رەڭگارەڭ دۇنيا
تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى
رەڭ ـــ تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا قىلغان ئىنئامى. ھاۋا رەڭ ئاسـمـان، ئاق بۇلۇت، زۇمرەتتەك سۇ، يېشىل تاغ كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدۇ؛ باھاردىكى كاككۇك، يازدىكى نېلۇپەر، كۈزدىكى جۈخارگۈل، قىشتىكى چىللىگۈل كىشىگە گۈزەل مەنزىرىنى بەخش ئېتىدۇ.
تەبىئەتتىكى رەڭ ئادەمنىڭ روھىغا قارىتا ئىنتايىن زور تەڭشەش ۋە ماسلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە. ھەربىر رەڭ مۇئەييەن مەزمۇننى ئىپادىلەيدۇ. قىزىل رەڭ ساغلاملىق، جۇشقۇنلۇق، ئۈمىدنى؛ سېرىق رەڭ يورۇقلۇق، خۇشاللىق، سىپايىلىكنى؛ ئاق رەڭ بىغۇبارلىق، مۇقەددەسـلـىـك، سالقىنلىقنى؛ بىنەپشە رەڭ ئالىيجانابلىق، سەلتەنەت، نەپىسلىكنى؛ كۆك رەڭ گۈزەللىك، ساپلىق، جىمجىتلىقنى ئىپادىلەيدۇ ۋەھاكازالار. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە قىزىل، سېرىق، قىزغۇچ سېرىق ئۈچ خىل رەڭ «ئىللىق رەڭ»، كۆك، يېشىل رەڭ «سوغۇق رەڭ» نى بىلدۈرىدۇ. ئىللىق رەڭ كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ، سوغۇق رەڭ روھىي ھالەتنى تورمۇزلاش رولىنى ئويناپ كىشىنى تىنچلاندۇرىدۇ. رەڭ كىشىلەرنىڭ پسىخىكىسىغا تەسىر كـۆرسەتكەچكە، دۇنيادىكى بەزى ئەللەر ۋە مىللەتلەر ئارىسىدا مۇقىم بولغان رەڭ ئېستېتىكىسى ۋە پەرھىزلىرى شەكىللەنگەن، بېلگىيىلىكلەر كۆك رەڭلىك كىيىم - كېچەكنى يامانلىقنىڭ بېشارىتى دەپ قارايدۇ، برازىلىيىلىكلەر قوڭۇر رەڭدىن پەرھىز قىلىدۇ، ئەرەبلەر يېشىل رەڭلىك گالستۇك تاقىمايدۇ ۋەھاكازالار.
رەڭ ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى. رەڭ بولمىسا تۇرمۇشمۇ بولمايدۇ. ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى، ئولتۇراق ئۆيلىرى، كۈندىلىك بۇيۇملىرى رەڭ ئارقىلـىـق زىننەتلىنىدۇ. شەھەرلەردىكى رەڭدار چىراغلاردىن ئىشلەنگەن ئېلانلارنى تېخىمۇ رەڭگارەڭ دېيىشكە بولىدۇ. بىراق، نـامـۇۋاپـىـق زىننەتلەشلەر، يەنى شەھەرلەردىكى نامۇۋاپىـق ئورۇنلاشـتـۇرۇش، ماسلاشمىغان رەڭ، ھېچنېمىگە ئوخشىمايدىغان ھەيكەل قاتارلىقلار كىشىنىڭ دىققىتىنى چېچىۋېتىپ، ئادەمنى ئاسانلا چارچىتىدۇ. بۇ، شەھەردىكى كۆرۈش سېزىمى بۇلغىنىشىنىڭ ئادەمنىڭ پسىخىكىسىغا يەتكۈزگەن خەۋپى. شۇڭا، كىشىلەر رەڭگارەڭ دۇنيادا ياشاۋاتقان بولسىـمـۇ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا كۆڭۈلدىكىدەك رەڭ ئىچىدە تۇرالمايدۇ. جەمئىيـەتنىڭ تەرەقـقىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر رەڭدىن تېخىمۇ ئوبدان پايدىلىنىدۇ، مۇھىتنى يەنىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ ئەۋلادلارغا بەخت يارىتالايدۇ.