UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرىتېز مۇز تېيىلىش

تېز مۇز تېيىلىش

تەنتەربىيە تۈرلىرى تېز مۇز تېيىلىش مۇز مەيدانىدا تېز سۈرئەتتە تېيىلىپ يۈگۈرۈش بولۇپ، مۇسابىقە تۈرلىرىدىن قىسقا ئارىلىقلىق (ئەر - ئاياللار500 مېتىر،1000 مېتىر)، ئوتتۇرا ئارىلىقلىق (ئەر - ئاياللار1500 مېتىر)، ئۇزۇن ئارىلىقلىق (ئەرلەر5000 مېتىر،10000 مېتىر، ئاياللار3000 مېتىر) يەككە تۈرلەر مۇسابىقىسى بىلەن ئومۇمىي ماھارەت مۇسابىقىسى بار. مۇز تېيىلىش ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن. قەدىمكى زاماندا كىشىلەر مۇز ئۈستىدە يۈرۈشكە ماسلىشىش ئۈچۈن مۇز تېيىلىشنى كەشىپ قىلغان.17 - ئەسىرگە كەلگەندە، مۇز تېيىلىش بىر خىل قاتناش ۋاسىتىسى ھەم ئويۇندىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، تەنتەربىيە مۇسابىقە تۈرىگە ئۆزگەرگەن.1892 - يىلى خەلقئارا مۇز تېيىلىش بىرلەشمىسى قۇرۇلغان.1893 - يىلى گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئەرلەر تېز مۇز تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، كېيىن يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن.1924 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئەرلەر تېز مۇز تېيىلىش رەسمىي مۇسابىقە تۈرى قىلىنغان. ئاياللار سۈرئەتلىك مۇز تېيىلىش پەقەت1960 - يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئاندىن رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. تېز مۇز تېيىلىشتا كۈچلۈك دۆلەتلەردىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، فىنلاندىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىقلار بار.1953 - يىل2 - ئايدا ئېلىمىز خاربىن شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن.1957 - يىلى تۇنجى قېتىم ماھىرلارنى ئەۋەتىپ دۇنيا مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ، ئەڭ ياخشى نەتىجىسى ئاياللار ئومۇمىي ماھارەت تۈرىدە21 - بولغانلىقىدۇر.1963 - يىل2 - ئايدا ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا تېز مۇز تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ئېلىمىزنىڭ ئەر تەنھەرىكەتچىسى لو جىخۇەن1500 مېتىرلىق تېيىلىشتا چېمپىيون بولۇپ، دۇنيا تېز مۇز تېيىلىشتا چېمپىيون بولغان تۇنجى جۇڭگو ماھىرى بولۇپ قالغان. ۋاڭ شۇيۈەن ئاياللارنىڭ قىسقا يولدا1000 مېتىرغا مۇز تېيىلىش تۈرىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ۋاڭ جىنيۈي بىلەن لو جىخۇەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا215 .181 ۋە486 .183 نومۇر بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ماھىرى شىلكوف ساقلاپ كەلگەن ئەرلەرنىڭ تېز مۇز تېيىلىش ئومۇمىي ماھارەت دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.1988 - يىلى ئېلىمىز ماھىرى لى يەن15 - نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئاياللارنىڭ قىسقا يولدا1000 مېتىرغا مۇز تېيىلىش تۈرىدە چېمپىيون بولغان ھەمدە بىر مىنۇت39 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن بۇ تۈرنىڭ دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.1989 - يىل3 - ئايدىكى14 - نۆۋەتلىك دۇنيا ستۇدېنتلار قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئېلىمىز ماھىرلىرى قىسقا يولدا مۇز تېيىلىشتىكى بەش ئالتۇن مېدالنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇ يىلى4 - ئايدا گو خۇڭرۇ دۇنيا قىسقا يولدا مۇز تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئاياللارنىڭ1000 مېتىرغا مۇز تېيىلىش تۈرىدە چېمپىيون بولغان. ئېلىمىز ماھىرى يې چاۋبو مۇ كۆپ قېتىم تېز مۇز تېيىلىشتا دۇنيا چېمپىيونى بولغان
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى