UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتىكىرمەيدىغان تۆشۈكى يوق ئېلېكتروماگنىت دولقۇنى

كىرمەيدىغان تۆشۈكى يوق ئېلېكتروماگنىت دولقۇنى

تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى بىر پارچە ماگنىت نەچچە مىللىمېتىر يىراقلىقتىكى تۆمۈر مىخنى ئۆزىگـە تارتالايدۇ؛ سائەتنى ماگنىتنىڭ يېنىغا قويسا، توغرا مېڭىشىغا تەسىر يېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بۇ ماگنىتتا ماگنىت مەيدانىنىڭ بولغانلىقىدا. يەر شارى ماگنىت مەيدانىنىڭ قورشاۋىدىكى ئاسمان جىسمى. ماگنىت مەيـدانـى جانلىقلارغا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىـدۇ. بـەزىـلـەرنـىـڭ قـارىـشـىـچـە، يەر شارىدىكى ئىنتايىن كۆپ جانلىقلارنىڭ يوقىلىشى يەر شارى ماگنىت مەيدانىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. ئىـنـسـانلار بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، يەر شارىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشاپ كۆپىيىپ، بۇ خىل تەبىئىي ماگنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىگە ئادەتلىنىپ كەتتى. ئىنسانلار ھازىرقى زامان تۇرمۇشىغا قەدەم قويغاندىن بۇيان، تـەبـىئىـي ماگنىت مەيدانىدىنمۇ كۈچلۈك سۈنئىي ماگنىت مەيدانلىرى، يەنى رادىئو، تېلېۋىزىيە، خەۋەرلىشىش، تېبابەتچىلىك، سانائەت، دۆلەت مۇداپىئەسى، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىدا تۈرلۈك ئېلېكتروماگنىت مەيدانلىرىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا بارلىققا كەلتۈردى. بۇلار ئىشلەپچىقـىـرىـش ۋە تۇرمۇشىمىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان قىسمىغا، شۇنداقلا زامانىۋىلىشىشنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. ھالبۇكى، ئېلېكتروماگنىت دولقۇنىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىجتىمائىي ئاپەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئېلېكتروماگنىت دولقۇنى سىمسىز ئېلېكتر دولقۇنى، مىكرو دولقۇن، ئىنفرا قىزىل نۇر، كۆرگىلى بولىدىغان نۇر، ئۇلترا بىنەپشە نۇر، X نـۇرى، γ نۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بەزىدە مەخسۇس ئانتېننا ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان ياكى قوبۇل قىلىنىدىغان سىمسىز ئېلېكتر دولقۇنىنى كۆرسىتىدۇ، ئىنفرا قىزىل نۇر، ئۇلترا بىنەپشە نۇر، كۆرگىلى بولىدىغـان نۇر قاتارلىقلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ نۇر دولقۇنى دېيىلىدۇ. ئېلېكتروماگنىت دولقۇنىنى كۆرگىلى، تۇتقىلى، ئاڭلىغىلى بولمايدۇ، بىراق سۈمۈرۈلۈش ۋە قايتىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ھازىر كىشىلەردە ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيىسى بۇلغىنىشى توغرىسىدا مۇنداق ئىككى خىل قاراش مەۋجۇت: بىرىنچىسى، ئادەم ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا، ئۇنىڭدىكى بىر قىسىم ئېنېرگىيە قايتۇرۇۋېتىلىدۇ، يەنە بىر قىسمى سۈمۈرۈلۈپ، زور مىقداردا ئىسـسىقلىق پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، جانلىقلار توقۇلمىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئېشىپ، زىيانلىق ھەمدە فىزىئولوگىيىلىك تەسىرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، بـۇ ئىـسسىقلىق ئېـفـفېكتى دېيىلىدۇ. ئېنېرگىيىنىڭ سۈمۈرۈلۈشى قانچە كۆپ بولسا ئىسسىقلىق ئېففېكتىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ئىككىنچىسى، ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيىسى ئاتموسفېرادىكى مەنپىي ئىئون ۋە مۇسبەت ئىئونلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇۋەتكەچكە، زور مىقداردىكى مۇسبەت ئىئونلارنىڭ مەنپىي ئىئونلارنـى «يـەۋېـتـىـش» ھادىسىسى پەيدا بولىدۇ. نەتىجىدە، بۇلغىنىش كېلىپ چىقىپ كېسەللىك كۆرۈلىدۇ. رادىئو - تېلېۋىزىيە تارقىتىش مۇنارى، سۈنئىي ھەمراھ يـەر يـۈزى قوبۇللاش پونكىتى، رادار پونكىتى، يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتر لىنـىـيـىـسـى، ئېلېكتر يوللاش تورى قاتارلىقلار سۈنئىي پەيدا بولغان ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيىسىنىڭ بۇلغىنىشىغا كىرىدۇ. ھازىر شەھەرلـەردە تېلېۋىزىيە تارقىتىش ئانتېننىسى ھەمدە چاستوتىسى تىزگىنلەنگەن رادىئو ئاساسلىق بۇلغىما رادىئاتسىيە مەنبەسى بولۇپ قالدى. ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيىسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە يەتكۈزىدىغان خەۋپلىرى ئاساسلىقى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزۈپ، بـاش ئاغرىش، باش قېيىش، خاتىرىسى ئاجىزلاش، ئۇيقۇسىزلـىـق، كۆپ چـۈش كۆرۈش، كۆپ تەرلەش، يۈرەك سىقىلىش، كەيپىيات مۇقىمسىزلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى ۋە قان سۇيۇقلۇقى سىـستېمىسـى قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيىسـى يەنە سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى ھەمدە ئاھالىلەرنىڭ نورمـال تۇرمۇشىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. ئايروپىلان ئۇچقاندا خەۋەرلىشىش ۋە يول باشلاش سىستېمىسى كاشىلىغا ئۇچرىسا، ئايـروپـىلان ۋەقـەسـى كـېـلـىـپ چىقىشى مۇمكىن؛ پاراخوت، ھەربىي كېمىلەردىكى خەۋەرلىشىپ يول باشلاش ياكى خەتەرگە ئۇچرىغاندا قۇتقۇزۇشنى مۇراجىئەت قىلىش چاستوتىسى كاشىلىغـا ئۇچـرىـسـا دېڭىز سەپىرى بىخەتەرلىكىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن. ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيىسى يەنە رادىئو قوبۇللىغۇچ، تېلېۋىزورنىڭ ئىقتىدارىغا كاشىلا قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. مۇھىت ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيىسى ئادەتتە تۆۋەن كۈچىنىشتە، ئۇزاق مۇددەت داۋاملىشىدۇ، ئاستا خاراكتېرلىك بولىدۇ. ئېلېكتروماگنىت رادىئاتسىيىسى بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قۇرۇلۇش تېخنىكىـسـى، ئۆي - ئىمارەت لايىھىلەش ھەمدە شەھەر پىلانلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى
كىرمەيدىغان تۆشۈكى يوق ئېلېكتروماگنىت دولقۇنى | UyghurWiki | UyghurWiki