ئىنسانلار ۋە تەبىئىي مۇھىت
تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى
تەبىئىي مۇھىت − ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، كۆپىيىشىنىـڭ ماددىي ئاساسى؛ تەبىئىي مۇھىتنى قوغداش ۋە ياخشـىلاش − ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. بۇ ئىككىسى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي مۇھىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككى تەرىپى، بۇلاردىن بىرى كەم بولسا ئىنسانلارغا بالايىئاپەت كېلىدۇ.
بىز ياشاۋاتقان تەبىئىي مۇھىت − يەر شارىنىڭ يۈزىدۇر، ھاۋا، سۇ، تاغ جىنسى (جۈملىدىن تۇپراق) قاتارلىقلار ئاتموسفېرا، گىدروسفېرا ۋە لىتوسفېرانى تەشكىل قىلىدۇ، مۇشۇ ئۈچ چەمبىرەكنىڭ ئۇچراشقان قىسمى جانلىقلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغـان بىئوسفېرا ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۆت چەمبىرەكتە قۇياش ئېنېرگىيىسىنىڭ تەسىرىدە ماددىنىڭ ئايلىنىشى ۋە ئېنېرگىيىنىڭ ئېقىشى ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار (جانلىقلار) مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ.
ئىلمىي ئۆلچەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئادەم قېنىدىـكـى60 نـەچـچـە خىل خىمىيىلىك ئېلېمېنت تەركىبىنىڭ نىسبىتى يەر پوستىدىكى تۈرلۈك خىمىيىلىك ئېلېمېنتلارنىڭ تەركىبى بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىدىكەن. بۇ، ئىنسانلار مۇھىتنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىـنـى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئىنسانلار بىلەن مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتى يەنـە ئادەم بـەدىنىدىكى ماددىلار بىلەن مۇھىتتىكى ماددىلارنىڭ ئالمىشىش مۇناسىۋىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئادەم بەدىنى ماددا ئالـمـاشـتـۇرۇش، ئوكـسـېـگـىـن سـۈمـۈرۈش ئارقىلىق كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى چىقىرىدۇ؛ پاكىز سـۇ ئىـچـىـش، مـول ئوزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق تېنىنى يېتىلدۈرىدۇ، ئۆسـتـۈرىـدۇ ۋە ئىرسىيەت قالدۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئادەم تېنىدىكى ماددىلار بىلەن مۇھىتتىـكـى ماددىلار ئۆزئارا ئالمىشىپ تۇرىدۇ. بۇ خىل تەڭپۇڭلۇق مۇناسىۋىتى بۇزۇلسا، ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا خەۋپ يېتىدۇ.
ئىنسانلار ياشاش، تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن مۇھىتتىن بايلىق ئالىدۇ. دەسلەپكى مەزگىللەردە ئادەم ئاز بولغاچقا، ئىنسـانلار مـۇھىتـقا ئانچە روشەن تەسىر كۆرسىتەلمىگەن ۋە زىيان يەتكۈزەلمىگەن، تەبىئىي مۇھىت خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە ئىنسانلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ كەلگەن. »ئوت - چۆپلەرنى ئۆرتەپ، يەرلەرنى چوقۇپ تېرىش« دەۋرىگە كەلگەندە، ئىنسانلار ئۆزىنى بېقىش، ياشاش، تەرەققىي قىلـىـش ئۈچۈن ئورمانلارنى بۇزۇپ بوز يەر ئاچتى، بۇنىڭ بىلەن مۇھىت بەلگىلىك دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، سۈنئىي ئامىللاردىن پەيدا بولغان مۇھىت مەسىلىسى بارلىققا كەلدى. بىراق، ئەينى چاغلاردا ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى تۆۋەن بولغاچقا، مۇھىتقا ئانچە زور تەسىر كۆرسىتەلمىگەنىدى. سانائەت ئىنقىلابى مەزگىلىگە كەلگەندە، ئىنسانلار ماشىنا ئىشلىتىشنـى ئۆگىنىۋالدى، نەتىجىدە، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى زور دەرىجىدە يۈكسەلدى، ئۇلارنىڭ مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ زورايدى.21 - ئەسىرگە كەلگەندە، ئىنسانلارنىڭ مۇھىتتىن پايدىلىنىش، ئۇنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى مىسلىسىز ئۆستى، كۆلىمى تەدرىجىي زورىيىپ، غايەت زور ماددىي بايلىقلارنى ياراتتى. ھېسابلاشلارغا قارىغاندا، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ھاسىل قىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى5 مىليارد نوپۇسنى قامدىيالايدىكەن، ھالبۇكى، ئىپتىدائىي تۇپراقتا فوتوسىنتېز رولى ئارقىلىق ھاسىل بولغان يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ھەمـدە ئۇلاردا يـاشـاۋاتـقـان ھايـۋانلار10 مىليون ئادەمنىلا يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىيەلەيدىكەن. بۇنىڭدىن، ئىنسانلارنىڭ مۇھىتتا تەدرىجىي ھالدا يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. ھالبۇكى، ئىنسانلار مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشى ھەمدە ئېكولوگىيىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە. ئاتموسفېرانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشى، سۇ بايلىقىنىڭ مىسلىسىز كېمىيىپ كېتىشى، ئورماننىڭ نابۇت قىلىنىشى، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئازىيىشى، زور تۈركۈمدىكى جانلىقلار تۈرىنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىشى نەتىجىسىدە ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتى كرىزىس ئىچىدە تۇرماقتا. كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان مۇھىت ئىنسانلارغا تەبىئەتنى قوغداش، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ جىددىي مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇرماقتا.