UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتىيەر شارى خاراكتېرلىك مۇھىت بۇلغىنىش

يەر شارى خاراكتېرلىك مۇھىت بۇلغىنىش

تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى ئەگەر بىر ئىستاكان سۈزۈك سۇغا بىرنەچچە تامچە مەينەت سۇ تامچىلىتىلسا، شۇ بىر ئىستاكان سۇنى ئىچىشكە بولمايدۇ. مۇھىتنىـڭ بۇلغىنىشىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلا قائىدىگە ئىگە. ئۇ زىيانلىق ھەم زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق، ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرگە سۈنئىي ئامىللار ئارقىلىق زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى، نەتىجىدە، بۇلارنىڭ قۇرۇلمىسى، ھالىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغانلىقى، مۇشۇ سەۋەبتىن ئىنسانلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىنىدىغانلىقى ۋە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.20 - ئەسىرنىڭ20 - يىللىرىدىن كېيىن، مۇھىتنىڭ دۇنياۋى خاراكتېرلىك بۇلغىنىشى ئىنسانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزۈپ كەلدى. ئىنسانلار مۇھىتنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، سانائەتنىڭ بۇلغىشىنى تۈزەش، شەھەر مۇھىتى بۇلغىنىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، رايون بۇلغىنىشىنى تۈزەش قاتارلىق تۆت مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. بىراق، خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە كىشىلەرنىڭ نەزىرى بىر زاۋۇت، بىر ساھە، بىر دەريا ۋادىسى، بىر رايون بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى.20 - ئەسىرنىڭ80 - يىللىرىدىن بۇيان، كىشىلەر ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا تەھدىت بولۇۋاتقـىـنـى قىسمەن رايونلار بولۇپ قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ چوڭ دائىرىدىكى، ھەتـتـا يەر شارى خاراكتېرلىك مۇھىت بۇلغىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. يەر شارى مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى ئىنتايـىـن كـۆپ، ھازىر كىشىلەر دىققەت - ئېتىبارىنى پارنىك ئېـفـفېكتى، ئوزون قاتلىمىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ۋە كىسلاتالىق يامغۇر قاتارلىق ئۈچ چوڭ مەسىلىـگـە قاراتتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كىشىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدىغان بىر قاتار مەسىلىلەر بار. بۇلار يەنىلا ئاتموسفېرا، سۇ، ئوزۇقلۇق، تۇپراق قاتارلىـق بىرقانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتـى ۋە بـىـرلـەشـكـەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت يىرىك پىلانى مەھكـىـمـىـسىنـىـڭ ھاۋا، سـۇ، ئوزۇقلۇقنىڭ بۇلغىنىشىغا دائىر دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ بەشتىن تۆت قىسمى بۇلغانغان ئاتموسفېرا مۇھىتىدا ياشايدىكەن، تازىلىق ئۆلچىمىگە يەتمىگەن سۇنى ئىچىدىكەن. باشـقـا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پۈتۈن دۇنيادىكى1 مىليارد800 مىليون ئادەم بۇلغانغان سۇنى ئىچكەنلىكتىن، يىلىغا 30 پىرسەنت ئادەم مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن كېسەللىككە گىرىپتار بولىدىكەن. مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشى ئىمارەتلەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشقا تەھدىت سېلىپ، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈۋاتىدۇ.2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئافېنا قەدىمىي قورغىنىدىكى مەرمەر تاشلىق ئىمارەتلەر ۋە ھەيكەللەر يىمىرىلىشكە باشلىغان، نيۇيورك لىبېرتى ئارىلىدىكى ئەركىنلـىـك ئىلاھىـنىڭ مىس ھەيكىلىنىمۇ قېلىن بىر قەۋەت دات باسقان، ئېلىمىزنىڭ چۇڭچىڭدىكى چاڭجياڭ كۆۋرۈكىنىڭ داتلاشماس پولات تەگلىكىمۇ داتلىشىپ كەتكەن. مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئادەم تېنىگە بولغان خەۋپى ئىنتايىن مۇرەككەپ. ئۇنى ئادەتتە جىددىي خاراكتېرلىك، ئاستا خاراكتېرلىك ۋە توپلانما خاراكتېرلىك دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ. توپلانما خاراكتېرلىك خەۋپ كەلگۈسى خەۋپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى راك، نورمالسىزلىق پەيدا قىلىش، توساتتىن ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. راك پەيدا قىلىشنى مىسالغا ئالساق، دۇنيا بويىچە ھەر يىلى5 مىليون ئادەم راك سەۋەبىدىن ئۆلىدۇ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، ئىنسانلاردىكى راكنىڭ ئىنتايىن زور قىسمىنى مۇھىت ئامىلى پەيدا قىلغان، ھالبۇكى، مۇھىت ئامىلى ئىچىدە خىمىيىلىك ماددىلار پەيدا قىلغان راك %90 نى ئىگىلەيدۇ. مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى مەسىلىسىدە دۆلەت چېگرىسى بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن دۆلەتلەر، ھەتتا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ بىرلا يەر شارىمىز بار، يەر شارى مۇھىتىنى قوغداش پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى.
← بارلىق تېمىلار تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى
يەر شارى خاراكتېرلىك مۇھىت بۇلغىنىش | UyghurWiki | UyghurWiki