قۇتۇپ نۇرى
تەبىئىي ھادىسىلەر
قۇتۇپ نۇرى ئاتموسفېرادىكى بىر خىل ئاجايىپ گۈزەل فىزىكىلىق ھادىسە، ئۇ دائىم ھاۋا ئوچۇق بولغان كېچىلىرى80 كىلومېتىردىن1200 كىلومېتىرغىچە بولغان ھاۋا بوشلۇقىدا كۆرۈنىدۇ، ھەمىشە لېنتىسىمان، يايسىمان، ئېكرانسىمان ياكى رادىئاتسىيىسىمان شەكىلدە رەڭگارەڭ كۆرۈنىدۇ ھەم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.
قۇتۇپ نۇرى كۆپىنچە يۇقىرى كەڭلىك رايونىدا كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ ئىككى قۇتۇپ رايونىدا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. يەنى قۇتۇپقا يېقىن رايوندا يىلىغا نەچچە ئون قېتىم قۇتۇپ نۇرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.1950 - يىل2 - ئاينىڭ21 - كۈنى كېچىدە، موسكۋا ئەتراپىدا قۇتۇپ نۇرى كۆرۈلگەن. ئەينى چاغدا چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن كاسسىئوپېيە يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئۇپۇق سىزىقى ئېگىزلىكىدە رەڭدار بەلۋاغ كۆرۈلگەن ھەم ئۇنىڭ يورۇتۇشىدا يەر يۈزىدىكى توپلانما قار كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك دەرىجىدە رەڭگارەڭ تۈس ئالغان.1960 - يىلىنىڭ بىر كېچىسى لېنىنگراد شەھىرىدىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك شىمالىي قۇتۇپ نۇرى كۆرۈنگەن. ئاق رەڭلىك، قىزىل رەڭلىك ۋە يېشىل رەڭلىك نۇر يايى ئېگىزلىگەنسېرى كۈچىيىپ بارغان ھەمدە پايانسىز كۆك ئاسماندا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. تۆۋەن كەڭلىك رايونىدىمۇ قۇتۇپ نۇرىنى تاسادىپىي ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
مەملىكىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ئوتتۇرا كەڭلىك رايونىدا بولغاچقا، قۇتۇپ نۇرىنى كۆرۈش پۇرسىتى ئازراق بولىدۇ.1957 - يىل3 - ئاينىڭ2 - كۈنى سائەت19 ئەتراپىدا، مەملىكىتىمىزنىڭ خېيلۇڭجياڭ دەرياسى قىرغىقىغا جايلاشقان موخېدىن خۇماغىچە بولغان بەلۋاغدا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئاز ئۇچرايدىغان قۇتۇپ نۇرى كۆرۈلگەن. شۇ چاغدا كىشىلەر توساتتىن قىزىل پارقىراق تاڭ نۇرىنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ چىققانلىقىنى ھەم كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان قىسقا ۋاقىتتا ئۇنىڭ يايسىمان نۇر بەلۋېغىغا ئۆزگەرگەنلىكىنى ھەم ئۇنىڭ خېيلۇڭجياڭ ئاسمىنىدا جەنۇبقا قاراپ كېڭەيگەنلىكىنى كۆرگەن. شۇ يىلى9 - ئاينىڭ29 - كۈنى كېچىدە، مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىي كەڭلىك °40 نىڭ شىمالىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدىمۇ ئاز ئۇچرايدىغان قۇتۇپ نۇرى كۆرۈلۈپ، مەملىكىتىمىزنىڭ شىمال ئاسمىنى قىزىل شەپەق نۇرىغا چۆمگەن.
قۇتۇپ نۇرى قۇياش بورىنى بىلەن يەر شارى ماگنىت مەيدانىنىڭ ئۆزئارا تەسىرىدىن ھاسىل بولىدۇ. قۇياش بورىنى قۇياشتىن ئۈزلۈكسىز ھالدا ئېتىلىپ چىقىۋاتقان پلازما (مۇسبەت - مەنپىي ئىئونلارنىڭ ئارىلاشمىسى) دۇر. قۇياش بورىنى يەر شارى ئەتراپىغا يېتىپ كەلگەندە، يەر شارى ماگنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، يەر شارىنىڭ ئىككى قۇتۇپى رايونىغا كىرگەندە ئاتموسفېرانىڭ يۇقىرى قاتلىمىغا قاتتىق سوقۇلۇپ نۇر چىقىرىدۇ، مانا بۇ قۇتۇپ نۇرىدۇر. ئاتموسفېرانىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى گاز ئوخشاش بولمىغان ئېلېمېنتلاردىن تەركىب تاپقان بولىدۇ، قۇياش بورىنىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندا، ئوخشاش بولمىغان ئېلېمېنت گازلىرى ئوخشاش بولمىغان رەڭدە نۇر چىقىرىدۇ. مەسىلەن، ئوكسىگېن يېشىل ۋە قىزىل رەڭلىك، ئازوت بىنەپشە رەڭلىك، ئارگون كۆك رەڭلىك نۇر چىقىرىدۇ، شۇڭا، قۇتۇپ نۇرى رەڭگارەڭ بولىدۇ ھەم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.