لەيلەپ - چۆكۈپ تۇرىدىغان ئارال
تەبىئىي ھادىسىلەر
1831 - يىل7 - ئاينىڭ10 - كۈنى، ئىتالىيىنىڭ بىر پاراخوتى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى سىسىلىيە ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دېڭىزدا كېتىۋاتقاندا ماتروسلار ئۇشتۇمتۇت دېڭىزدىن20 مېتىر ئېگىزلىكتە شىددەتلىك ئېتىلىپ چىقىۋاتقان سۇ مۇنارىنى بايقىغان، بۇ سۇ مۇنارىنىڭ ئايلانمىسى تەخمىنەن730 مېتىردىن ئاشىدۇ. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا بۇ سۇ مۇنارى تۇمانلىق سۇ پارىغا ئايلىنىپ، تەخمىنەن600 مېتىر ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلگەن. بۇ خۇددى چۆچەكلەردە ئېيتىلغان سولومون بوتۇلكا ئىچىگە نەزەربەند قىلغان جادۇگەرنىڭ بوتۇلكىنىڭ ئاغزى ئېچىلىشى بىلەنلا بوتۇلكىدىن ئېتىلىپ چىققىنىغا ئوخشاش قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشكە ئوخشايدۇ.8 كۈندىن كېيىن بۇ كېمە قايتىش سەپىرىدە ماتروسلار بۇ يەردە ئىس چىقىپ تۇرغان بىر ئارالنى بايقىغان ھەمدە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزدا لەيلەپ يۈرگەن قىزغۇچ قارامتۇل رەڭلىك كۆپ تۆشۈكچىلىك تاش پارچىلىرىنى ھەم ئوڭدىسىغا ياتقان نۇرغۇن ئۆلۈك بېلىقلارنى كۆرگەن. شۇنداق قىلىپ ئىس - تۈتەك قاپلىغان ۋە قايناق دېڭىز سۈيىدە بۇ ئارال بارلىققا كەلگەن.10 نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ ئارالنىڭ ئېگىزلىكى ئەسلىدىكى4 مېتىردىن بىراقلا ئېگىزلەپ60 نەچچە مېتىرغا، ئايلانمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى8 .4 كىلومېتىرغا يەتكەن. ئارال تۇنىس دېڭىز بوغۇزىدا پەيدا بولغاچقا، گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ئارالغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى تالاشقان. بىراق ئۈچ ئايدىن كېيىن بۇ ئارال يەنە دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن.1950 - يىلدىن ئىلگىرى، ئارال نەچچە قېتىم كۆتۈرۈلۈپ، يەنە نەچچە قېتىم چۆكۈپ كەتكەن، شۇڭا كىشىلەر بۇ ئارالنى لەيلەپ - چۆكۈپ تۇرىدىغان ئارال دەپ ئاتاشقان. بۇنداق لەيلەپ - چۆكۈپ تۇرىدىغان ئاراللار خېلى كۆپ. ئالىملار بۇنى يانارتاغ پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىماقتا.
چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبى ئۇچىدىكى دېڭىزدا ئىككى ئارال بار. ئۇلارنىڭ بىرى چىندو، يەنە بىرى مودۇ. بۇ يەردە يىلىغا ئىككى قېتىم دېڭىز سۈيى بۆلۈنۈپ يول پەيدا بولىدىغان ئاجايىپ مەنزىرە كۆرۈلىدۇ. يەنى بىرىنچى كۈنى دېڭىز سۈيى ئاستا - ئاستا تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ، ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت5 ئەتراپىدا، كۈن كەچكى شەپەققە تولغاندا دېڭىز سۈيى جىددىي تۆۋەنلەپ، بارا - بارا كەڭلىكى تەخمىنەن40 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى3 كىلومېتىر كېلىدىغان تۈز يول پەيدا بولۇپ، ئىككى ئارالنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدۇ. كىشىلەر بۇ يولغا چىقىپ دېڭىز قۇلۇلىسى، قىسقۇچپاقا، سەككىزئاياغ ۋە دېڭىز راكى تۇتىدۇ.10 نەچچە مىنۇتتىن كېيىن دېڭىز سۈيى يەنە ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، بۇ يول بارغانسېرى كىچىكلەيدۇ. سائەت6 ئەتراپىدا، دېڭىز سۈيى يولنى تامامەن بېسىپ كېتىدۇ. يەنى بىپايان دېڭىز رايونىغا ئايلىنىدۇ. ئالىملار دېڭىزدىكى بۇ خىل ئاجايىپ كۆرۈنۈشنى دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش ۋە قايتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىماقتا.