تۆت بىر گەۋدىلەشكەن تەبىئەت دۇنياسى
تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى
تەبىئەت دۇنياسىدا تەخمىنەن2 مىليون خىلدىن ئارتۇق جانلىق بار، ئۇلار ئۆزئارا بىرلىشىپ جانلىقلار توپىنى ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە يەر شارىنىڭ يۈزىدىكى ھاۋا، سۇ، تۇپراقتىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارغا تايىنـىـپ ياشايدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ. بۇ جانلىقلار توپى مۇئەييەن دائىرە ۋە رايوندا بىر - بىرىگە تايىنىپ ياشايدۇ، ئۇلار يەنە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان مۇھىت بىلەن ئۈزلۈكسىز ماددا ئالماشتۇرۇپ ۋە ئېنېرگىيە يەتكۈزۈپ، ھەرىكەتچان سىستېمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ، ئېكولوگىيىلىك سىستېما دېيىلىدۇ. ئېكولوگىيىلىك سىستـېـمـا ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر، مىكرو جانلىقلار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى غەيرىي جانلىقلار مۇھىتى (ئانئورگانىك مۇھىت، فىزىكىلىق مۇھىت دەپمۇ ئاتىلىدۇ)دىن ئىبارەت تۆت چوڭ تەركىبتىن تۈزۈلىدۇ، ئۇلار ماددىنىڭ ئايلىنىشى، ئېنېرگىيىنىڭ ئېقىشىغا تايىنىپ ئورگانىك بىرلىشىش ئارقىلىق تۆتى بىر گەۋدە بولغان ئېكولوگىيىلىك سىستېما قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مانا بۇ تۆت بىر گەۋدىلەشكەن تەبىئەت دۇنياسىدۇر.
تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئېكولوگىيـىـلـىـك سىستېما چوڭمۇ بولىدۇ، كىچىكمۇ بولىدۇ. كىچىكىنى بىر تامچە سۇ، بىر پارچە ئوتلاق، بىر كۆلچەككە؛ چوڭلىرىنى كۆل، دېڭىز - ئوكيـان، ئورمـان، يـايلاق قاتارلىقلارغـا ئوخشىتىش مۇمكىن. كۆلچەكنى تىپىك ئېكولوگىيىلىك سىستېما دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدا تۈرلۈك سۇ جانلىقلىرى، ئۆسۈملۈكلەر، باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ ھەمدە مۇشۇ جانلىقلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بـولغان سۇ، لاي، قۇياش نۇرى، تېمپېراتۇرا قاتارلىق جانسىزلار مۇھىتى ھازىرلانغان بولىدۇ. سۇ ئۆسۈملۈكلىرى قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ فوتوسىنتېز رولى ئارقىلىق سۇ ھەم لايدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ۋە ئاتموسفېرادىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى ئورگانىك ماددىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆسۈملۈك تېنىدە ساقلايدۇ؛ كىچىك تىپتىكى لەيلىگۈچى ھايۋانلار لەيلىگۈچى ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ؛ لەيلىگۈچى ھايۋانلار بىلەن يىلتىزلىق ئۆسۈملۈكلەر بېلىق تۈرىدىكىلەرگە ئوزۇق بولىدۇ؛ ئاخىرىدا، سۇ ۋە لايدىكى باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ ھەمدە پارازىت ھايۋانلار سۇ ئۆسۈملۈكلىرى ۋە سۇ ھايۋانلىرىنىڭ قالدۇقلىرىنى ئانئورگانىك ماددىغا پارچىلاپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قايتا پايدىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىتقا قويۇپ بېرىدۇ. نەتىجىدە، بۇ مۇكەممەل ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئاساسىي پائالىيەت بۆلىكىگە ئايلىنىدۇ، ئۇ ماددىلارنىڭ ئايلىنىشى ۋە ئېنېرگىيىنىڭ ئېقىشىدا مۇھىم فۇنكسىيىلىك رولىغا ئىگە.
ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ ھەرقايسى تەركىبىي قىسىملىرى ئۆزئارا باغلانغان بولىدۇ. ئەگەر ئىنسانلار پائالىيىتى ئۇلارنىڭ مەلۇم قىسمىغا كاشىلا يەتكۈزسە، پۈتكۈل سىستېما ئۆزلۈكىدىن تەڭشىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، ئەسلىدىكى ھالەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ. مەسىلەن، بېلىق تۇتۇلغاندىن كېيىـن، كۆلدىكى سۇ ئۆسۈملۈكلىرى ۋە لەيلىگۈچى ھايۋانلارنىڭ كۈشەندىسى ئازىيىـدۇ، سـۇ ئۆسۈملۈكلىرى، لەيلىگۈچى ھايۋانلار تـېـز كـۆپـىـيـىـدۇ، بـۇ، بېلىق تۈرىدىكىلەرنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ، ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ تەركىبىي تۈزۈلۈشى كۆپ خىللاشقانسـېـرى ئېنېرگىيىنىڭ ئېقىشى ۋە ماددىنىڭ ئايلىنىش يوللىرى مۇرەككەپلىشىدۇ، تەڭشەش ئىقتىدارىمۇ كۈچىيىدۇ. بىراق، ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ ئۆزىنى تەڭشەش ئىقتىدارى چەكلىك بولىدۇ، ئەگەر ئىنسانلار ئۇنىڭغا زور كۆلەمدە كاشىلا قىلسا، ئۇ ئۆزىنى تەڭشىيەلمەي قالىدۇ، نەتىجىدە، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.20 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرى ئامېرىكا غەربىي قىسىمدىكى ئوتلاقلاردا زور كۆلەمدە بوز يەر ئاچقان. بۇنىڭ بىلەن، ئۆسۈملۈكلەر ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىقـقـا ئۇچـراپ، يـەر يۈزى قوغدىلىشتىن مەھرۇم بولغاچقا «قارا بوران» چىقىپ،300 مىليون توننىدىن ئارتۇق تۇپراقنى ئۇچۇرۇپ كەتكەن، مەملىكەت بويىچە كۈزگى بۇغداي مەھسۇلاتى بىر يىلدا5 مىليارد كىلوگرامدىن ئارتـۇق كېمىيىپ كەتكەن.
ئىنسانلارنىڭ مۇھىتتىن پايدىلىنىش، ئۇنى ياخشىلاش ئىقتىدارىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىپتىدائىي ئورمان ۋە قۇتـۇپ رايونىغا ئوخشاش ئىپتىدائىي ئېكولوگىيىلىك سىستېمىلار ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى، ئۇلارنىڭ ئورنىنى باقمىچىلىق كۆللىرى، يېقىلغۇ ئورمىنى ۋە يېزا - كەنت قاتارلىق يېرىم سۈنئىي ئېكولوگىيىلىك سىستېما ھەمدە شەھەر، زاۋۇت قاتارلىق سۈنئىي ئېكولوگىيىلىك سىستېمىلار ئىگىلىدى. ھالبۇكى، ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى تەدرىجىي تونـۇپ يەتتى، ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن مۇھىتنى بىر سىستېما قىلىپ ئويلىنىدىغان بولدى. نەتىجىدە، ئىنسـانلار بـىـلـەن مۇھىت ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى تېخىمۇ ئوبدان ساقلاش ئۈچۈن، «ئىنسانلار ئېكولوگىيىلىك سىستېمىسى» ھەمدە «ئىجتىمائىي ئېكـولـوگـىـيـىـلـىـك سىستېما» بارلىققا كەلدى.