زەيتۇن توپ
تەنتەربىيە تۈرلىرى
ئەنگلىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ۋرانگېي شەھىرىدە بىر مەكتەپنىڭ ئىچىگە ئابىدە تىكلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر خىل يېڭى تەنھەرىكەت تۈرىنىڭ كېلىپ چىققانلىقى خاتىرىلەنگەن، بۇ تەنھەرىكەت تۈرى دەل ۋرانگېي پۇتبولىدۇر. بۇ خىل توپ ئېللىپىس شەكلىدە بولۇپ، كۆرۈنۈشى زەيتۇنغا ئوخشىغاچقا، زەيتۇن توپ دەپ ئاتالغان.
زەيتۇن توپنىڭ كېلىپ چىقىشى ناھايىتى قىزىقارلىق.1823 - يىلى ۋرانگېيدىكى بىر مەكتەپنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىدە بىر بالا توپنى تېپەلمەي قاتتىق مەيۈسلىنىدۇ − دە، ئىختىيارسىزلا توپنى قولىغا ئېلىپ يۈگۈرۈپ كەتكەن. بەزىلەر بۇ قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتتىن ئېلھام ئېلىپ، زەيتۇن توپ ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ ئالدى بىلەن ئەنگلىيىدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلاردا قانات يايغان، بەزىلىرىدە كۇلۇبلار قۇرۇلغان. كېيىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرگە تارقالغان.1871 - يىلى ئەنگلىيىدە دۇنيا بويىچە تۇنجى زەيتۇن توپ جەمئىيىتى قۇرۇلغان.19 يىلدىن كېيىن زەيتۇن توپنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلىرى بارلىققا كەلگەن ھەمدە1906 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا زەيتۇن توپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.19
- ئەسىرنىڭ80 - يىللىرىدا زەيتۇن توپ ئامېرىكىغا تارقالغاندىن كېيىن مۇسابىقە قائىدىسىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولۇپ، زەيتۇن توپ ئامېرىكىچە ۋە ئەنگلىيىچە دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلغان. ئەنگلىيىچىسىدە ھەربىر كوماندىدا15 تىن ئادەم بولۇپ، كاندىدات ئەزالار بولمايدۇ، يەنى ئەزالار يارىلىنىپ قالسا، ئورنىغا ئادەم ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. مۇسابىقە ئالدىنقى يېرىم مەيدان ۋە كېيىنكى يېرىم مەيدانغا ئايرىلىپ، ھەربىرى40 مىنۇتتىن بولىدۇ. تەنھەرىكەتچىلەر بېشىغا قالپاق كىيىپ، توپ ئېلىپ قارشى تەرەپ ۋاراتا سىزىقىدىن ئۆتۈش بىلەن بىللە يەنە توپنى يەرگە قويسا، تۆت نومۇرغا ئېرىشىدۇ. ئىختىيارىي توپ تېپىپ قارشى تەرەپ ۋاراتاسىدىن ئۆتكۈزسە، ئىككى نومۇر ئالىدۇ. باشقا ئەھۋاللاردا توپنى تېپىپ قارشى تەرەپ ۋاراتاسىنىڭ توغرا بالدىقى ئۈستىدىن ئۆتكۈزسە، ئوخشاشلا ئىككى نومۇرغا ئېرىشىدۇ. ئېرىشكەن نومۇرى كۆپ بولغانلار غەلىبە قىلغان بولىدۇ. ئامېرىكىچىسىدە ھەربىر كوماندىدا11 ئادەم، يەنە كاندىدات ئەزالارمۇ بولىدۇ. مۇسابىقە تۆت كونتىرغا (بۆلەككە) بۆلۈنۈپ، ھەربىر كونتىرى15 مىنۇتتىن بولىدۇ. مۇسابىقە ۋاقتىدا تەنھەرىكەتچىلەر بېشىغا قالپاق كىيگەندىن سىرت، يەنە باشقا ئاسرىغۇچلارنى كىيىدۇ. توپ ئېلىپ قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسى ئالدىدىكى نومۇر ئېلىش رايونىدا توپنى يەرگە تەگكۈزسە، ئالتە نومۇرغا ئېرىشىدۇ. ئورنى بەلگىلەنگەن توپنى تېپىپ قارشى تەرەپ ۋاراتاسىنىڭ توغرا ياغىچىدىن ئۆتكۈزسە، بىر نومۇر ئالىدۇ. باشقا ئەھۋاللاردا ۋاراتاغا كىرگۈزسە، بىردەك ئۈچ نومۇرغا ئېرىشىدۇ. توپ ئالغان ئەزانى مۇداپىئە قىلغۇچىلار تۆۋەنكى سىزىقتىن قىستاپ چىقىرىۋەتسە، مۇداپىئە قىلغۇچىلار ئىككى نومۇرغا ئېرىشىدۇ.