قۇملۇق باغچىسى
تەبىئىي ھادىسىلەر
ئىنسانلار تەبىئەت دۇنياسى بىلەن كۈرەش قىلىش داۋامىدا، ئەڭ ئاۋۋال ئويلىشىدىغىنى ياشاش ماكانىغا ئېرىشىش، قۇملۇقلار بولسا ئىنسانلارنىڭ ياشاش ماكانىنى كىچىكلەتكۈچىدۇر. شۇڭا كىشىلەر ھەمىشە قۇملۇقتىن نەپرەتلىنىدۇ، بىراق ئا ق ش نىڭ رەڭلىك قۇملۇقى بولسا ھەقىقەتەن بىر ساياھەت رايونىدۇر.
بۇ قۇملۇق ئا ق ش نىڭ ئارىزونا شتاتىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمىدا بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن19 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1500 مېتىردىن ئاشىدىغان چۆل - جەزىرە، شۇنىڭدەك يەر تۈزۈلۈشى ئېگىز - پەس بولغان يەككە تاغ، تۆپىلىك، كىچىك ئېدىرلىق ۋە ساي قاتارلىقلار ئارىلىشىپ جايلاشقان، ئۇ يەرنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ناھايىتى چوڭ (يۇقىرىسى ℃14، تۆۋىنى ℃30) بولغاچقا، تاغ جىنسلىرىنىڭ يىمىرىلىشى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ، گىياھ ئۆسمەيدىغان قىيا تاشلار يىمىرىلىپ خۇددى ئىنسانلار ئۇيۇپ قويغاندەك خىلمۇخىل ئاجايىپ شەكىللەرنى ھاسىل قىلغان. بۇ يەردىكى ھەر خىل رەڭدە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان رەڭلىك قۇم خۇددى خىلمۇخىل رەڭدە بوياپ قويغاندەك، قۇياش نۇرىدا جۇلالىنىپ ئاز كۆرۈلىدىغان ئاجايىپ تەبىئىي مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان. يەنە كېلىپ ئىسسىقلىق، نۇر ۋە قۇم، چاڭ - توزانلارنىڭ تەسىرىدە قۇملۇق كۆك، سۆسۈن خرۇستال رەڭ، سېرىق قوڭۇر رەڭ، قىزىل، ئاچ يېشىل ۋە كۈل رەڭ، رەڭلەردە كۆرۈنۈپ، چاقناپ تۇرغان خىلمۇخىل تۈسنى ھاسىل قىلىدۇ. ئىسسىق كۈنلىرى بۇ رەڭلەر قوشۇلۇپ ھەر خىل رەڭدىكى تۇمانلىقلارنى ھاسىل قىلىپ پارقىراپ نۇر چېچىپ تۇرىدۇ. قۇياشنىڭ چۈشۈش بۇلۇڭىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، رەڭلەردىمۇ ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىش ھاسىل بولىدۇ، يەنى رەڭلەر بەزىدە سۇسلىشىدۇ، بەزىدە قېنىقلىشىدۇ، يامغۇردىن كېيىن كۈن ئېچىلغاندا، رەڭلەر سۈزۈكلىشىپ تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ.