UyghurWiki›تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى›كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش - تۇرۇش ۋە خىمىيە دۇنياسى
كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش - تۇرۇش ۋە خىمىيە دۇنياسى
تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى
ھازىرقى زامان تۇرمۇشى خىمىيىلىك ماددىلاردىن ئايرىلالمايدۇ. كىيىـم - كېچەك، ئاياغ، باش كىيىمدىن يېمەك - ئىچمەك، قاچا - قۇچىلارغـىـچـە، سۇلياۋ بۇيۇم، كونسېرۋا يېمەكلىكلەر، گىرىم بۇيۇملىرىدىن ئۆي جاھازلىرى، سۇيۇق سوپۇنغىچە ھەممىسى ئازدۇر - كۆپتۇر خىمىيىلىك بۇيۇملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. دۇنيادىكى خىمىيىلىك بۇيۇملار5 مىليـون خىلدىن، مۇھىتقا كىرگەن خىمىيىلىك ماددىلار90 مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ.
بىرىكمە تالالىق كىيىم - كـېـچـەكـلـەر پـېتـىـدىـن چـۈشـمـەسـلـىـك، سۈركىلىشكە چىداملىق بولۇش، شـەكـلـى ئۆزگـەرمـەسـلـىـك قـاتـارلـىـق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە؛ خلورىن تالالىق مەھسۇلاتلاردا مەنپىي زەرەت بولغاچقـا، بوغۇم ياللۇغىنى داۋالاشتا مۇئەييەن رول ئوينايدۇ. بىراق، بىرىكمـە تـالالـىـق ئىچ كىيىملەرنى كىيگەندە ئادەم بەدىنى قىچىشـىـدۇ، ھەتتا ئەسـۋە ئۆرلەيدۇ، بۇ بىر خىل زىيادە سەزگۈرلۈك ھادىسىسى.
ھازىرقى زامان كىشىلىرى يېمەكلىكنىڭ رەڭدار، خۇش پۇراق، تەملـىـك بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، كىشىلەر يېمەكلىككە باكتېرىيە ئۆلـتـۈرگۈچ، تەم تەڭشىگۈچ، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى قاتارلىق قوشۇلمىلارنـى قوشىدۇ. بۇ قوشۇلمىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىمىيىلىك ماددا. گۆش تۈرىدىكىلەرنى يېڭى ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان نىتراتلار ۋە نىترىتلار راكنى پەيدا قىلغۇچى ماددا − نىتروزامىننىڭ ئاساسى. نىتروزامىن تۈرىدىكىلەر سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىك تەركىبىدە بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ، شۇڭا چىلىغان گۆش، كۆكتات، سۈرلەنگەن بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئازراق ئىسـتـېـمـال قىلىش كېرەك. نۇرغۇن ئۇسسۇزلۇقلارغا يەنە يېمەكلىك پىگمېنتى قوشۇلىـدۇ. تـەبـىئىـي ھايـۋان، ئۆسۈملۈك پىگمېنتى بىخەتەر بولىدۇ، ھالبۇكى، سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگـەن پىگمېنتنى ئايرىش، بىرىكتۈرۈش جەريانىدا ئۇنىڭغـا قوغۇشۇن، سـىـمـاب قاتارلىق ماددىلار ئارىلىشىپ قېلىشى مۇمكـىـن. ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ ئۇنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىشى سالامەتلىكىگە پايدىسىز.
ھازىر پولغا سۈرتۈلىدىغان مومدىن سىر ۋە تىرناق خېنىسىغىچە، سۇلـيـاۋ ئۆي جاھازلىرى، بىرىكمە تالالىق گىلەملەردىن كـۆپـتـۈرۈلـگـەن سـۇلـيـاۋ مەھسۇلاتلاردىن ئىشلەنگەن تورۇسقىچە ھەممە ئۆيلەردە بار بـولـدى، بـۇ مـاددىلار زىيانلىق گاز چىقىرىدۇ، ئۆي ئىچى ھاۋانىڭ زىيانلىق گاز تەركـىـبـىـنـى ئۆي سىرتىدىكىدىن نەچچە10 ھەسسە ئاشۇرۇۋېتىدۇ. مەسىلەن، ئاكرىل كىسلاتاسى تالاسىدىن ئىشلەنگەن دېرىزە پەردىسى ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق ئاكرىلونىترىلـنـى چىقىرىدۇ. شۇڭا، بەزىلەر خىمىيىلەشكەن ئائىلىلەردە ئۇزاق ۋاقىت ياشاش سالامەتلىككە زىيانلىق دەپ قارايدۇ.
خىمىيىۋى ماددىلارنىـڭ ئىشلىتىش ۋە ئىستېمال جەھەتتىكى تـۈرى ئىنتايىن كۆپ. ئاپتوموبىل توختىماي ئۆتۈپ تۇرىدىغان پىيادىـلـەر يـولـىـدا قوغۇشۇننىڭ بۇلغىشى بىرقەدەر ئېغىر. بۇ يەردە قوغۇشۇننىڭ قويۇقلۇقـى ھەربىر كۋادرات مېتىردا2 مىللىگرامغا يېتىدۇ، ھالبۇكى، پاكىز شەھەرلـەردە قوغۇشۇننىڭ قويۇقلۇقى1 مىللىگرامدىـن تـۆۋەن بـولـىـدۇ. تـاشـيـوللاردا شال، بۇغداي قاتارلىقلارنى يانجىغاندا ئاپتوموبـىـلـدىـن چـىـقـقـان قـالـدۇق گازدىكى قوغۇشۇن ئۇلارغا سىڭىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاسفالت يـولـدا يانجىلسا، قۇياش نۇرى تەسىرىدىن نۇرغۇن زىيانلىق ماددىلار ئاجرىلـىـپ چـىـقـىـدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بېنزول (α) رېن بار. تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىكى خىمىيىـلـىـك ماددىلار تېخىمۇ كۆپ، ئۇلارنى سانـاپ تـۈگـەتـكـىـلـى بـولـمـايـدۇ. نۆۋەتتە بازارلارغا خىـمـىـيـىـلـىـك بـۇيـۇملار تـولـۇپ كـەتـتى، شۇڭا، مۇتەخەسسىسلەر ئائىلىلەرگە خىمىيىـلىك بـۇيـۇملارنـى سـېـتـىـۋېـلـىـشـتـا ئېھتىياتچان بولۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.