UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتىئېگىز بىناغا تولغان شەھەرلەر

ئېگىز بىناغا تولغان شەھەرلەر

تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى ھازىرقى زامان شەھەرلـىـرى ئومـۇمـەن ئېـگـىـز بىنالار بـىـلـەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. شەھەر ھەم مەھسۇلات ئىشلەپچىقـىـرىـدىـغـان بـازا، ھەم ئىختىساس ئىگىلىرى، مۇۋەپپەقىيەتلەر بارلىققا كېلىدىغان بۆشۈك، ئۇ يەنە تاۋار، ئۇچۇرنىڭ توپلىنىش - تارقىلىش ئورنى. شۇڭا، كىشىلـەر شـەھەرگـە ئىنتىلىدۇ، شەھەرگە ھەۋەس قىلىدۇ. سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ شەھەر قۇرۇلۇشى ئىنتايىن تېز راۋاجلاندى، يېزىلاردىكى ئاھالىلەر شەھەرلەرگە كۆپلەپ يۆتكەلدى. بۇ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئۆلچەشتىكى مۇھىم بەلگە. بىراق، شەھەرلەردىكى تۈرلۈك ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتى نوپۇسنىڭ مەركەزلىشىش، تەرەققىي قىلىش سۈرئىتىگـە يېتىشەلمەي قالسا، ئولتۇراق ئۆي قىسلىقى، سۇ بايلىقىنىڭ يېتىشمەسلىكـى، قاتناش قىستاڭچىلىقى، خەۋەرلىشىشنىڭ راۋان بولماسلـىـقـى، مـۇھىـتـنـىـڭ بۇلغىنىشى قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. قاتناش قىستاڭچىلىقىنى ئېلىپ ئېيتساق، چوڭ شەھەرلەردە كىشىلەر يول ماڭغاندا، ۋېلىسىپىت مىنگەندە ياكى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا بىر - بىرىنى قىستاشتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇ خىل قىستاڭچىلىقتىكى تۇرمۇش كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتىنى بەكمۇ جىددىيلەشتۈرۈپ، ئاسانلا ھارغىنلىق پەيدا قىلىدۇ. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، قىستاڭچىلىق ھالەتتىكى شەھەرلەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كېسەللىكى، نېرۋا ئاجىزلىققا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يېزىلاردا ياشاۋاتقانلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن. يەنە بىر مەسىلە سۇ بايلىقى كەمچىللىكىدۇر، ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن شەھەرلەردە بۇ مەسىلە مەۋجـۇت، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ مول جايلاردىمـۇ پات - پاتلا قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. سۇ بولمىسا شەھەرمۇ بولمايـدۇ. يەر يۈزى سۇ بايلىقى كەمچىل بولغاچقـا، نـۇرغـۇن شەھەرلەر يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىدۇ، يەر ئاستى سۈيى زىيادە كۆپ ئېلىنغاچقا، يەر ئاستىدىكى سۇ ئورنى تۆۋەنلەپ، يەر يۈزى چۆكىدۇ. دۇنيادا چۆكۈۋاتقان چوڭ شەھەرلەردىن لوندون، باڭكوك، شاڭخەي، تەيبېي، توكيو، مېكـسىكا قاتارلىق شەھەرلەر بار. دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ شەھەر مېكسىكا شەھىرى يەر ئاستى سۈيىدىن زىيادە كۆپ پايدىلانغاچقا، يىلىغا10 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىـدە چۆكمەكتە؛ ئىتالىيىنىڭ «سۇ ئۈستىدىكى شەھەر» دەپ نام ئالغان ۋېنېتسىيە شەھىرىمۇ يىلىغا5 −10 سانتىمېتىرلىق سۈرئەت بىلەن چۆكۈۋاتىدۇ، مۇبادا بۇ شەھەر ھازىرقى سۈرئەت بىلەن چۆكسە،200 يىلغا قالمايلا دېڭىز ئاستىغا غەرق بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ شاڭخەي، بېيجىڭ، تيەنجىن، شىئەن قاتارلىق20 شەھىرىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىـكـى رايـون خاراكتېرلىك يەر يۈزى چۆكۈش ئەھۋالى كۆرۈلدى.
← بارلىق تېمىلار تەبىئىي ۋە تۇرمۇش مۇھىتى
ئېگىز بىناغا تولغان شەھەرلەر | UyghurWiki | UyghurWiki