UyghurWiki›تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى›ھازىرقى زامان ئىستېـمـالـى ۋە بـەتبـۇي پۇراقلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى
ھازىرقى زامان ئىستېـمـالـى ۋە بـەتبـۇي پۇراقلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى
تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى
زامانىۋى يۇقىرى پەن - تېخنىكىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىنسانلار ئۈچۈن ئاجايىپ - غارايىپ رەڭدار دۇنيانى ئاتا قىلـدى. كىشىلەر ئېلېكترلەشكەن، ئاپتوماتلاشقـان زامانىۋى تۇرمۇشتا ياشايدىغان بولدى، ئەجدادلىرىمىز ئەسلا بەھرە ئېلىپ باقمىغان مول ماددىي بۇيۇملاردىـن بەھرىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىستېمال سەۋىيىسىگە يەتـتـى. ھالبۇكى، چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مۇكەممەل ۋە ئىلمىي بولماسلىقى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن مىقداردىكى كېرەكسىز گاز ھەم ماددىلار ئاتموسفېرا ۋە بوشلۇققا توپلانماقتا، ئۇلار تۈرلۈك بەتبۇي پۇراقلارنى شەكىللەندۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە يـاكى ۋاسىتىلىك زىيان يەتكۈزمەكتە.
بەتبۇي پۇراق دېگىنىمىز، ماددا تەركىبىدىكـى گۈڭگۈرت قاتارلىق ماددىلارغا ئوخشاش «بەتبۇي پۇراق توپى» چىقارغان، ئادەمنىڭ دىمىغىنى ئېچىشتۇرىدىغان پۇراقنى كۆرسىتىدۇ. نۆۋەتتە، بەتبۇي پۇراقلىق ماددىلاردىـن4000 نەچچە خىلى بار، بۇلارنىڭ ئىچـىـدە مېركاپتان، ئاممىياك، ھىدروسۇلفىد، مېتىل گۈڭگۈرت، ترىمېتىلامىن، فورمالدېگىد، فېنېتىلېن، بۇتىرىن كىسلاتاسى، فېنول قاتارلىق10 نەچچە خىلى ئادەم بەدىنىگە خېلى ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.
پۇرىقى كۈچلۈك ماددىنىڭ زەھىرى پۇرىقى ئاجىز ماددىنىڭكىدىن كۈچلۈك بولۇشى ناتايىن، مەسىـلـەن، خلور گازىنىڭ زەھىرى ئاممىياك گازىنىڭكىدىن كۈچلۈك، ھالبۇكى، ئۇنىڭ پۇرىقى ئاممىياك گازىنىڭـكـىـدىن ئاجىز؛ كاربون (Ⅱ) ئوكسىد پۇراقسىز، بىراق ئۇ زەھەرلىك گاز جىسىم. نۇرغۇن بەتبۇي پۇراقلار بىرنەچچە خىل گاز جىسىمنىڭ ئارىلاشمىـسـىـدىـن شەكىللىنىدۇ.
بەتبۇي پۇراقنىڭ ئاساسلىق زىيىنى: بىرىنچى، نەپەسلىنىش سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر بەتبۇي پۇراقنى سەزگەن چاغدا نەپەس ئېلىشنى شەرتلىك ھالدا تىزگىنلىگەچكە، نەپەسلىنىش قېتىم سانى ئازىيىدۇ، چوڭقۇرلۇقى تېيىزلىشىدۇ، ھەتتا تامامەن نەپەسلىنىشتىن توختايدۇ. ئىككىنچى، ئايلىنىش سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. نەپەسنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تومۇر ۋە قان بېسىمىدىمۇ ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ. ئۈچىنچى، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەتبۇي پۇراق ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى بوغىدۇ، كۆڭلىنى ئاينىتىدۇ، ھەتتا قۇستۇرىدۇ. تۆتىنچى، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. دائىم بەتبۇي پۇراقنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى قالايمىقانلىشىپ، ماددا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئاجىزلايدۇ. بەشىنچى، نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇزاق مـۇددەت بـەتبۇي پۇراق ئىچىدە تۇرغاندا، بەتبۇي پۇراققا كۆنۈپ قېلـىـپ پۇراش سېزىمى ئاجىزلاش، كاردىن چىقىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئالتىنچى، روھىي ھالەتكىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەتبۇي پۇراق ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ، پىكرىنى چاچىدۇ، خاتىرىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
بەتبۇي پۇراقنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىق پەرقى بولىدۇ. ياپونىيىلىكلەر بەتبۇي پۇراقنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى0 دىن5 كىچە بولغان6 دەرىجىگە ئايرىغان. تۈرلۈك بەتبۇي ماددىلاردىكى پۇراقنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى5 .2 −5 .3 دەرىجىگە يەتكەندە، ئاتموسفېرانىڭ بەتبۇي پۇراقتىن بۇلغىنىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئالدىنى ئېلـىـش، تۈزەش تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
بەتبۇي پۇراقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتە ئاساسلىقى ئۇنىڭ تارىلىش مەنبەسىنى ئازايتىش كېرەك. بۇنىڭدا تارالغان بەتبۇي پۇراقنـى گاز جىسىم ئارقىلىق تازىلاش ئۇسۇلـى، ئوزونـنـى ئوكـسىدلاش ئۇسـۇلـى، بىۋاسىتە كۆيـدۈرۈش ئۇسـۇلـى، ئۇچراشتۇرۇپ ئوكسىدلاش ئۇسۇلى قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ.