UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتىئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بەرپا قىلىنىشى

ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بەرپا قىلىنىشى

تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭمۇ ئادەمگە ئوخشاشلا گۆدەكلىك مەزگىلى ۋە ئۆسۈش مەزگىلىدىن يېتىلىش مەزگىلىگىچە بولغان جەريانى بولىدۇ. ئېكولوگىيىلىك سىستېما يېتىلىش باسقۇچىغا كىرگەندە ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى، رولى، جۈملىدىن جانلىقلار تۈرىنىڭ تەشكىللىنىشى، جانلىقلارنىڭ سان نىسبىتى، ئېنېرگىيىنىڭ ئېقىشى ھەمدە ماددىلارنىڭ ئايلىنىشى نىسپىي مۇقىم ھالەتتە بولىدۇ. مانا بۇ، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق دېيىلىدۇ. مەسىلەن، كۆلدىكى بېلىق لەيلىگۈچى ھايۋان − ئۆسۈملۈكلەرگە تايىنىپ ياشايدۇ، بېلىق ئۆلگەندىن كېيىن سۇدىكى مىكرو ئورگانىزملار بېلىقنىڭ تېنىنى خىمىيىلىك بىرىكمە ماددىلارغا ئايلاندۇرىدۇ، بۇ بىرىكمە ماددىلار يەنە لەيلىگۈچى ھايۋان − ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئوزۇقلۇقىغا ئايلىنىدۇ، لەيلىگۈچى جانلىقلار لەيلىگۈچى ئۆسۈملۈكلەرنى يەيدۇ، بېلىق يەنە لەيلىگۈچى ھايۋانلارنى ئوزۇق قىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق قىلىپ، كۆلدىكى مىكرو ئورگانىزملار − لەيلىگۈچى ھايۋان − ئۆسۈملۈك − بېلىق ئارىسـىـدا مۇئەيـيـەن ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق ئورنىتىلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا يېتىلگەن ئېكولوگىيىلىك سىستېما ئىچىدىكى جانلىقلار تۈرى كۆپ بولغانسېرى ئوزۇق تورىمۇ شۇنچىكى مۇرەككەپ بولىدۇ، ماددىلارنىڭ ئايلىنىشى ۋە ئېنېرگىيىنىڭ ئېقىشى كۆپ يول ئارقىلىق داۋاملىشىدۇ. ئەگەر مەلۇم ھالقا توسالغۇغا ئۇچرىسا، باشقا ھالقىلار تولۇقلاش رولىنى ئوينىيالايدۇ. مەسىلەن، بۈركۈت توشقان، ئېتىز چاشقىنى، قۇشقاچ ۋە يىلاننى يەيدۇ، توشقان، يىلان تۈگەپ كەتسە، قۇشقاچ، ئېتىز چاشقىنىنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ. بۇ خىل ئۆز - ئۆزىنى تەڭشەش ئىقتىدارىنىڭ مۇئەييەن چېكى بولىدۇ، چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە تەڭپۇڭلۇق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، ھەتتا ئېكولوگىيىلىك كرىزىس كېلىپ چىقىدۇ. ياۋروپالىق كۆچمەنلەر ئاۋسترالىيىگە يېڭى كەلگەندە، ئۇ جاينى ياپيېشىل ئوتلار قاپلىغانلىقىنى كۆرۈپ كۆپلەپ كالا باققان. كېيىنچە كالا تېزىكى ئاپەتكە ئايلىنىپ، يايلاقلار نابۇت بولغان، چىۋىن تۈرىدىكىلەر ئاينـىـپ كەتكەن، نەتىجىدە، تېزەكنى ئوزۇقلۇق قىلىدىغان تۇلۇقچىقوڭغۇزلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق چارۋىچىلىق فېرمىلىرى ئەسلىدىكى ھالىتىگـە كەلتۈرۈلگەن. ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇققا تەبىئىي ۋە سۈنئىي ئىككـى خىل ئامىل تەسىر كۆرسىتىدۇ. يانار تاغنىڭ پارتلىشى، چاقماقتىن پەيدا بولغان ئوت ئاپىتى، يەر تەۋرەش، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن قاتارلىقلار تەبىئىي ئامىلغا كىرىدۇ؛ زىيادە كۆپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، چارۋا بېقىش، قالايمىقان تۇتۇش، قالايمىقان ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىقلار سۈنئىي ئامىلغا كىرىدۇ. ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى ئاساسلىقى ئادەم پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، مىسىردىكى ئاسۋان توسمىسى ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى لاتقىلارنى توسۇۋالغاچقا، نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى تۇپراق ئۈنۈمسىزلىشىپ كەتكەن؛ دەريادىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئازايغاچقا، نىل دەرياسى دېلتىسى ۋە ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىكى بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى تەسىرگە ئۇچراپ، مىسىرنىڭ ساردىن بېلىقى ئازىيىپ كەتكەن. يەنە مەسىلەن، ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايوندا ئورمان بايلىقى تامامەن كېسىلىپ تۈگىگەچكە،1978 - يىلىدىكى پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن ئاپىتى پەيدا بولۇپ،2000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن،40 مىڭ تۇياق چارۋا سۇغا غەرق بولغان. ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق بىر خىل ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقتۇر. بۇ خىل تەڭپۇڭلۇق سىستېمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تۈرلۈك ماددىلارنىڭ ئايلىنىشى ۋە ئېنېرگىيىنىڭ ئېقىشى ھەر ۋاقىت داۋاملىشىدۇ. بۇ خىل تەڭپۇڭلۇق سىستېمىسى تاشقى دۇنيانىڭ تەسىرىگە خېلى سەزگۈر كېلىدۇ، بىراق، بۇ ئىنسانلار مۇھىتتىن پايدىلانسا، مۇھىتنى ئۆزگەرتسە بولمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ياشاشقا تېخىمۇ پايدىلـىق بولۇشى ئۈچۈن، ئىنسانلار يېڭى تەڭپۇڭلۇقنى بەرپا قىلسا تامامەن بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ جۇجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى «ئۈجمىلىك قاش» تا ئۈجمە، پىلە قۇرتى، بېلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئۆزئارا تۈرتكە قىلىنغانلىقى يېزا ئىگىلىكى ئېكولوگىيە تەڭپۇڭلۇقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك مىسالى بولالايدۇ. ئۇنىـڭـدىـن باشقا، ئېلىمىز خەلقىنىڭ بېيداخۇاڭ چۆللۈكىنى »بېيداخۇاڭ ئاشلىق ئامبىرى»غا ئۆزگەرتكەنلىكىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە تەڭپۇڭلۇقىنى قايتىدىن بەرپا قىلغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى
ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بەرپا قىلىنىشى | UyghurWiki | UyghurWiki