قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئاۋازلار
تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى
ئاۋازدىن تەبىئەتمۇ، ئىنسانلارمۇ ئايرىلالمايـدۇ. ئورماندىكى قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرى، ھاشاراتلارنىڭ چىرىلداشلىرى، يايلاقتىكى شامالنىڭ ھۇشقىتىشى، دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ ھۆركىرىشى، زاۋۇتتىكى ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىشى، تاغ سۇلىرىـنـىـڭ شىرىلدىشى، تۇرمۇشتىكى يېقىملىق مـۇزىـكـا قـاتـارلىقلارنى تەبىئەت ۋە ئىنسانلار تۇرمۇشىدىكى ئاۋازلىق دۇنيا دېيىشكە بولىدۇ.
ئاۋاز كىشىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇغىنىسى، ھەرقانداق شەيئىنىڭ مەلۇم چېكى بولغىنىغا ئوخشـاش، ئاۋازدىمۇ جەزمەن مـۇۋاپـىـق «چەك» بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئاۋاز بەك كۈچلۈك، داۋاملىشىش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ مۇئەييەن چەكتىن ئېشىپ كەتسە، كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىشى، خىزمىتى، تۇرمۇشىغا كاشىلا قىلىدىغان شـاۋقـۇنـغـا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇخلىماقچى بولغىنىڭىزدا ھەرقانچە يېقىملىق مۇزىكىمۇ سىزنى بـىئارام قىلىدۇ، مانا بۇ شاۋقۇن.
شاۋقۇننىڭ كۈچلۈكلۈكى ئاۋاز دەرىجىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، ئاۋاز دەرىجىسىنىڭ بىرلىكى تېلېفوننى كەشىپ قىلغان ئالىم بېلنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان، فىزىكىدىكى مىقدار بىرلىكلىرى بەك چوڭ بولغاچقا، ئوندىن بىر بېل بىرلىك قىلىنىپ دېـتـسبېل دېيىلىدۇ، ئۇ «Bd» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. دېتسبېل ئادەم ئارانلا ئاڭلىيالايدىغان ئاۋاز بېسىمىـنـى ئۆلچەم قىممىتى قىلىدۇ. ئادەم ئارانلا ئاڭلىيالايدىغان ئاۋاز نۆل دېتـسبېل، دەرەخ يوپۇرمىقىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازى تەخمىنەن20 دېتسبېل، كىشىلەرنىڭ شىۋىرلىغان ئاۋازى تەخمىنەن30 دېتسبېل، ئاپتوبۇسنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى تەخمىنەن80 دېتسبېل، فابرىكىدىكى رەخت توقۇش ماشىنىسـىـنـىـڭ ئاۋازى تەخمىنەن100 دېتسبېل، سىمونت زاۋۇتىدىكى ئۇۋاش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئاۋازى تەخمىنـەن120 دېتسبېل كېلىدۇ. ئاۋاز80 دېتسبېلغا يەتكەندە كىشىلەر بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ،90 دېتسبېلغا يەتكەندە پويىزدا ئولتۇرغانغا ئوخشاش شاۋقۇن ھېس قىلىدۇ؛120 دېتسبېلغا يەتكەن شاۋقۇننىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ئادەمنىڭ قۇلىقى ئاغرىيدۇ، دېمەك، ئاغرىق بوسۇغىسىغا قەدەم قويىدۇ.
ئۆتمۈشتە كىشىلەر گاسلىقنى ئادەم قېرىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايتتى. بىراق، ئىلمىي تەجرىبىلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئادەم قېرىغاندا گاس بولۇپ قېلىشى ناتايىن ئىكەن، ھالبۇكى، شاۋقۇن ئادەمنىڭ ئاڭلاش قۇۋۋىتىنى چېكىندۈرىدىغان، ھەتتا گاسلىقنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم سەۋەب ھېسابلىنىدۇ. شاۋقۇن زىيانلىق بولسىمۇ، لېكىن تەدبىر قوللىنىپ ئۇنى تۈگىتىشكە ياكى ئۇنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشقا بولىدۇ. شاۋقۇن سىستېمىسىنىڭ ئاۋاز مەنبەسى، ئەۋەتىلىش يولى، ئاڭلىغۇچـىـدىـن ئىـبـارەت ئۈچ ھالقىسى بولىدۇ. ئاۋاز مەنبەسى ئاۋاز چىقىرىشتىن توختىسـىلا، شـاۋقـۇن توختايدۇ. شاۋقۇننى تىزگىنلەش تەدبىرلىرى باشقۇرۇش تەدبىرلىـرىـدىن باشقا، تېخنىكا تەدبىرلىرى ئارقىلىق تۆۋەن شاۋقۇنلـۇق ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساش، تۆۋەن شاۋقۇنلۇق پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنولوگىيىسىنى قوللىنىش، ئاۋاز يوقىتىش، ئاۋاز سۈمـۈرۈش، ئاۋاز ئايرىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ماتېرىياللىرىنى قۇراشتۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.