UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتىئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ تۈزۈلۈشى

ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ تۈزۈلۈشى

تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى ئېكولوگىيىلىك سىستېما ئىشلەپچىقارغۇچى، ئىستېمال قىلغۇچى، پارچىلىغۇچى ۋە جانسىزلار (ئانئورگانىك دۇنيا) قاتارلىق تۆت قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. ئۇلار (ماددا ئايلىنىش ۋە ئېنېرگىيە يۆتكىلىش داۋامىدا) ئۆزلىرىنىڭ مۇئەييەن رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ ھەمدە ئومۇمىي گەۋدە فۇنكسىيىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتكۈل ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنى نورمال ھەرىكەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىشلەپچىقارغۇچى دېگىنىمىز، يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرسىتىدۇ، جۈملىدىن تاق ھۈجەيرىـلـىـك يۈسۈن تۈرى ۋە ئانئورگانىك ماددىلارنى ئورگانىك ماددىلارغا ئايلاندۇرالايدىغان بەزى باكتېرىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرمىقىدا خلوروفىل بولىدۇ. ئۇ فوتوسىنتېز رولى ئارقىلىق قۇياش ئېنېرگىيىسىنى خىمىيىلىك ئېنېرگىيىـگـە، ئانئورگانىك ماددىلارنى ئورگانىك ماددىغا ئايلاندۇرىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىنى قامداپ، يەر شارىدىكى بارلىق جانلىقلار ۋە ئىنسانلارنىڭ يېمەكلىكى، ئېنېرگىيىسىنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا، يېشىل ئۆسۈملۈك ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىسىدۇر. ئىستېمال قىلغۇچىلار ئاساسلىقى ھايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار تاشقـى دۇنيادىكى ئېنېرگىيە ۋە ئانئورگانىك ماددىلار ئىشلەپچىقارغان ئورگانىك ماددىلاردىن بىۋاسىتە پايدىلىنالمايدۇ، بەلكى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى خورىتىش ئارقىلىق ياشايدۇ. ئوتخور ھايۋانلار ئۆسۈملۈكلەرنى بىۋاسىتە يېمەكلىك قىلغاچقا، بىرىنچى دەرىجىلىك ئىستېمال قىلغۇچى دېيىلىدۇ، چېكەتكە قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالىدۇر؛ ئوتخور ھايۋانلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدىغان گۆشخور ھايۋانلار ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىستېمال قىلغۇچى دېيىلـىـدۇ، يېشىل پاقا، چارپاقا قاتارلىقلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. گۆشخور ھايۋانلارنى ئوزۇقلـۇق قىلغۇچى ھايۋانلار ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئىستېمال قىلغۇچىلار دېيىلىدۇ، ئۇلارغا يىلان، مۈشۈكياپىلاق قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن. يۇقىرىدىكى ئىستېمال قىلغۇچىلار ئېكولوگىيىلىك سىستېمىدىكى مۇھىم ھالقىلار ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار پۈتكۈل ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ ئۆزىنى تەڭشەش ئىقتىدارىدا، بولۇپمۇ ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ زىيادە ئۆسۈشى، كۆپىيىشىدە تىزگىنلەش رولىنى ئوينايدۇ. پارچىلىغۇچىلار پارچىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە تۈرلۈك مىكرو ئورگانىزملارنى كۆرسىتىدۇ، بۇ، بەزى تۆۋەن دەرىجىلىك ئىپتىدائىي جانلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلارغا تۇپراق يىپ قۇرتى، قىل ئاياغلىق قۇرت قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. پارچىلىغۇچىلار ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ »تازىلىغۇچىلىرى«، ئۇلار ئۆلگەن ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تېنىنى پارچىلاش، ئاددىي ئانئورگانىك ماددىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى جانسىزلار مۇھىتىغا قايتۇرىدۇ. پارچىلىغۇچىلار بولمىسا، ئۆلگەن ئورگانىك تەنلەر دۆۋىلىنىپ كېتىدۇ، نەتىجىدە، ئوزۇقلۇق ماددىلار جانلىقلار بىلەن جانسىزلار ئارىسىدا ئايلىنىش ھاسىل قىلالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئېكولوگىيىلىك سىستېما مەنبەسىز سۇغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئېكولوگىيىلىك سىستېمىدىكى پارچىلىغۇچىلارنىڭ سانى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بەزىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە،10 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق ئېتىز تۇپرىقىدىكى باكتېرىيىلەرنىڭ ئېغىرلىقى8 كىلوگرامغا يېتىدىكەن. جانسىز ماددىلار، يەنى ئانئورگانىك دۇنيا دېگىنىمىز، ئېكولوگىيىلىك سىستېمىدىكى تۈرلۈك جانسىز ئانئورگانىك ماددا ۋە تۈرلۈك تەبىئىي ئامىللارنى كۆرسىتىدۇ. ئېكولوگىيىلىك سىستېمىدىكى ھەرقايسى تەركىبىي قىسىملار ئۆزىگە خاس ئىش تەقسىماتى ۋە ھەمكارلىققا ئىگە. ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئىستېمال قىلغۇچىلار ۋە پارچىلىغۇچىلارنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئىستېمال قىلغۇچىلار ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ سانىنى جانسىزلار مۇھىتى بەرداشلىق بېرەلەيدىغان دائىرىدە تىزگىنلەيدۇ؛ ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ قالدۇقلىرى، چىقىرىندىلىرى پارچىلىغۇچىلار تەرىپىدىن ئانئورگانىك ماددىغا پارچىلىنىپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قايتىدىن پايدىلىنىشىغا بېرىلىدۇ. ئىشلەپچىقارغۇچى، ئىستېمال قىلغۇچى، پارچىلىغۇچى ۋە جانسىزلار مۇھىتى ئارىسىدىكى ماسلىق، بىرلىكلىك ئېكولوگىيىلىك سىستېما رولىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى
ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ تۈزۈلۈشى | UyghurWiki | UyghurWiki