يېللوئۇستون باغچىسى
تەبىئىي ھادىسىلەر
ئا ق ش دىكى نۇرغۇن باغچىلار ئىچىدە يېللوئۇستون باغچىسى ئەڭ بۇرۇن ئېچىلغان دۆلەت باغچىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان باغچە ھېسابلىنىدۇ.
يېللوئۇستون باغچىسى ئا ق ش نىڭ غەربىي شىمالى قىسمىدىكى ۋيومىڭ شتاتى، مونتانا شتاتى ۋە ئىداخو شتاتى قاتارلىق ئۈچ شتات چېگرىلىنىدىغان جايدىكى روككى تېغى ئېگىزلىكىگە جايلاشقان، كۆپ قىسمى ۋيومىڭ شتاتىدا. بۇ يەر1872 - يىلى دۆلەت باغچىسى قىلىپ ئېچىلغان. باغچىنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى8956 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يېللوئۇستون دەرياسىنىڭ ئىككى يان تەرىپىدىكى جىلغا سېرىق رەڭدە بولۇپ، ئۇنىڭ نامى شۇنىڭدىن كەلگەن.
زىچ ئۆسكەن ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان بۇ باغچە تەبىئەتنىڭ ئەسلىي مەنزىرىسىنى ساقلاپ قالغان. تەكشى كەلگەن ئايلانما چوڭ يولنىڭ ئىككى تەرىپىنى رەت - رەت ۋە ئېگىز ئۆسكەن قارا قارىغايلار قاپلاپ تۇرىدۇ. دەل - دەرەخلەر بىرقەدەر شالاڭراق جايلارغا كىشىلەر رەڭگارەڭ چېدىرلارنى تىككەن. ھەر قېتىم ياز پەسلى كېلىشى بىلەنلا باغچىدىكى2000 دىن ئارتۇق ساياھەتچىلەر لاگېرى چۈش بولمايلا تولۇپ بولىدۇ، باشقا نۇرغۇن ساياھەتچىلەر بولسا ئۆز ئاپتوموبىللىرىدا تۈنەشكە مەجبۇر بولىدۇ.
يېللوئۇستون باغچىسىدىكى قەرەللىك بۇلاقلار ئاجايىپ كۆرۈنۈشى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. بۇ جاي دۇنيادىكى قەرەللىك بۇلاق، ئارىشاڭ ۋە ئىسسىق سۇ كۆلچىكى ئەڭ مەركەزلەشكەن جاي ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە200 دىن ئارتۇق قەرەللىك بۇلاق بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى «سەمىمىي بۇلاق» تىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن سۇ ئېتىلغاندا نەچچە مېتىر توملۇقتىكى سۇ تۈۋرۈكى ئاۋاز چىقىرىپ، ئاسمان - پەلەك ئېتىلىپ چىقىدۇ. زور مىقداردىكى ئىسسىق سۇ50 ~60 مېتىر ئېگىزلىككىچە ئېتىلىپ چىقىپ، ئەتراپنى ئاق تۇمان قاپلاپ، خۇددى يانار تاغ پارتلىغاندەك تۈسكە كىرىدۇ، كۆرۈنۈشى بەكمۇ ھەيۋەتلىك. بۇ قەرەللىك بۇلاق بەكمۇ «لەۋزىدە تۇرىدۇ»، سۈيى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر65 مىنۇتتا بىر قېتىم ئېتىلىپ چىقىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى «سەمىمىي بۇلاق» دەپ ئاتىغان. بىراق ئۇ «سەمىمىيەتسىزلىك قىلىپ» ئېتىلىپ چىقىش ۋاقتىنى قىسقارتقان چاغلىرىمۇ بولغان. ئالىملار تەبىئەت دۇنياسىدىكى نۇرغۇن ئامىللار، بولۇپمۇ يەر تەۋرەش ھادىسىسى قەرەللىك بۇلاقلارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارىماقتا. مەسىلەن،1972 - يىلى قىشتىن1973 - يىلىنىڭ بېشىغىچە سەمىمىي بۇلاقنىڭ ئوتتۇرىچە ئېتىلىپ چىقىش ۋاقتى بىرقانچە مىنۇت قىسقارغان، نەتىجىدە1973 - يىلى3 -،4 - ئاي ئىچىدە ئىككى قېتىم قاتتىق يەر تەۋرىگەن.
يېللوئۇستون باغچىسىدىكى ئارىشاڭ نۇرغۇن چوڭ - كىچىك ئىسسىق سۇ كۆلچىكىدىن تەركىب تاپقان، قىزىل، سېرىق، كۆك، ئاق، سۆسۈن ۋە قوڭۇر رەڭ كەلگەن كۆلچەكنىڭ قىرغاقلىرى ئۆزئارا يورۇتۇشۇپ، ئىنتايىن كۆركەم، رەڭدار كەلگەن سۈرەت ھاسىل قىلغان. كۆلچەكتىكى ئىسسىق سۇ ئېگىز يەرلەردىن ئېقىپ چۈشۈپ نۇرغۇن شارقىراتمىلارنى ھاسىل قىلغان، ئۇلار قەۋەت - قەۋەت بۇلۇتسىمان قېتىشقان كالتسىي كاربوناتلىق پەلەمپەيدىن ئېقىپ چۈشۈپ يېللوئۇستون دەرياسىغا ئېقىپ بارىدۇ - دە، ئۆزئارا قوشۇلۇپ كۈمۈشتەك ئاپئاق چوڭ شارقىراتمىنى ھاسىل قىلىپ، ئاخىردا باغچىنىڭ شىمالىي قىسمىنى ئۇزۇنىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان يېللوئۇستون جىلغىسىغا قۇيۇلىدۇ. يېللوئۇستون جىلغىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى24 كىلومېتىر، چوڭقۇرلۇقى400 مېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن500 مېتىر كېلىدۇ. جىلغا تېمىنىڭ تاغ جىنسلىرى قاتلىمى قىزغۇچ سېرىق رەڭدىن توق قىزىل رەڭگىچە بولغان ئېگېنىتىس بىلەن قارا پارقىراق جىنستىن تەركىب تاپقان بولۇپ، خۇددى ئەگرى - بۈگرى ئىككى رەڭدار لېنتىغا ئوخشايدۇ، قۇياش نۇرىدا دەريادىكى شارقىراتمىلار قوشۇلۇپ تېخىمۇ نۇرلۇق، كۆركەم كۆرۈنىدۇ.
باغچىدا ئايلانما ئۇزۇنلۇقى180 كىلومېتىر كېلىدىغان ئوتلاق ۋە قارا قارىغايلىق ئارىسىغا جايلاشقان يېللوئۇستون كۆلى بار. يېللوئۇستون باغچىسى يەنە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش رايونىدۇر. بۇ يەردە بەدەن ئېغىرلىقى1000 كىلوگرامغا يېتىدىغان ئا ق ش ياۋا كالىسى ۋە سانى كۆپ بولغان يوغان مۈڭگۈزلۈك بۇغا، شۇنداقلا قارا ئېيىق، كۈل رەڭ ئېيىق ۋە قانداغاي قاتارلىق ھايۋانلار ياشايدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە تېخى ئاققۇتان، ئاق قۇ قاتارلىق200 نەچچە خىل قۇش ۋە كۆپ خىل كېپىنەكلەر بار. بۇ ھايۋانلار ياخشى قوغدىلىپ كېلىۋاتقاچقا، ئادەملەردىن پەقەت قورقمايدۇ. ئۇلار دائىم يول بويلىرى ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ يېنىدا تۇرۇۋېلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە يېمەكلىكلەرنى بېرىشىنى كۈتىدۇ.