UyghurWiki
UyghurWikiتەنتەربىيە تۈرلىرىتوپ تۈرلىرىدىكى كىچىك ئۇكا − قول توپ

توپ تۈرلىرىدىكى كىچىك ئۇكا − قول توپ

تەنتەربىيە تۈرلىرى قول توپ توپ تۈرىدىكى «كىچىك ئۇكا» بولۇپ، ئۇ1917 - يىلى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، رەسمىي مۇسابىقە تۈرى بولغىنىغا50 نەچچە يىللا بولدى.1972 - يىلى ۋە1976 - يىلى ئەر - ئاياللار يەتتە كىشىلىك تۈزۈمدىكى قول توپ مۇسابىقىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. قول توپ پۇتبول بىلەن ۋاسكېتبولنىڭ ئايرىم ھەرىكەتلىرىدىن يۇغۇرۇلغان ھەرىكەتتۇر. ئۇنىڭ مەيدانى تىك تۆتبۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، كىچىكلىتىلگەن پۇتبول مەيدانىغا ئوخشايدۇ. مۇسابىقىسى ئەڭ دەسلەپ11 كىشىلىك تۈزۈمدە بولغان،60 - يىللاردا يەتتە كىشىلىك تۈزۈمگە ئۆزگەرتىلگەن. مۇسابىقە ۋاقتىدا ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئەزالىرى بەلگىلىك تېخنىكا ۋە تاكتىكىلارنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتا رايونى سىرتىدىن توپنى ۋاراتاغا ئېتىپ كىرگۈزۈپ نومۇر ئالىدۇ. بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە (ئەرلەر60 مىنۇت، ئاياللار50 مىنۇت) كىرگۈزگەن توپى كۆپ بولغانلار غەلىبە قىلغان بولىدۇ. دۇنيادا سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى رايون ياۋروپا بولۇپ، تارىختىكى دۇنيا قول توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنىڭ ھەممىسىنى ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ئىگىلىگەن، بۇ، قول توپنىڭ ياۋروپادا بارلىققا كەلگىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئېلىمىزنىڭ قول توپ ھەرىكىتى كېچىكىپ قانات يايغان بولۇپ،50 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالدى بىلەن ئارمىيە ئىچىدە روناق تاپقان، كېيىن تەدرىجىي ھالدا يەرلىككە كېڭەيگەن. ھازىر ئاسىيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار تەنتەربىيە تۈرلىرى