جانلىقلار ئېنېرگىيىسى پىرامىداسى
تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى
كىشىلەر ئوزۇق زەنجىرى ۋە ئوزۇق تورى قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلغاندا، ھەربىر ئوزۇقلۇق دەرىجىسىدىكى ئورگانىك جانلىقلارنىڭ مىقدارى، ئېنېرگىيىسى ھەمدە يەككە تەن سانىنى ئوزۇقلۇق تەرتىپى بويىچـە رەتكە تۇرغۇزغان. بۇ خىل سخېما قەدىمىي قۇرۇلۇش − مىسىردىكى ئېھرامنىڭ شەكلىگە ئوخشاپ قالغان. كىشىلەر بۇ خىل سخېمىنى «ئېكولوگىيە پىرامىداسى» دەپ ئاتايدۇ.
ئېكولوگىيە پىرامىداسى ئېنېرگىيە پىرامىداسى، سان پىرامىداسـى، جانلىقلار مىقدارى پىرامىداسى قاتارلىق ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئېنېرگىيە پىرامىداسى ھەربىر ئوزۇقلۇق دەرىجىسى ئارىسىدىكـى ئېـنېرگـىـيىنىڭ تەقسىملىنىش مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئوزۇق زەنجىـرى ۋە ئوزۇق تورى پىرامىداسىنى ئېكولوگىيىلىك سىستېمىدىكى ئېنېرگىيە ئېقىـشـىـنـىـڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتى بەلگىلەيدۇ. ئېكولوگىيە سىستېمىسىدىكى ئېنېرگىيىنىڭ ئېقىشى ئوزۇقلۇق دەرىجىسىنى بويلاپ دەرىجىمۇدەرىجە ئۆرلىگەندە، ئېنېرگىيە بارغانسېرى ئازلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى ئوزۇقلۇق دەرىجىسىدىكى ئېنېرگىيە كېيىنكى ئوزۇقلۇق دەرىجىسىدىكى ئاز سانلىق جانلىقلارنىڭ ئېھتىياجىـنـىلا قـامـدىـيـالايـدۇ. قىسقىسى، ھەربـىـر دەرىجىدىكى جانلىقلار ئېنېرگىيىسىنىڭ تەخمىنەن 10 پىرسەنتىلا كېيىنكى دەرىجىدىكى جانلىقلارغا يۆتكىلىدۇ. ئېنېرگىيە تەدرىجىي كېمىيىپ بارغاچقا، جانلىقلار سانىمۇ جىددىي ئازىيىدۇ. ئەگەر بىر كۆلدە500 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى لەيلىگىچى ئۆسۈملۈك بولغاندىلا،50 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى لەيلىگۈچى ھايۋانلارنى قامدىيالايدۇ.50 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى لەيلىگۈچى ھايۋان5 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى بېلىققا ئوزۇق بولالايدۇ، ھالبۇكى،5 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى بېلىق18 ياشلىق ئۆسمۈرنىڭ بەدىنىنى5 .0 كىلوگرام سەمرىتەلەيدۇ. يەنە مەسىلەن، يولۋاس قوي ۋە بۇغىنى ئوزۇق قىلىدۇ، قوي ۋە بۇغا ئوت - چۆپنى ئوزۇق قىلىدۇ، ئېنېرگىيە بولسا ئوت ← قوي ۋە بۇغا ← يولۋاستىن ئىبارەت ئوزۇق زەنجىرىنى بـويلاپ ئىنتايىن تېز ئازىيىپ بارىدۇ. يولـۋاسـقـا ئوزۇقـلـۇق بولىدىغان ئوزۇقلۇق ئېنېرگىيىسى كۆپ بولمىغاچقا، يولۋاسنىڭ سانىمۇ كۆپ بولمايدۇ. شۇڭا، ئېلىمىزدىكى «ئىككى قوشقارنىڭ بېشى بىر قازاندا پىشماس» دېگەن سۆز چەكلىك ياشاش مۇھىت شارائىتىدا ئېنېرگىيە پىرامىداسىنىڭ چوققىسىدىكى نۇرغۇن يولۋاسنى قامدىغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
جانلىقلار مىقدارى، ئېنېرگىيە ياكى جانلىقلار يەككە تەن سانى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار پىرامىدا شەكلى بويىچە تەدرىجىي ئازىيىدۇ. مانا بۇ ئېكولوگىيىلىك سىستېما ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى.