ئوتتۇرا - ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش
تەنتەربىيە تۈرلىرى
ئوتتۇرا - ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش ھەرىكىتى ئەڭ ئاۋۋال قەدىمكي گرېتسىيىدە پەيدا بولغان ۋە گۈللەنگەن.2500 يىل ئىلگىرىلا قەدىمكي گرېتسىيىنىڭ قىيالىقىغا مۇنداق ئۈچ جۈملە سۆز ئويۇلغان: «ئەگەر قاۋۇل بولىمەن دېسەڭ، يۈگۈر! ئەگەر گۈزەل بولىمەن دېسەڭ، يۈگۈر! ئەگەر ئەقىللىق بولىمەن دېسەڭ، يۈگۈر!»
مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى776 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك قەدىمكى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا يۈگۈرۈش مۇساپىسى27 .192 مېتىر بولغان. كېيىن مۇسابىقە ئارىلىقى ھەسسىلەپ ئۇزارتىلىپ، تەدرىجىي ھالدا ئوتتۇرا - ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش كېلىپ چىققان. يېقىنقى زامان ئوتتۇرا - ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش ھەرىكىتى ئەنگلىيىدە بارلىققا كەلگەن.18 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيىدىكى بىر قىسىم كەمبەغەللەر پۇل تېپىپ جان بېقىش ئۈچۈن، ھەر دائىم بەزى چوڭ بايرام كۈنلىرى كۆرۈرمەنلەرگە يۈگۈرۈشتە مۇسابىقىلىشىپ ئويۇن كۆرسەتكەن، ئارىلىقى قانچە ئۇزۇن بولسا، تاپاۋىتىمۇ شۇنچە كۆپ بولغان، بۇ خىل كەسىپ خاراكتېرىنى ئالغان ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش ھەرىكىتى كۆپچىلىكنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان، كېيىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر پۇل تېپىشنى كۆزلىمەيلا ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش سېپىگە قوشۇلغان.1896 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئوتتۇرا - ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش رەسمىي مۇسابىقە تۈرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ئوتتۇرا - ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش − ئوتتۇرا ئارىلىققا يۈگۈرۈش بىلەن ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈشنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر.800 مېتىر بىلەن1500 مېتىرغا يۈگۈرۈش ئوتتۇرا ئارىلىق بولۇپ،3000 مېتىردىن10 مىڭ مېتىرغا يۈگۈرۈش ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش ھېسابلىنىدۇ.
يېقىنقى100 يىلدىن بۇيان، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە نۇرغۇنلىغان ئاتاقلىق ئوتتۇرا - ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش تەنھەرىكەتچىلىرى مەيدانغا چىقتى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فىنلاندىيىلىك لومى ئىسىملىك بىر ياش تەنھەرىكەتچى20 ياش ۋاقتىدا1500 مېتىر،3000 مېتىر،5000 مېتىر ۋە10 مىڭ مېتىرلارغا يۈگۈرۈشتە بارلىق دۇنيا رېكورتلىرىنى يېڭىلىغان.1924 - يىلى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن8 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا لومى1500 مېتىر ۋە5000 مېتىرغا يۈگۈرۈشتە ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. ھازىرغىچە فىنلاندىيىنىڭ پايتەختى خېلىسنكىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەيدانى سىرتىدا ئۇنىڭ ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.50 - يىللاردا چېخوسلوۋاكىيىنىڭ داڭلىق ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش ماھىرى زاتوبېك ھەر خىل ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش تۈرلىرىدە17 قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغان نەتىجە ياراتقان.60 - يىللاردىن باشلاپ، ئافرىقا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا - ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش ھەرىكىتى ئۇشتۇمتۇت كۆتۈرۈلۈپ چىقتى.1978 - يىلى كېنىيە ماھىرى لورو3000 مېتىر،5000 مېتىر،10 مىڭ مېتىر ۋە3000 مېتىرلىق توسالغۇلۇق يۈگۈرۈش قاتارلىق تۆت تۈرنىڭ دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىغان.1993 - يىلى ماجۈنرېن مەشقاۋۇللۇقىدىكى جۇڭگو ئاياللار ئوتتۇرا - ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش ماھىرلىرى − «ما ئائىلىسى قوشۇنى» دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا سەھنىسىدە ئۇشتۇمتۇت كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، شۇ يىلى9 - ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاياللار10 مىڭ مېتىر،1500 مېتىر ۋە3000 مېتىرغا يۈگۈرۈشتىكى دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ۋاڭ جۈنشيا10 مىڭ مېتىرغا يۈگۈرۈشتە دۇنيا رېكورتىنى ئاز كەم42 سېكۇنت يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرا - ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش سەۋىيىسىنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرگەن.
ئوتتۇرا - ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈشتە بەش تۈر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى800 مېتىرنىڭ دۇنيا رېكورتى: ئەرلەرنىڭ بىر مىنۇت41 سېكۇنت3 .7 دەقىقە، ئاياللارنىڭ بىر مىنۇت53 سېكۇنت8 .2 دەقىقە؛10 مىڭ مېتىرنىڭ دۇنيا رېكورتى: ئەرلەرنىڭ26 مىنۇت58 سېكۇنت8 .3 دەقىقە، ئاياللارنىڭ29 مىنۇت31 سېكۇنت8 .7 دەقىقە.