UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرىجۇدو (رۇداۋ)

جۇدو (رۇداۋ)

تەنتەربىيە تۈرلىرى جۇدو بىر خىل ئېلىشىش خاراكتېردىكى قارشىلىشىدىغان ھەرىكىتى، مۇسابىقىدە ئىككى ئادەم ئەسۋابسىز، يالاڭ ئاياغ ھالەتتە قارشى تەرەپنى پالاسقا يىقىتسا ياكى قارشى تەرەپنىڭ دۈمبىسىنى پالاسقا30 سېكۇنت تەگكۈزسە غەلىبە قىلغان بولىدۇ، يەنە قارشى تەرەپنىڭ جەينەك بوغۇمىدىن ۋە ياكى بويۇن ئارتېرىيىسىدىن تۇتۇۋېلىپ قارشى تەرەپنى يېڭىلگەنلىكىنى تەن ئېلىشقا مەجبۇرلاشقىمۇ بولىدۇ. رۇداۋدىكى رۇ (柔) تېخنىكىلىق جەھەتتە قاتتىقلىق بىلەن يۇمشاقلىقنى تەڭ جارى قىلدۇرۇپ، يۇمشاقلىق ئارقىلىق بىلەن قاتتىقلىقنى يېڭىش، قارشى تەرەپنىڭ كۈچىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ قارشى تەرەپنى يىقىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. رۇداۋدىكى داۋ (道) تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئەخلاق - پەزىلەت تەربىيىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى جۇڭگو مۇشتۋازلىقى ياپونىيىگە تارقالغان، كېيىن ياپونىيىدە رۇشۇ (术柔) غا تەرەققىي قىلىپ، كۆپلىگەن مەزھەپلەرگە بۆلۈنگەن.19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى جۇڭگو مۇشتۋازلىقى ياپون چامباشلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ھەمدە ھەرقايسى رۇشۇ ئېقىملىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى قوبۇل قىلىنىپ، ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، جۇدو ھەرىكىتى يارىتىلغان.1951 - يىلى ياپونىيە، فرانسىيە قاتارلىق12 دۆلەتنىڭ تەشەببۇس قىلىشى ئارقىسىدا خەلقئارا جۇدو بىرلەشمىسى قۇرۇلغان، باش ئورگىنى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە، ئەزا دۆلەتلەردىن110 نەچچىسى بار. «جۇدو دۆلىتى» دەپ ئاتالغان ياپونىيىدە جۇدو «دۆلەت ماھارىتى» قىلىنغان بولۇپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوغۇللارنىڭ چوقۇم ئۆگىنىدىغان دەرسلىكى.1964 - يىلى5 - ئايدا ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن18 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا جۇدو رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. ھازىر خەلقئارالىق چوڭ مۇسابىقىلەردە ئولىمپىكتىكى جۇدو مۇسابىقىسىدىن باشقا يەنە خەلقئارا جۇدو بىرلەشمىسىنىڭ تاق يىللاردا ئۆتكۈزىدىغان دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى (چوڭلارنىڭ) بىلەن جۈپ يىللاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا ياشلار جۇدو لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بار.1980 - يىلى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئاياللار جۇدو لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. جۇدو مۇسابىقىسى دەرىجىگە ئايرىلغان بەدەن ئېغىرلىقلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەر - ئاياللارنىڭ سەككىز دەرىجىسى بولۇپ، ئەرلەرنىڭ60 ،65 ،71 ،78 ،86 ،95 ۋە95 كىلوگرام دەرىجىلىكلەردىن يۇقىرىلار بىلەن پەرقسىزلەر دەرىجىلىكلىرى بار؛ ئاياللارنىڭ48 ،52 ،56 ،61 ،66 ،72 ۋە72 كىلوگرام دەرىجىلىكلەردىن يۇقىرىلار بىلەن پەرقسىزلەر دەرىجىلىكلىرى بار. پەرقسىزلەر دەرىجىسىگە ھەرقانداق بەدەن ئېغىرلىقىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر قاتنىشالايدىغان بولغاچقا، سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر دەپ قارىلىدۇ.1992 - يىلى چۇاڭ شياۋيەن بارسېلونا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئاياللار جۇدو تۈرىنىڭ72 كىلوگراملىقلار دەرىجىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. بۇ، ئېلىمىز تەنھەرىكەتچىلىرى ئېرىشكەن تۇنجى ئولىمپىك جۇدو چېمپىيونلۇقىدۇر. ئېلىمىزنىڭ جۇدو ھەرىكىتى1979 - يىلىدىن باشلاپ گۈللىنىشكە باشلىغان.1980 - يىلى9 - ئايدا خېبېينىڭ چىڭخۇاڭداۋ شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك جۇدو لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.1981 - يىلى مەملىكەتلىك جۇدو چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى يېڭىدىن قوشۇلدى.1987 - يىلىدىن1989 - يىلىغىچە ئېلىمىزنىڭ ئىچكى موڭغۇل تەنھەرىكەتچىسى گاۋ فېڭلەن ئۇدا ئۈچ نۆۋەتلىك دۇنيا ئاياللار جۇدو لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ72 كىلوگرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى