UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتىمۇھىت بىنورماللىقى ئېففېكتى

مۇھىت بىنورماللىقى ئېففېكتى

تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى ھاياتلىقتىكى بارلىق ماددىلار نورمال تەبىئىي مۇھىتقـا موھتاج. بۇ خىل نورمال تەبىئىي مۇھىت شارائىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسىلا جانلىقلار ۋە ئادەملەر توپىدا تۈرلۈك كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا بولىدۇ، ئاخىر ھاياتلىققا خەۋپ يېتىدۇ. كىشىلەر تەبىئىي مۇھىت شارائىتنىڭ ئۆزگـىـرىـش ھادىسىسىنى مۇھىت بىنورماللىقى دەپ ئاتايدۇ. ئالىملار تەتقىقاتىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئادەم تېنىدىكى قان سۇيۇقـلـۇقـى يەر پوستى يۈزىدىكى تاغ جىنسلاردىكى تۈرلۈك خىمىيىلىك ئېلېمېنتلارنىڭ تەركىبى بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. ئەگەر ئىككى خىل تەركىبنى ئەگرى سىزىق قىلىپ سىزىپ چىققاندا، ئۇلار ناھايىتى ئوبدان جىپسىلىشىدىكەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب ھاياتلىق ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆزگىرىش داۋامىدا ھەزىم قىلىش يولى، نەپەسلىنىش يولى ۋە تېرە ئارقىلىق ئەتراپتىكى مۇھىتتىن ھاياتلىققا ئېھتىياجلىق تۈرلۈك خىمىيىلىك ماددىلارنى قوبۇل قىلغانلىقى ھەمدە بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى مۇھىتقا توختىماي چىقارغانلىقىدا. ھاياتلىق بىلەن مۇھىت بىر پۈتۈن ئورگانىك گەۋدىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇلار زىچ ماسلىشىش مۇناسىۋىتىدە بولىدۇ. مەلۇم تەبىئىي ھادىسىلەر (مەسىلەن، يەر پوستىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى خىمىيىۋى ئېلېمېنتلارنىڭ تەكشى تارالماسلىقى)، تەبىئىي ئاپەت (مەسىلەن، يانار تاغنىڭ پارتلىشى، يەر تەۋرەش، كەلكۈن قاتارلىقلار) ۋە سۈنئىي پائالىيەتلەر قىسمەن مۇھىتتىكى مەلۇم خىمىيىۋى ئېلېمېنتلارنىڭ زىيادە كۆپىيىشى ۋە يېتەرسىز بولۇشىنى پەيدا قىلسا، ئۇ ئادەمنىڭ تېنىدە تەدرىجىي ئەكس ئېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، جانلىقلار ۋە كىشىلەر توپىدا تۈرلۈك كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى كۆرۈلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ چوڭ ھىنگان تاغلىرى − چاڭبەيشەن تېغى − تەيخاڭشەن تېغى − ليۇپەنشەن تېغى − يۈننەن - گۈيجۇ ئېگىزلىكىنى بويلىغان بەلۋاغلىرىدا «كېشەن كېسەللىكى» دەيدىغان يەرلىك كېسـەللىك تارالغان. بۇ خىل كېسەللىكتە شۇ جاينىڭ سۇ ۋە تۇپرىقىدىكى سېلېن تەركىبىنىڭ زىيادە يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولۇشى ئادەم تېنىدىكى سېلېن مىقدارىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى ياكى زىيادە كۆپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئەھۋال يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، يۈرەك كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. يانار تاغدىن ئېتىلىپ چىققان زور مىقداردىكى گاز جىسىم تەركىبىدە كاربون (Ⅱ) ئوكسىد ۋە گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد قاتارلىق زىيانلىق گاز جىسىملار بولىدۇ، بۇلار قىسمەن دائىرىدىكى ئاتموسفېرا تەركىبىدە روشەن ئۆزگىرىـش پەيدا قىلىدۇ. نەتىجىدە، قىسمەن رايوننىڭ ئاتموسفېراسىدا بىنورماللىق كۆرۈلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەبىئىي ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىت بىنورماللىقى. ۋەھالەنكى، يېقىنقى10 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىنسانلار پائالىيىتى پەيدا قىلغان مۇھىت بىنورماللىقىغا دائىر ۋەقەلەرمۇ دائىـم ئۇچـراپ تۇردى.1953 - يىلىدىن1956 - يىلىغىچە ياپونىيـىـنـىـڭ كۇماموتو ناھىيىسى مىناماتا دېگەن جاينىڭ ئەتراپىدىكى بېلىقچىلار كەنتىدە سەۋەبى نامەلـۇم بـولـغـان مەركىزىي نېرۋا كېسەللىكى بىمارلىرى كۆرۈلگەن. ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، مەلۇم ئازوت ئوغۇتى زاۋۇتىنىڭ سانائەت كېرەكسىز سۈيىنى مىناماتاغا ئېقىتقانلىقى سەۋەبىدىن مۇھىت بىنورماللاشقان، قىرغاقتىكى ئاھالىلەر بۇلغانغان بېلىقلارنى يېگەندىن كېيىن مۇشۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى
مۇھىت بىنورماللىقى ئېففېكتى | UyghurWiki | UyghurWiki