UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتىئوزۇق زەنجىرى ۋە ئوزۇق تورى

ئوزۇق زەنجىرى ۋە ئوزۇق تورى

تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى جۇڭگولۇقلاردا «چوڭ بېلىق كىچىك بېلىقنى يەيدۇ، كىچىك بېلىق راك يەيدۇ، راك لاينى ئوزۇق قىلىدۇ» دەيدىغان ماقال بار. ئېكولوگىيىلىك سىستېمىدىكى جانلىقلار مۇشۇنداق ئوزۇق قىلىش ۋە ئوزۇق بولۇش مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئوزۇق زەنجىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ ئوزۇق زەنجىرى دېيىلىدۇ. جانلىقلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتكە ئاساسەن، جانلىقلار زەنجىرى مۇنداق ئۈچ مۇھىم تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىرى، تۇتۇپ ئوزۇقلانغۇچىلار ئوزۇق زەنجىرى بولۇپ، ئۆسۈملۈكنى ئاساس قىلـىـدۇ، بۇلار ئۆسۈملۈكتىن ئۇششاق جانلىقلارغىچە، ئاندىـن چـوڭ ھايۋانلارغىچە تىزىلغان بولىدۇ، چوڭ ھايۋانلار تۇتۇپ ئوزۇقلانغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. يېشىل چۆپ ← چېكەتكە ← چارپاقا ← يىلان ←بۈركۈتتىن ئىبارەت ئوزۇقلۇق زەنجىرى دەل مۇشۇ خىل تۈرگە كىرىدۇ. ئىككىنچىسى، پارازىت ئوزۇق زەنجىرىدۇر، بۇنىڭدا چوڭ ھايۋانلار ئاساس قىلىنىدۇ. ئۇششاق جانلىقلار ئۇلارنىڭ تېنىدە پارازىتلىق بىلەن ياشايدۇ. قۇش تۈرىدىكىلەر ← بۈرگە ← ئىپتىدائىي ھايۋانلار ← باكتېرىيە ← سۈزگۈچى ۋىرۇستىن ئىبارەت ئوزۇق زەنجىرى مانا مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ. ئۈچىنچىسى، چىرىتكۈچى ئوزۇق زەنجىرى، بۇ ھەم پارچىلىغۇچىلار زەنجىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ھايۋانلارنىڭ تاپلىرى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قالدۇقلىرىدا باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ ھەمدە مەلۇم تۇپراق ھايۋانلىرىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق باشلىنىدۇ. ئۆسۈملۈك قالدۇقى ← سازاڭ ← يىپ قۇرت تۈرى ← بوغۇم ئاياغلىق ھايۋانلاردىن ئىبارەت ئوزۇق زەنجىرى مانا مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ. ئوزۇق زەنجىرىدىكى ھەربىر ھالقا ئوزۇقلۇق دەرىجىسى دېيىلىدۇ. ھەرقانداق بىر جانلىق مۇئەييەن ئوزۇقلۇق دەرىجىسىگە تەۋە بولىدۇ. ھەرقانداق بىر ئوزۇق زەنجىرىدىكى كېيىنكى ھايۋان ئالدىـنـقـى تۈردىكى ھايۋان تەمىنلىگەن ئېنېرگىيىنىڭ بىر قىسمىنى يەيدۇ ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىدۇ ھەمدە ماددا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق يەنە بىر قىسىم ئېنېرگىيىنى سەرپ قىلىدۇ. كېيىنكى تۈردىكى جانلىق ئاخىرىدا، ئالدىنقى تۈردىكى جانلىقتىن قوبۇل قىلغان ئېنېرگىيىنىڭ %5 ىدىن %20 ىنىلا ساقلاپ قالالايدۇ. دېمەك، ئېنېرگىيە ئوزۇق زەنجىرىدىكى ئوزۇقلۇق دەرىجىسى بويىچە دەرىجىمۇدەرىجە ئېقىپ ئۈزلۈكسىز ئازىيىدۇ. شۇڭا، ئادەتتىكى ئوزۇق زەنجىرىدىكى ئوزۇقلۇق دەرىجىـسى بەشتىن كۆپ بولمايدۇ. ئېكولوگىيىلىك سىستېمىدا جانلىقلار تەركىبى ئارىسىدىكى ئوزۇقلىنىش مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولىدۇ، ئوخشاش بىر خىل ئۆسۈملۈكنى ئوخشاش بولمىغان ھايۋانلار ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، ئوخشاش بىر ھايۋانمۇ بىرلا خىل ئوزۇقلۇق بىلەن چەكلەنمەيدۇ. جانلىقلار تەركىبى ئارىسىدىكى ئوزۇقلىنىش مۇناسىۋىتى جەھەتتە مۇرەككەپ مۇناسىۋەت ساقلىنىدۇ، شۇڭا، تۈرلۈك ئوزۇق زەنجىرلىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ تورسىمان قۇرۇلمىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ ئوزۇق تورى دېيىلـىـدۇ. ئوزۇق تورى ئېكولوگىيىلىك سىستېمىدىكى ئومۇميۈزلـۈك ۋە مۇرەككەپ ھادىسە. ئېنېرگىيىنىڭ ئېقىشى، ماددىلارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە ئايلىنىشى ئوزۇق زەنجىرى ياكى ئوزۇق تورى ئارقىلىق داۋاملىشىدۇ. ئوزۇق زەنجىرىدىكى تۈرلۈك جانلىقلار ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتـىـدۇ، بىر - بىرىنى شەرت قىلىدۇ. ئەگەر مەلۇم ھالقىدا كاشىلا كۆرۈلسە، ئوزۇق زەنجىرى ئومۇمىي گەۋدە ھالىتىنى يوقىتىـدۇ، نەتىجىدە، ئېكولوگىيىلىك سىستېمىـدا قالايمىقانچىلىق كۆرۈلىدۇ.2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، جەنۇبىي ئافرىقا ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى جەنۇبىي قۇتۇپتىكى مارىنىس ئارىلىغا بارغاندا، كېمىدىكى بىرنەچچە چاشقانمۇ ئارالغا چىقىۋالـغـان. ئارالدا چـاشـقـانلارنـىـڭ كۈشەندىلىرى بولمىغاچقا، ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ ئارال چاشقان ئارىلىغا ئايلىنىپ قالغان. ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى چاشقانلارنى يوقىتىش ئۈچۈن بۇ يەرگە تۆت دانە ئۆي مۈشۈكىنى ئېلىپ كەلگەن، نەتىجىدە چاشقـانلار تەدرىجىي ئازايغان، ۋەھالەنكى، مۈشۈك شىددەت بىلەن كۆپىيىپ ئاپەتكە ئايلانغان،60 مىڭ مۈشۈك كۈنىگە600 مىڭدىن ئارتۇق قۇشنى يەۋەتكەن. جەنۇبىي ئافرىقا دائىرىلىرى قۇش تۈرىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىك ئۇچار ئايروپىلاندا مۈشۈكلەرنى ئوققا تۇتقان، مۈشۈكلەرنى ئۆلتۈرۈشكە نەچچە100 ئەسكەر ئەۋەتكەن. بۇنىڭدىن، ئوزۇق زەنجىرىنىڭ مۇھىتقا ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرى كېرەكسىز ماددىلارنى مۇھىتقا چىقىرىدۇ. كىشىلەر ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا ئوزۇق زەنجىرى ئارقىلىق زىيانلىق ماددىلارنى بەدىنىگە قوبۇل قىلىدۇ، راك مانا مۇشۇ خىل يول ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بەدىنىگە يوشۇرۇنىدۇ. شۇڭا، ئەۋلادلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇھىتنى ياخشى ئاسرىشىمىز كېرەك.
← بارلىق تېمىلار تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى
ئوزۇق زەنجىرى ۋە ئوزۇق تورى | UyghurWiki | UyghurWiki