UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتىمىغىلداپ كەتكەن ئاپتوموبىللار

مىغىلداپ كەتكەن ئاپتوموبىللار

تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى ئاپتوموبىل زامانىۋى قاتناش قورالى سۈپىتىدە100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئۇ شەھەرلەرنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ، كىشىلەرگە ئىنتايىن زور قۇلايلىق يارىتىپ بەردى، شۇنداقلا ئىنسانلار ئۈچۈن بالايىئاپەت پەيدا قىلدى.100 نەچچە يىل ئىچىدە دۇنيا بويىچە23 مىليون ئادەم ئاپتوموبىل قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلدى، بۇ1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلگـەن ئادەم سـانـى (16 مىليون ئادەم) دىنمۇ كۆپ.20 - ئەسىرنىڭ باشلىرى دۇنيادا پەقەت5000 لا ئاپتوموبىل بار ئىدى، ھازىر500 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. ئېلىمىزدە ئاپتوموبىل كۆپ، ئادەم زىچ، يول تار بولغاچقا، خىزمەتكە بېرىش - كېلىشنىڭ قاينـاق مەزگىلىدە قاتناش قىستاڭچىلىقى كۆرۈلمەكتە. نەتىجىدە، ئىقتىسادىي زىيان پەيدا بولۇپلا قالماي، ئاھالىلەردە جىددىيلىك، شاۋقۇن تۈپەيلىدىن روھىي بېسىممۇ پەيدا بولماقتا، قاتناش ۋەقەلىرىمۇ ئۈزۈلمەي يۈز بەرمەكتە.1987 - يىلى ئېلىمىزدە قاتناش ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر53 مىڭ439 ئادەمگە يەتكەن. قاتناش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى جەھەتتە ئا ق ش دىن قالسا دۇنيادا2 - ئورۇندا تۇرىدۇ. ماتورلۇق ماشىنا ۋەقەسى سەۋەبىدىن يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن35 ئادەم ئۆلىدۇ، بۇ جەھەتتە دۇنيادا3 - ئورۇندا تۇرىدۇ. شۋېتسارىيىدىكى مەلۇم سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، دۇنيا بويىچە ھەر يىلى ئاپتوموبىل ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر300 مىڭغا يېتىدىكـەن. بەزىلەر بۇنى «ئاسفالت يولدىكى جەڭ» دەپ ئاتىغان. ئاپتوموبىل كۆپەيگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن چىقىدىغان قالدۇق گازمۇ كۆپىيىدۇ. قالدۇق گاز تەركىبىدە كاربون (Ⅱ) ئوكسىد، ھىدرو كاربون، ئازوت ئوكسىد، گۈڭگۈرت ئوكسىد، قوغۇشۇن ئوكسىد قاتارلىقلار بولىدۇ. ستاتىستىكىغا قارىغاندا، ئاپتوموبىل ماتورى ھەربىر كىلوگرام بېنـزىـن كـۆيـدۈرگەندە15 كىلوگرام ساپ ھاۋانى خورىتىپ،150 ~200 گرام كاربون (Ⅱ) ئوكسىد،4 ~8 گرام ھىدرو كاربون،4 ~20 گرام ئازوت ئوكـسـىـد ھەمدە ئاز مىقداردا تېتـرائاتـسـېـتـات قـويـۇپ بـېـرىـدىـكـەن. بۇلاردىن ئاساسلىقى كاربون (Ⅱ) ئوكسىد، ھىدرو كاربون ۋە ئازوت ئوكسىد قاتارلىق ئۈچ خىل گاز جىسىم ئاتموسفېرانى بۇلغايدۇ، ھەر كۇب مېتىر ھاۋادىكى كاربون (Ⅱ) ئوكسىدنىڭ مىقدارى4 گرامغا يەتكەندە ئادەمنى30 مىنۇت ئىچىدە ئۆلتۈرىدۇ. ئاپتوموبىل چىقارغان گازدىكى تېترا ئاتسېتاتنىڭ زەھەرلىك خۇسۇسىيىتى ئانئورگانىك قوغۇشۇننىڭكىدىن100 ھەسسە زور، ئۇ نەپەس يولى، ھەزىم قىلىش يولى ھەمدە تېرە ئارقىلىق ئادەم تېنىگە كىرىپ، جىددىي خاراكتېرلىك ياكى ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ، دۇنيا مىقيـاسـىـدىـن قارىغاندا، ئاپتوموبىل ئەڭ زور قوغۇشۇن بۇلغىما مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادىكى ئەللەر ئاپتوموبىل چىقارغان قالدۇق گازدىن بۇلغىنىش مەسىلىسىنى تۈزەش ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، كاتالىزاتورلـۇق تـازىلاش ئۈسكۈنىسىنى ياساپ چىقتى ھەمدە تازىلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ كاتالىزاتورى ئارقىلىق كاربـون (Ⅱ) ئوكـسىد، ھىدرو كاربون ۋە ئازوت ئوكسىد بىرىكمىلىرىنى زىيانسىز كابون (Ⅳ) ئوكسىد، ئازوت ۋە سۇغا ئايلانـدۇردى، بىراق ئاپتوموبىل چىقارغان قالدۇق گازنىڭ مۇھىتنى بۇلغاش مەسىلىسى تامامەن ھەل قىلىنغىنى يوق
← بارلىق تېمىلار تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى