UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرىبەدىئىي گىمناستىكا

بەدىئىي گىمناستىكا

تەنتەربىيە تۈرلىرى بەدىئىي گىمناستىكا رىتىملىق گىمناستىكا دەپمۇ ئاتىلىپ، ئاياللارغا خاس مۇسابىقىلىق گىمناستىكا تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، ئاياللارنىڭ تەبىئىي ساغلاملىق − گۈزەللىكىگە ئىگە بەدەن ھەرىكەتلىرى، ئۇسسۇل قىياپەتلىرى ۋە فىگۇرا چىقىرىشلىرىنى مەزمۇن قىلىدۇ. پۈتۈن يۈرۈش ھەرىكەتلەر بەدەن ئۇچۇرۇش، ئايلاندۇرۇش، پۈكۈلۈش - تۈزلىنىش، بەدەن بۇراش، دولقۇنلىنىش، سەكرەش، تەڭپۇڭ بولۇش، دومىلاش، تاشلاپ تۇتۇش ۋە نازاكەتلىك ئۇسسۇل قەدەملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە مۇزىكا بىلەن زىچ ماسلاشتۇرۇلىدۇ. بەدىئىي گىمناستىكا كوللېكتىپ ۋە يەككە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. مۇسابىقە ئەسۋابلىرىدىن تانا، چەمبەر، توپ، تاياق، تاسمىلار بولۇپ، يەككە تۈرلەر مۇسابىقىسىدە ئۇنىڭ ئىچىدىكى تۆت خىلنى تاللاشقا بولىدۇ. كوللېكتىپ مۇسابىقىدە تاللىنىدىغان ئەسۋابلار ھەر قېتىمقى مۇسابىقە قائىدىسى بويىچە بولىدۇ. يەككە تۈرلەر مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق نومۇرى10 ، كوللېكتىپ تۈرلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى نومۇرى20 بولىدۇ. تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا بەدىئىي گىمناستىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى1963 - يىلى ۋېنگرىيىنىڭ بۇداپېست شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كېيىن ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن.1978 - يىلى خەلقئارا گىمناستىكا بىرلەشمىسى يەنە قىتئە بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىككى مۇسابىقە: ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بىلەن تۆت چوڭ قىتئە لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنى تەسىس قىلغان.1981 - يىلى بەدىئىي گىمناستىكا دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىمۇ تەسىس قىلغان.1984 - يىلىدىكى23 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا بەدىئىي گىمناستىكا ئولىمپىك تەنھەرىكەت تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. ھازىر دۇنيادا بۇ خىل ھەرىكەتتە نەتىجىسى ئەڭ ياخشى دۆلەتلەر بۇلغارىيە، روسىيە ۋە سلوۋاكىيە بولۇپ، ياپونىيە، چاۋشيەننىڭ ئەمەلىي كۈچىمۇ ناھايىتى يۇقىرى. ئېلىمىزنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى1982 - يىلى تۆت چوڭ قىتئە بەدىئىي گىمناستىكا مۇسابىقىسىدە كوللېكتىپ ئىككىنچىلىككە ۋە1984 - يىلىدىكى تۆت چوڭ قىتئە بەدىئىي گىمناستىكا مۇسابىقىسىدە كوللېكتىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى
بەدىئىي گىمناستىكا | UyghurWiki | UyghurWiki