UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتىدۇنيا نوپۇس كرىزىسى

دۇنيا نوپۇس كرىزىسى

تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى ئىنسانلار يەر شارىدا نەچچە مىليون يىل ياشاپ كەلدى. دەسلەپكى چاغلاردا نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ئىنتايىن ئاستا بولدى. مىلادىيىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا دۇنيادىكى ئومۇمىي نوپۇس ئاران270 مىليونلا ئىدى،1830 - يىلىغا كەلگەندە، دۇنيا نوپۇسى تۇنجى1 مىلياردقـا يەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن نوپۇس شىددەت بىلەن ئېشىپ،1930 - يىلى2 مىليارد،1960 - يىلى3 مىليارد،1975 - يىلى4 مىليارد،1987 - يىل7 - ئاينىڭ11 - كۈنى5 مىلياردقا يەتتى.2 -،3 -،4 -،5 - مىلياردلار ئۈچۈن ئايرىم - ئايرىم ھالدا100 يىل،30 يىل،15 يىل،13 يىل ۋاقىت كەتتى. ھازىر دۇنيا نوپۇسى يىلىغا75 مىليوندىن، كۈنىگە200 نەچچە مىڭدىن، سېكۇنتىغا5 .2 تىن كۆپىيىۋاتىدۇ،2000 - يىلى دۇنيا نوپۇسى تەخمىنەن6 مىليارد300 مىليونغا يەتتى. جۇڭگو دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت، يېقىنقى40 يىلدا نوپۇسى بىر ھەسسە كۆپەيدى.1989 - يىل4 - ئاينىڭ14 - كۈنى1 مىليارد100 مىليونغا يەتتـى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرى1 مىليارد200 مىليونغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. نوپۇسنىڭ تېز كۆپىيىشى ۋە ئىستېمال سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ يەر شارىدىكى بايلىققا بولغان ئېھتىياجىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. بىراق، يەر شارىدىكى مۇھىت ماكانى كېڭەيمەيدۇ، بايلىقنىڭ زاپىسى ۋە قايتا پەيدا بولۇش ئىقتىدارى چەكلىك. شۇڭا، ئىنسانلارنىڭ مۇھىتقا بولغان بېسىمى ۋە زەربىسى بارغانسېرى زورىيىدۇ. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر بارغانسېرى ئازىيىدۇ. دۇنيادا كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى1975 - يىلىدىكى3100 كۋادرات مېتىردىن20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى1500 كۋادرات مېتىرغا ئازايدى؛ ئېلىمىزدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەرمۇ نۆۋەتتىكى1000 كۋادرات مېتىردىن20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى800 كۋادرات مېتىرغا ئازايدى، ئاشلىق ئېغىر مەسىلىگە ئايلاندى. ئورماننىڭ نابۇت قىلىنىشى ئىنتايىن ئېغىر بولدى. ياغاچقا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يەر شارىدىكى ئورمان كۆلىمى كۈنسېرى ئازايدى، نەتىجىدە، يەر، تۇپراق قۇملىشىپ، كۆپلىگەن تېرىلغۇ يەرلەر ئاق تاشلىۋېتىلدى. قېزىلما بايلىقلار بارغانسېرى ئازايدى، نېفىت، كۆمۈر قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەشتە جىددىيلىك يۈز بەردى. شەھەرلەر ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، نوپۇسنىڭ زىيادە زىچلىشىشى سەۋەبـىـدىـن شەھەرنىڭ ھاۋاسى بۇلغاندى، سۇنىڭ سۈپىتى بۇزۇلدى، شـاۋقـۇنلار كىشىلەرنى بىئارام قىلدى، ئەخلەتلەر دۆۋىلىنىپ كەتتى، ئولتۇراق ئۆي قىس بولدى، قاتناش قىستاڭلاشتى. ئىستېمال سۇ مىقدارى مۇناسىپ كۆپەيدى، كۆپ مىقداردىكى سۇنىڭ بۇلغىنىشىغا ئەگىشىپ، سۇ بايلىقى بارغانسېرى ئازىيىپ كەتتى؛ بۇنىڭدىن تاشقىرى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشى داۋامىدا پەيدا بولغان زور مىقداردىكى كاربون (Ⅳ) ئوكـسـىـد، گۈڭگۈرت ئوكسىد، ئازوت ئوكسىد ماددىلىرى كىسلاتالىق يامغۇر پەيدا قىلىپلا قالماستىن، پارنىك ئېففېكتىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل كىلىماتنى ئۆزگەرتىشمۇ ئېھتىمالغا يېقىن. ئىنسانلار كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان نوپۇس بېسىمىغا قارىتا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى ئۆگىنىشى، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇپ، نوپۇسنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى، شۇ ئارقىلىق ياخشى ئىجتىمائىي، تەبىئىي مۇھىتنى يارىتىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى
دۇنيا نوپۇس كرىزىسى | UyghurWiki | UyghurWiki