UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتىزىيانلىق ماددىلارنىڭ توپلىنىشى

زىيانلىق ماددىلارنىڭ توپلىنىشى

تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى 1955 - يىلىدىن1972 - يىلىغىچە ياپونىيىنىڭ توياما ناھىيىسى جىنزى دەرياسى ۋادىسىدا بىر خىل غەلىتە «سۆڭەك ئاغرىش كېسەللىكى» كۆرۈلگەن. ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، بۇ خىل كېسەللىك جىنزى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى مەلۇم سىنك ئايرىش زاۋۇتى چىقارغان كېرەكسىز سۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكـەن. بىراق، بـۇ زاۋۇت1913 - يىلىدىن باشلاپلا سىنك ئايرىشقا باشلىغان تۇرسا، نېمە ئۈچۈن خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە بۇ خىل كېسەللىك كۆرۈلمىدى؟ بۇ − زىيانلىق ماددىلارنىڭ توپلىنىشىنىڭ نەتىجىسى. سىنك ئايرىش زاۋۇتى تەركىبىدە كادمىي بولغان سۇنى قويۇپ بېرىپ، جىنزى دەرياسىنىڭ سۈيىنى بۇلغىغان، ئىككى قىرغاقتىكى ئاھالىلەر مۇشۇ دەريانىڭ سۈيى بىلەن ئېتىزلىرىنى سۇغارغان، نەتىجىدە، كادمىي ماددىسى گۈرۈچ ئىچىگە توپلىنىۋېرىپ، زەھەرلىنىشنى پەيدا قىلغان. بۇ پاكىت شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى باشلىنىشتىن تارتىپ خەۋپ پەيدا قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا مەلۇم جەرياننى بېسىپ ئۆتىدۇ. باشلىنىشىدا كىشىلەر ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، بۇلغانمىلار مۇھىتقا كىرگەندىن كېيىن، ئاتموسفېرانىڭ تارقىتىش ئىقتىدارى، سۇنىڭ سۇيۇلدۇرۇش ئىقتىدارى، تۇپراقنىڭ تازىلاش ئىقتىدارى ياكى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ پارچىلىشى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى تۆۋەنلەيدۇ، بەزىدە پاكىزلىنىپ كېتىدۇ. بىراق، خېلى بىر قىسىم بۇلغىمىلارنىڭ خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى مۇقىم بولغاچقا، ئاسان پارچىلانمايدۇ، مۇرەككەپ ئېكولوگىيىلىك سىستېمـا ئىـچـىـدە ئۈزلـۈكـسـىـز يۆتكىلىدۇ، ئايلىنىدۇ ۋە توپلىنىدۇ. بۇ خىل توپلىنىش بۇلغىمىلارنىڭ قويۇقلۇقىنى بارغانسېرى ئاشۇرىدۇ، ئاخىرىدا خـەۋپ پـەيـدا قـىـلـىـدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ لوس - ئانژېلېس شەھىرىدىكى مەشھۇر ئارامگاھ سۈزۈك كۆلدە ئىلگىرى TDD ئىشلىتىلگەچكە، بېلىق، قۇش تۈرىدىكىلەر كۆپلەپ ئۆلۈپ كەتكەن. TDD جانلىقلار تېنىگە ئوزۇق زەنجىرى ئارقىلىق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرئەت بىلەن توپلانغان. ئەگەر كۆل سۈيىدىكى TDD نىڭ قويۇقلۇقىنى بىر ھەسسە دەپ قارىساق، ئۇنداقتا كۆل سۈيىدىكى لەيلىگۈچى جانلىقلار تېنىدىكى TDD نىڭ قويۇقلۇقى265 ھەسسە بولىدۇ، لەيلىگۈچى جانلىقلارنى ئوزۇق قىلغان ئۇششاق بېلىقلارنىڭ مېيىدا500 ھەسسە كۆپىيىدۇ، ئۇششاق بېلىقلارنى ئوزۇق قىلـىدىغـان چـوڭ بېلىقلارنىڭ مېيىدا85 مىڭ ھەسسىگە يېتىدۇ. قـۇش تۈرىدىكىلەر بۇ خىل بېلىقلارنى يېسە، ئۇلارنىڭ مېيىدىكى TDD نىڭ قويۇقلۇقى كۆل سۈيىدىكىنىڭ نەچچە مىليون ھەسسىسىگە يېـتـىـدۇ. مۇبادا ئادەم بۇ خىل بېلىق ۋە قۇشلارنى يېسە، TDD ئادەم تېنىدىكى مايغا توپلىنىدۇ. مۇھىتتىكى بۇلغىمىلار جانلىقلار تېنىدىلا توپلىنىپ قالماستىن، تۇپراق تەرىپىدىنمۇ سۈمۈرۈلىدۇ. بۇلغىمىلارنىڭ توپلىنىشى مۇھىتتىكى بۇلغىمىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى ۋاقتىنچە تۆۋەنلىتىپ، يوشۇرۇن تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ. توپلانغان بۇلغىمىلار قايتىدىن سۇ ياكى تۇپراققا قويۇپ بېرىلسە ئۆسۈملۈكلەر تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ، ئىككىـنـچـى قـېـتـىـمـلـىـق بۇلغىنىشنى پەيدا قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى
زىيانلىق ماددىلارنىڭ توپلىنىشى | UyghurWiki | UyghurWiki