UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتىئېنېرگىيە بايلىقىدىن پايدىلىنىش ۋە ئىسسىق ئارال ھادىسىسى

ئېنېرگىيە بايلىقىدىن پايدىلىنىش ۋە ئىسسىق ئارال ھادىسىسى

تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى شەھەرلەردە ئاھالە زىچ ئورۇنلاشقان، سودا - سانائەت يۈكسەك مەركەزلەشكەن بـولـىدۇ. شۇڭا، شەھەرلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ «ئىسسىق ئارال ھادىسىسى» دېيىلىدۇ، ئىسسىق ئارال ئېففېكتىمۇ دېيىلىدۇ. بۇ ھازىرقى زامان شەھەر تۇرمۇشىغا تەھدىت سالماقتا. شەھەرلەردە ئاھالە مەركەزلەشكەن بولغاچقا، ھەر ۋاقىت زور مىقداردا ئېنېرگىيە خورايدۇ. ئېنېرگىيە خوراش جەريانىدا ئىسسىقلىق تارقىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلغىمىلار كۆپ بـولـۇش، شـەھەرلـەردىـكـى ئىمارەتلەر، ئاسفالت يول ياكى سېمونت يوللارنى قۇياش نۇرىنىڭ قىزىتىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى شەھەر رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى شەھەر ئەتراپى رايونىنىڭكىدىن5 .0 ~2 گرادۇس يۇقىرى، نەملىك دەرىجىسى % 2 ~ %8 تۆۋەن بولىدۇ. دۇنيادىكى20 نەچچە شەھەرنى تەكشۈرۈش، ستاتىستىكا قىلىشتىـن قارىغاندا، شەھەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچـە تېمپېراتۇرىسى شەھەر ئەتراپىنىڭكىدىن ℃ 3 .0 ~ ℃ 8 .1 يۇقىرى بولىدىكەن. شەھەر رايونىنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغاچقا، ئىسسىق ھەم يېنىك ھاۋا كۆپ مىقداردىكى چاڭ - توزانلارنى ئېلىپ ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلىدۇ؛ شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى سوغۇق ھەم ئېغىر ھاۋا تۆۋەن ھاۋا ئېقىمى ئارقىلىق شەھەر رايونىغا كىرىـپ، خېلى ئۇزاققىچە تارقىلالمايدۇ. يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەن ئىسسىق ھاۋا بوشلۇقتا سوۋۇپ ۋە ئېغىرلىشىپ ئەتراپقا تارقىلىدۇ، تۆۋەنكى قاتلامغا بارغاندىن كـېـيـىـن يەنە شەھەر رايونى بوشلۇقىغا ئېقىپ، مەيـنـەت ھاۋا توپىنىڭ ئايلىنىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ مەينەت ھاۋا توپى ئاساسلىقى سانائەتتىكى كېرەكسىز گاز، تۈرلۈك يېقىلغۇ ئۈسكۈنىلىرى چىقارغان ئىس - تۈتەك، ئاپتوموبىل قالدۇق گازى قاتارلىقلاردىن كېلىدۇ. ئىسسىق ئارال ئېففېكتى ئاتموسفېرانىڭ ئۆز - ئۆزىنى تازىلاش ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويغاچقا، شەھەر ئاتموسفېراسىنىڭ بۇلغىنىشى كۈنسېرى ئېغىرلىشىدۇ، ياز پەسلىدە شەھەر رايونىدىكى كىشىلەر دىمىق ئىسسىقتا قالىدۇ، نەتىجىدە، كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ھەم سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىدۇ. ئىسسىق ئارال ھادىسىسى ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، شەھەر مۇھىتىنى نازارەت قىلىش، بـاشـقـۇرۇشـنـى كۈچەيتىش كېرەك. بىر تەرەپتىن، كونا بۇلغىما مەنبەلىرىنى تۈزەشنى چىڭ تۇتۇش، يەنە بىر تەرەپتىن، يېڭى بۇلغىما مەنبەلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. بۇنىڭدا شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۆپىيىـشىنى تىزگىنلەش، شەھەر يوللىرىنى ھەمدە شەھەردىكى ئاممىـۋى يېشىللىق كۆلىمىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلار ئۈنۈملۈك تەدبىر ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە.
← بارلىق تېمىلار تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى