UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتىتەبىئەت دۇنياسىدىكى ماددىلارنىڭ ئايلىنىشى

تەبىئەت دۇنياسىدىكى ماددىلارنىڭ ئايلىنىشى

تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى جانلىقلار ئورگانىزمى تەخمىنەن40 خىلدىن ئارتۇق ئېلېـمېنتتـىـن تەشكىل تاپىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە كاربون، ھىدروگېن، ئوكسىگېن، گۈڭگۈرت، فوسفورلار ئەڭ ئاساسلىق ئېلېمېنتلار قاتارىغا كىرىدۇ، ئۇلار مۇھىتنى مەنبە قىلغان ھالدا، ئېكولوگىيىلىك سىستېمىدىكى جانلىقلار يەككە تېنى ۋە جانلىقلار توپىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ سەرپ قىلىشى ئۈچۈن ئانئورگانىك ماددىلارنى ئورگانىك ماددىلارغا ئايلاندۇرىدۇ؛ پارچىلىغۇچىلار ئىستېمال قىلغۇچىلار پەيدا قىلغان چىقىرىندى ماددىلار ھەمدە ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ جەسىتىنى ھەزىم قىلىپ، يەنە ئانئورگانىك ماددىلارغا ئايلاندۇرىدۇ، بۇ ماددىلار ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قايتا پايدىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىتقا قايتۇرۇلىدۇ. يەر شارىدىكى مۇشۇنداق سانسىز ماددىلارنىڭ ئايلىنىشى جانلىقلار چەمبىرىدىكى ئومۇمىي ماددا ئايلىنىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ. جانلىقلار چەمبىرىكىدىكى كاربوننىڭ ئايلىنىشىنى مىسالغـا ئېلىپ كۆرەيلى. يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسىنتېز رولى ئارقىلىق كاربون(Ⅳ) ئوكسىدنى سۈمۈرۈۋالغاندىن كېيىن ئۇنى كاربون سۇلۇق بىرىكمىگە سىنتېزلاپ، تېنى ئىچىدە ساقلايدۇ، ئوتخور ۋە گۆشخور ھايۋانلار بۇ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئوزۇق زەنجىرى ئارقىلىق قوبۇل قىلىدۇ. ھايۋانلارنىڭ نەپەسلىنىشى ۋە مىكرو ئورگانىزملار ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەرنىـڭ قـالـدۇق تېنىنى پارچىلاش ئارقىلىق كاربوننى كاربون (Ⅳ) ئوكسىد ھالىتىدە ھاۋاغا چىقىرىدۇ. تولۇق پارچىلانمىغان ئورگانىزملارنىڭ جەسىتى يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ، دېڭىز ئاستىغا دۆۋىلىنىپ، كۆمۈر، نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا ئايلىنىدۇ، ئىنسانلار قاتمىلىق يېقىلغۇلىرىنى ئاچىدۇ، يېقىلغۇ كۆيۈش جەريانىدا، ئاتموسفېراغا كۆپلەپ كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى قويۇپ بېرىدۇ. ئېكولوگىيىلىك سىستېمىدىكى بارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار خۇددى كاربونغا ئوخشاشلا، جانلىقلار بىلەن جانسىزلار مۇھىتى ئارىسىدا ئايلىنىـپ تۇرىدۇ. ماددا ئايلىنىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئېكـولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنى ئۆزئارا ماسلاشتـۇرۇپ، ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ ئۆزىنى تەڭشىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەگەر ئىنسانلار ئۇنىڭغا كەڭ كۆلەمدە كاشىلا قىلسا، ماددىلارنىڭ ئايلىنىشى راۋان بولمايدۇ. نەتىجىدە، مۇھىت ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىپ ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئېكولوگىيە تەڭپۇڭسىزلىشىدۇ. يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، زور مىقداردىكى قېزىلما بايلىقلارنى يەر ئاستىدىن قېزىپ چىقتى، تەبىئىي مۇھىتتا ئەسلا مەۋجۇت بولمىغان بەزى ماددىلارنىمۇ سۈنئىي ھالدا بارلىققا كەلتۈردى، بۇنىڭ بىلەن ماددىلارنـىـڭ ئايلىنىشى مىسلىسىز تەسىرگە ئۇچرىدى، بەزى ماددىلار قىسمەن جايغا توپلىنىۋالغاچقا ياكى كەمچىل بولغاچقا، جانلىقلار ۋە ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا پايدىسىز مۇھىت ئېففېكتى بارلىققا كەلدى. مەسىلەن، كىشىلەر كۆپلەپ نېفىت، كۆمۈر قاتارلىق يېقىلغۇلارنى كۆيدۈرگەچكە، يەنە كېلىپ ئورمانلار زور مىقداردا ئازىيىپ كەتكەچكە، ئاتموسفېرادىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كەتتى. ھاۋا بوشلۇقىغا توپلىنىۋالغان كاربون (Ⅳ) ئوكسىد يەر يۈزىدىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىنىڭ سىرتقى بوشلۇققا تارقىلىشىنى خۇددى پارنىكنىڭ ئايرىغۇچى قەۋىتىگە ئوخشاش توسۇۋالدى. نەتىجىدە، پارنىك ئېففېكتى بارلىققا كەلدى. بەزىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، قاتمىلىق يېقىلغۇلىرىنى ھازىرقى سۈرئەت بويىچە كۆيدۈرگەندە،2050 - يىلىغا بارغاندا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسـى ℃3 ئۆرلەپ، تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئاقىۋەت پەيدا بولىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى
تەبىئەت دۇنياسىدىكى ماددىلارنىڭ ئايلىنىشى | UyghurWiki | UyghurWiki