UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرىشاھمات

شاھمات

تەنتەربىيە تۈرلىرى شاھمات ئىككى ئادەم ئويۇنغا چۈشىدىغان بىر خىل ئەقىل تىپىدىكى تەنھەرىكەتتۇر. شاھمات تاختىسى كۋادرات شەكىللىك بولۇپ، تاختىدا بويىغا ۋە توغرىسىغا بولۇپ سەككىزدىن يول بولىدۇ. قېنىق ۋە سۇس رەڭلىك يوللار گىرەلىشىپ تىزىلىپ64 كاتەكنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇرۇقلىرى تىك گەۋدىلىك (ستېرېئولۇق) بولۇپ، ئاق، قارا ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ھەربىر تەرەپتە16 دىن ئۇرۇق بولۇپ، بىر شاھ، بىر ۋەزىر (پەرزىن)، ئىككى توپ (روخ)، ئىككى پىل، ئىككى ئات، سەككىز پىيادىدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئۇرۇق يۈرۈش قائىدىسى بىرقەدەر ئاددىي بولۇپ، ئاق ئۇرۇق ئاۋۋال، قارا ئۇرۇق ئەگىشىپ يۈرۈپ، ئىككى تەرەپ نۆۋەتلىشىپ ئۇرۇق يۈرىدۇ، بىر قېتىمدا بىر قەدەم يۈرۈلىدۇ. ئۇرۇق چوقۇم تاختىدىكى كاتەك ئۈستىگە يۈرۈلۈشى لازىم. مۇسابىقىدە قارشى تەرەپنىڭ شاھىنى مات قىلغان تەرەپ غەلىبە قىلغان بولىدۇ. ئىككىلا تەرەپ مات چىقىرالمىسا تەڭ ئويۇن بولىدۇ. ئەگەر بىر تەرەپ ئۈزۈلدۈرمەي «شاھ!» بەرگەندە يەنە بىر تەرەپ شاھتىن خالىي بولالمىسا ياكى مېڭىش نۆۋىتى كەلگەن تەرەپنىڭ شاھىغا «شاھ!» بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما شاھنىڭ ماڭىدىغان يولى قالمىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ باشقا ئۇرۇقلىرىنى ماڭغىلى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ ئوخشاشلا تەڭ ئويۇن بولىدۇ.1886 - يىلى خەلقئارا شاھمات دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.1924 - يىلى خەلقئارا شاھمات بىرلەشمىسى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە قۇرۇلۇپ، باش ئورگىنى گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىگە ئورۇنلاشقان. شۇ يىلى خەلقئارا شاھمات ئولىمپىك مۇسابىقە تۈرىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەن.1927 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا شاھمات ئولىمپىك مۇسابىقىسى («دۇنيا كوللېكتىپ مۇسابىقىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئەنگلىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن. شاھمات ماھىرلىرى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ رېتى بويىچە ئالاھىدە ماھىر، خەلقئارا دەرىجىلىك ماھىر ۋە شاھمات بىرلەشمىسى ماھىرى دەپ ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. دەرىجىلەرگە ئايرىشتا خەلقئارا شاھمات بىرلەشمىسى بەلگىلىگەن مۇسابىقىلەردە ئېرىشكەن نەتىجىسى دەرىجە نومۇرىغا سۇندۇرۇلۇپ بېكىتىلىدۇ. خەلقئارا شاھمات ئاسىيادا پەيدا بولغان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان دۆلەتلەر ياۋروپادا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تارىختىكى دۇنياۋى چوڭ مۇسابىقىلەردىكى نەتىجىسى ئالاھىدە ئۇرۇننى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگودا1956 - يىلىلا رەسمىي تەنتەربىيە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن،1957 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك شاھمات مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.80 - يىلىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئېلىمىزدە بىر تۈركۈم يېڭى شاھمات ماھىرلىرى يېتىشىپ چىقىپ، سىچۇەندىن ليۇ شىلەن، جېجياڭدىن ۋۇ مىڭشى، يې رۇڭگۇاڭ، بېيجىڭدىن شيې جۈن، شەنشىدىن يې جاڭچۇەنلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خەلقئارا ئالاھىدە ماھىر نامىغا ئېرىشكەن.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى