىغاندا، ياپونىيىنىڭ سۇمۇ ھەرىكىتى مىلادىيە4 - ئەسىردە باشلىنىپ،8 - ئەسىردە خەلق ئىچىدە ئومۇملاشقان. دېھقانلار كالېندارى بويىچە ھەر7 - ئاينىڭ7 - كۈنى ياپون پادىشاھى سۇمۇ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ تۇرغان.19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ياپونىيىدە كەسپىي سۇمۇ مۇسابىقىسى مەيدانغا كەلگەن. كەسپىي سۇمۇ ماھىرلىرى «داسۇمۇ» دەپ ئاتالغان. سۇمۇ تەنھەرىكەتچىلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ پالۋانلار دەپ ئاتالغان ھەمدە ھەرىكەت نەتىجىسى بويىچە «شۈيجىكۇ»، «شۈيئېردۇ»، «سەندۇەن»، «موشيا»، «شىلياڭ»، «چيەنتۇ»، «شياۋجى»، «گۇەنشى»، «داگۇەن»، «خېڭگاڭ» دېگەندەك ئون دەرىجىگە بۆلۈنگەن. خېڭگاڭ سۇمۇ ماھىرلىرىغا بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى نام، شۇنداقلا ئۆمۈرلۈك پەخرىي نام. ياپونىيە سۇمۇ جەمئىيىتىنىڭ بەلگىلىمىسىدە، بەدەن ئېغىرلىقى75 كىلوگرامدىن يۇقىرى بولغانلار سۇمۇ مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پالۋانلار يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى بولۇشىغا يەيدۇ، بەزىدە بىر ۋاخ تامىقىغىلا نەچچە ئون تۇخۇم ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدۇ، شۇڭا سۇمۇ ماھىرلىرىنىڭ ھەممىسى «يوغان، سېمىز ئادەم»لەر. ياپونىيىدە ھەر يىلى ئالتە قېتىم مەملىكەت خاراكتېرلىك سۇمۇ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇسابىقىدىن ئاۋۋال تەنتەنىلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، تەنھەرىكەتچىلەر چېچىنى رەتلىك تاراپ بوغۇپ، بەلۋاغ بىلەن ئاغلىقىنى ئوبدان چىگىپ، مەخسۇس قاچىدىكى سۇ بىلەن ئاغزىنى چايقايدۇ. سۇ كۈچنى ئاشۇرىدۇ دەپ قارالغاچقا، بۇ ھەرىكەت «كۈچ سۈيى» دەپ ئاتالغان. ئارقىدىن، ماھىرلار مەخسۇس تەييارلانغان قەغەزدە بەدىنىنى سۈرتىدۇ، بۇ «كۈچ سۈيى» پاكلايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بېشىغا نېپىز گەزلىمىدىن تىكىلگەن ئۇزۇن ئۇچلۇق قالپاق كىيگەن، ئۇچىسىغا نىمچە يېپىنغان، قولىغا يەلپۈگۈچ ئېلىۋالغان شىڭسى (رېپىر) ناخشا ئېيتقاچ سەكرەپ يۈرۈپ، ئىسرىقداننى ئۇرۇپ، پالۋانلارنى مەيدانغا چاقىرىدۇ. پالۋانلار مەيدانغا چىقىشتىن ئاۋۋال جىن - شەيتانلارنى قوغلاپ، بالا - قازالاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىر سىقىم تۇزنى مەيدانغا چېچىۋېتىدۇ (ئۇنىڭ ئىلمىيلىك تەرىپى بولۇپ، مەيداننى پاكىزلايدۇ، سۈرۈلۈپ زەخىملەنگەن تېرىنىڭ ياللۇغلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ)، ئاندىن سەجدە قىلىپ تەڭرىگە چوقۇنۇپ، ئۆز غەلىبىسىنى تىلەيدۇ. ئەگەر «خىڭگاڭ» دەرىجىلىك ماھىر مەيدانغا چىقسا، مۇراسىم تېخىمۇ داغدۇغىغا چۆمۈپ، داقا - دۇمباق سادالىرىدىن باشقا، بىركىملەر قوللىرىغا قىلىچ ئېلىپ، پالۋانغا ئەگىشىپ مەيداننى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىلىۋېتىدۇ. بۇ خىل ئەنئەنىۋى ئادەت ۋە ئىلاھچىلىق سۇمۇ مۇسابىقىسىگە ئۆزگىچە تۈس قوشقان.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى
سۇمۇ (شاڭپۇ) | UyghurWiki | UyghurWiki