UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرىخادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش

خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش

تەنتەربىيە تۈرلىرى خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش2000 يىل ئىلگىرىلا گرېتسىيىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇ چاغدا كىشىلەر سۇ ئازگىلى، ئۆرۈلگەن تام، جىراغا ئوخشاش توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەندە بىر تال ئۇزۇن خادىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆتكەن.1866 - يىلى ئىنگلاندتا تۇنجى نۆۋەتلىك خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىنگلاند ماھىرى ۋىليام ياغاچ خادىدا3.05 مېتىرلىق رېكورتنى ياراتقان. ئەينى ۋاقىتتا تەنھەرىكەتچىلەر قوشۇمچە يۈگۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانماي. تۆمۈر ئارىلىق خادا ئۇچىنى يەرگە سانجىپ، خادا بويلاپ يۇقىرىغا يامىشىپ ئاندىن توغرا بالداقتىن ئۆتكەن، كېيىن خەتەرلىك بولغانلىقتىن چەكلەنگەن. خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش نەتىجىسىنىڭ ياخشى - يامان بولۇشى تەنھەرىكەتچى ئىشلەتكەن خادا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خادىنىڭ يېڭىلىنىپ تەرەققىي قىلىنىشى بۇ تۈرنىڭ ھەرىكەت نەتىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەڭ دەسلەپ ئىشلىتىلگىنى ياغاچ خادا بولۇپ، ئېغىرلىقى6 -8 كىلوگرام كەلگەن، بۇنداق خادا تاكى1906 - يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەشنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسى ئامېرىكىلىق ساموسا ياراتقان78 .3 مېتىر بولغان.1905 - يىلى ياۋروپالىقلار جۇڭگو ۋە ياپونىيىدىن بامبۇك ئېكسپورت قىلغان. بامبۇك ياغاچ خادىدىن يەڭگىل، ئېلاستىكلىقى ياخشى بولغاچقا، خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش نەتىجىسىنى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرگەن.1912 - يىلى ئامېرىكىلىق ۋارايت بامبۇك خادىدا02 .4 مېتىردىن ئۆتۈپ، خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان، شۇنىڭدىن كېيىن10 ئادەم16 قېتىم بامبۇك خادىدا دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى1942 - يىلى بولۇپ، نەتىجىسى77 .4 مېتىر بولغان، شۇنىڭ بىلەن بامبۇك خادىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئاياغلاشقان.1930 - يىلىدىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پولات خادا ۋە ئاليۇمىنلىق قېتىشما خادا بارلىققا كەلگەن، ئەمما مېتال خادىنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن بولمىغان، نەتىجىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىمۇ ئاستا بولغان. پەقەت ئىككى قېتىملا دۇنيا رېكورتى بۇزۇلغان؛ بىر قېتىمىدا78 .4 مېتىر، يەنە بىر قېتىمىدا80 .4 مېتىر بولغان.60 - يىللارغا كەلگەندە، بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئەينەك تالالىق خادا بارلىققا كەلگەن، مانا بۇ، نۆۋەتتە ئەڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتقان »نىلون خادا«دۇر. بۇ خىل خادىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن ئىككى كىلوگرام، ئېلاستىكلىقى ئىنتايىن ياخشى بولغاچقا، »ئېلاستىكلىق خادا« دەپمۇ ئاتالماقتا. شۇنىڭدىن كېيىن، خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەشنىڭ نەتىجىسى كەڭ كۆلەمدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.1963 - يىلى ئامېرىكىلىق سېتنبىك08 .5 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن تۇنجى بولۇپ بەش مېتىرلىق ئۆتكەلدىن ئۆتكەن.80 - يىللارغا كەلگەندە، دۇنيادا خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش چولپان دەۋرىگە قەدەم قويغان. ئاۋۋال فرانسىيە تەنھەرىكەتچىسى ۋېنلون ئۈچ يىل ئىچىدە دۇنيا رېكورتىنى72 .5 مېتىردىن83 .5 مېتىرغا كۆتۈرگەن. كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ماھىرى بوبكا دۇنيا رېكورتىنى83 .5 مېتىردىن13 .6 مېتىرغا كۆتۈرگەن. ھازىرغىچە ھېچكىم بۇ سەۋىيىگە يېقىنلىشالمايۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش رېكورتى62 .5 مېتىر بولۇپ، فۇجيەن تەنھەرىكەتچىسى لياۋ شۆرېن ساقلاپ كەلمەكتە، بۇ ھەم ئاسىيانىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسىدۇر.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى