شەرقىي ئافرىقا چوڭ يېرىلمىسى
تەبىئىي ھادىسىلەر
ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بىر يېرىلغان جىلغا بار. ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن6400 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىي تارمىقى جەنۇبتا شىرې دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىدىن باشلىنىپ شىمالغا قاراپ شەرقىي ئافرىقا ئېگىزلىكى، ئېكۋادور ۋە ئېفىئوپىيە ئېگىزلىكىنى ئۇزۇنىغا كېسىپ ئۆتۈپ، ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئىئوردان دەرياسى جىلغىسىغىچە بارىدۇ؛ غەربىي تارمىقى جەنۇبتا مالاۋى كۆلىنىڭ شىمالىدىن باشلىنىپ تانگانىكا كۆلى ۋە كىۋۇ كۆلىدىن ئۆتۈپ، ئالبېرت نىل دەرياسى جىلغىسىغىچە بارىدۇ.
شەرقىي ئافرىقا چوڭ يېرىلمىسى ئادەتتىكى تاغ جىلغىسى ۋە باشقا جىلغىلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئىككى ئېگىزلىك ئارىسىدا بولۇپ، خۇددى غايەت زور توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن ئېچىلغان چوڭ جىلغىغا ئوخشايدۇ. بۇ چوڭ جىلغىنىڭ كەڭ - تارلىقى ئوخشاش ئەمەس، ئادەتتە كەڭلىكى50 كىلومېتىردىن80 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ، ئەڭ تار جايى ئاران3 مېتىرلا كېلىدۇ. ئەگەر ئايروپىلاندىن پەسكە قارىسىڭىز، پەقەت تەكشى كەتكەن شەرقىي ئافرىقا ئېگىزلىكىدە ئۇزۇنىسىغا سوزۇلغان تاتۇققا ئوخشاپ قالىدىغان بىر پېتىنقۇ ئىز كۆرۈنىدۇ، شۇڭا بۇ چوڭ يېرىلما «يەر يۈزىنىڭ تاتۇقى» دەپ سۈپەتلەنگەن.
شەرقىي ئافرىقا چوڭ يېرىلمىسى ئىنتايىن چوڭقۇر، ئادەتتە چوڭقۇرلۇقى500 مېتىردىن800 مېتىرغىچە كېلىدۇ، ئەڭ چوڭقۇر جايى3000 مېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر كۆل بولغان بايقال كۆلىدىنمۇ بىر ھەسسىگە يېقىن چوڭقۇر. چوڭ يېرىلمىنىڭ ئىككى يېنىدىكى ئېگىز ھەم تىك يارلار خۇددى قوپۇرۇلغان غايەت زور سېپىلغا ئوخشايدۇ. يېرىلمىنىڭ تېگى كەڭ كەتكەن ئوچۇق دالىدىن ئىبارەت، جىلغا تېگىگە خۇددى بىر قاتار كۆك ياقۇتتەك تىزىلغان پارقىراق كۆللەر تارقالغان. بۇ كۆللەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇزۇنچاق، تۆت ئەتراپى تىك ھەم سۈيى چوڭقۇر كۆللەردۇر، كۆللەر ئاساسەن يېرىلمىنىڭ يۆنىلىشىنى بويلاپ ئۇزۇنىسىغا سوزۇلغان. ئافرىقا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ چوڭقۇر كۆل — تانگانىكا كۆلى دەل مۇشۇ يەرگە جايلاشقان.
شەرقىي ئافرىقا چوڭ يېرىلمىسى ئەتراپىدا ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان يانار تاغ توپى بار، مەشھۇرلىرىدىن ئافرىقىدىكى ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى كىلىمانجارو تېغى، كېنىيە تېغى، رۇۋېنزورى تېغى قاتارلىق تاغلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى5000 مېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ تاغلار بۈك - باراقسان ئۆسكەن ئىپتىدائىي ئورمانلار بىلەن قاپلانغان. بەزى يانار تاغ ئېغىزلىرى تەبىئىي ياۋايى ھايۋانات باغچىسىغا ئايلانغان، بەزىلىرى ھازىرغا قەدەر ھەرىكەت ھالىتىدە تۇرماقتا.
يەر يۈزىدە نېمە ئۈچۈن بۇنداق غايەت زور «تاتۇق» شەكىللىنىپ قالغان؟ بۇ ھەقتىكى چۈشەندۈرۈش بىردەك ئەمەس. بەزىلەر بۇنىڭدىن30 مىليون يىل ئىلگىرى بۇ يەردە يەر قاتلىمىنىڭ ئۈزۈلۈش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، تۆۋەنگە ئولتۇرۇشقان يەردە يېرىلما ھاسىل بولغان دەپ قارىماقتا؛ يەنە بەزىلەر بۇ ئىككى چوڭ بۆلەكنىڭ ئاجرىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىماقتا. بىراق، تا ھازىرغا قەدەر ھەممە ئېتىراپ قىلغۇدەك يەكۈن چىقمىدى. ھازىر بۇ چوڭ يېرىلما يەنە داۋاملىق ھالدا ئىككى تەرەپكە قاراپ كېڭەيمەكتە، بەزى ئالىملار80 مىڭ يىلدىن كېيىن شەرقىي ئافرىقا چوڭ يېرىلمىسىنىڭ شەرقىدىكى بۆلىكى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ چىقىپ ھىندى ئوكياندىكى چوڭ بىر ئارالغا ئايلىنىپ قالىدۇ، چوڭ يېرىلمىنىڭ ئورنىدا يېڭى بىر دېڭىز - ئوكيان پەيدا بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىمەكتە.