جۇڭگوچە شاھمات
تەنتەربىيە تۈرلىرى
جۇڭگوچە شاھمات قارا، قىزىل ئۇرۇقلار ئىككى قوشۇنغا ۋەكىللىك قىلىپ، ئۆزئارا قارشىلىشىدىغان ئەقىل مۇسابىقىسى بولۇپ، پەن بىلەن سەنئەت ئۆزئارا بىرلەشكەن ھەرىكەتتۇر.
جۇڭگوچە شاھماتنىڭ تاختىسى تىك تۆتبۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، ئۈستىدە90 كېسىشمە نۇقتا بار، ئۇرۇقلار بۇ كېسىشمە نۇقتىلارغا قويۇلىدۇ. تاختىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تىك سىزىقلار تۇتاشتۇرۇلمىغان جاي «دەريا پاسىلى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۈستۈنكى تەرەپ بىلەن ئاستىنقى تەرەپ چاپراس سىزىق بىلەن تۇتاشقان جاي «توققۇزلۇق ساراي» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇرۇقلار جەمئىي32 دانە بولۇپ، قىزىل ۋە قارا دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، ئويۇنغاچۈشكۈچى ھەربىر تەرەپ بىر خىل ئۇرۇقنى تىزىدۇ. ھەرقايسىسىدا بىردىن شاھ، ئىككىدىن قاراۋۇل، ئىككىدىن پىل، ئىككىدىن ھارۋا، ئىككىدىن ئات، ئىككىدىن توپ، بەشتىن لەشكەر بولىدۇ. يۈرۈش ئۇسۇلىدا، بىر تەرەپ ئاۋۋال يۈرىدۇ، ئاندىن نۆۋەت بىلەن ئۇرۇق يۈرۈپ قارشى تەرەپنى «مات قىلسا»، «بوغۇپ قويسا» ياكى قارشى تەرەپ يېڭىلگىنىگە تەن بەرسە، غەلىبە قىلغان بولىدۇ. يېڭىش - يېڭىلىش ئايرىلمىسا، تەڭ بولغان بولىدۇ.
تاڭ سۇلالىسىنىڭ باۋيىڭ يىللىرىدىلا (762 −763 ) جۇڭگودا شياڭشى ئويۇنى بولغان بولۇپ، ھازىرقى شاڭچى (جۇڭگوچە شاھمات) تۈزۈلمىسىگە يېقىنلاشقان. قەدىمكى ئەمەلدارلارنىڭ تەربىيىلىنىشىدىكى تۆت ماھارەت (گۇچىن، جۇڭگوچە شاھمات، خەتتاتلىق، رەساملىق)تە «جۇڭگوچە شاھمات» تۈرى بولغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگوچە شاھمات مەملىكەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقە تۈرىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەن.1956 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك جۇڭگوچە شاھمات مۇسابىقىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن.1962 - يىلى جۇڭگوچە شاھمات جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، ھەر يىلى ھەر خىل تىپتىكى كۆپلىگەن مەملىكەتلىك جۇڭگوچە شاھمات مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزدى.70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، جۇڭگوچە شاھمات ئاسىيادىن چىقىپ دۇنياغا يۈزلەنگەن.1978 - يىلى ئاسىيا جۇڭگوچە شاھمات بىرلەشمىسى مالايسىيەدە قۇرۇلغان.1980 - يىلى ئاۋمېندا تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا لوڭقىسى جۇڭگوچە شاھمات مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.1984 - يىلى جۇڭگوچە شاھمات جەمئىيىتى گۇاڭدۇڭ جۇڭگوچە شاھمات جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە «يەتتە يۇلتۇز لوڭقىسى» جۇڭگوچە شاھمات خەلقئارا تەكلىپ مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەن.1990 - يىلى سىنگاپوردا تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا جۇڭگوچە شاھمات لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. دۇنيادا40 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا جۇڭگوچە شاھمات تەشكىلاتلىرى قۇرۇلغان.
جۇڭگوچە شاھمات ماھىرلىرى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتا تەرتىپ بىلەن خەلقئارا ئالاھىدە ماھىر، خەلقئارا ماھىر، دۆلەت ئىچى ماھىرى (ئالاھىدە ماھىر ۋە ماھىرغا ئايرىلىدۇ)دەپ ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، دەرىجىلەرگە ئايرىشتا ماھىرلارنىڭ رەسمىي مۇسابىقىلەردە ئېرىشكەن نەتىجىسى دەرىجە نومۇرىغا سۇندۇرۇلۇپ بېكىتىلىدۇ.1988 - يىلىغا كەلگۈچە جۇڭگوچە شاھماتتا مەملىكەتلىك چېمپىيون بولغان قېتىمى ئەڭ كۆپ بولغىنى خو رۇڭخۇا بولۇپ، جەمئىي13 قېتىم مەملىكەتلىك چېمپىيون بولغان.