تاشقا ئايلانغان ئورمانلىق
تەبىئىي ھادىسىلەر
تۈپ - تۈپ تاشقا ئايلانغان دەرەخلەر خۇددى خارابىلىكتىكى قالدۇق تۈۋرۈكلەردەك «ئورمانلىق» نى ھاسىل قىلغان. بۇ ئورمانلىق تاشقا ئايلانغان ئورمانلىق دەپ ئاتىلىدۇ.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ كۆركەم تاشقا ئايلانغان ئورمانلىق مەركەزلەشكەن يەر ئا ق ش نىڭ تاشقا ئايلانغان ئورمان دۆلەت باغچىسىدۇر. ئۇ ئارىزونا شتاتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئادامانا بازىرىغا يېقىن جايدا. بۇ يەردە توغرىسىغا ئۆرۈلۈپ ياتقان نەچچە مىڭ تۈپ دەرەخ غولى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە كەڭلىكى9 .0 مېتىردىن2 .1 مېتىرغىچە، ئۇزۇنلۇقى18 مېتىردىن24 مېتىرغىچە كېلىدۇ، ئەڭ ئۇزۇنلىرىنىڭ5 .37 مېتىرغا يېتىدۇ. مۇكەممەل كەلگەن دەرەخ غوللىرى ئەتراپىدا يەنە نۇرغۇن چېچىلىپ ياتقان ياغاچ پارچىلىرىمۇ بار. بۇ تاشقا ئايلانغان دەرەخلەرنىڭ يىل ھالقىلىرى ئىنتايىن ئېنىق، رەڭگى كۆركەم بولۇپ، خۇددى كۆك قاشتېشى بىلەن ھېقىق مىنېرالى ئارىسىغا ئۇۋاق گۈزەل قاشتېشى قىستۇرۇلغاندەك، قۇياش نۇرىدا جۇلالىنىپ تۇرىدۇ، كۆرگەنلەر ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايدۇ. باغچىدا بۇنداق زىچ «ئورمان» لىقتىن ئالتىسى بار، ئەڭ چىرايلىقى رەڭدار ئورمانلىق، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆك قاشتېشى ئورمانلىقى، خرۇستال ئورمانلىقى، ھېقىق مىنېرالى ئورمانلىقى، قارا ئورمانلىق ۋە كۆك ئورمانلىقلار بار.
مەملىكىتىمىزدە گەرچە بۇنداق تاشقا ئايلانغان ئورمانلىق بايقالمىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە ئاز بولمىغان تاشقا ئايلانغان ياغاچ قاتمىلار بار. خاڭجۇدىكى يۆ فېينىڭ قەبرىسى ئالدىدىكى بىرقانچە تۈپ «ساداقەتمەن ئارچىسى» تاشقا ئايلانغان ياغاچ قاتمىدۇر. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شېڭكو ئۆزىنىڭ «مېڭشى باغچىسىدىكى سۆھبەت خاتىرىسى» دە، يەنجۇ (بۈگۈنكى شىئەننىڭ يەنئەن رايونى) دىكى يۇڭنىڭگۇەندىن «نەچچە يۈز تۈپ» تاشقا ئايلانغان دەرەخ قاتمىسىنى بايقىغانلىقىنى يازغان. سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى يۇڭچۇەن ناھىيىسىنىڭ يۇڭلۇ يېزىسىدىكى شىسۇڭپىڭ تۆپىلىكىدە نۇرغۇن كرېمنىيلاشقان قارىغاي دەرەخ قاتمىلىرى بار، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ غولىنىڭ دىئامېتىرى25 .1 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى12 .11 مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ كرېمنىيلاشقان قارىغاي قاتمىلىرى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، ئۆزئارا سوقسىڭىز كۆزنى چاقناتقۇدەك ئوت يالقۇنى چىقىرىدۇ.
تاشقا ئايلانغان ئورمانلىق دەل - دەرەخلەردىن ئۆزگەرگەن. تەخمىنەن بۇنىڭدىن150 مىليون يىللار ئىلگىرى ئورمان ئەتراپىدىكى قاش - قىرغاقلارنى كەلكۈن سۈيى يالاپ ئېقىتىپ كەتكەنلىكتىن، ئورمانلارنى بارا - بارا لاي - توپا، قۇم - شېغىل ۋە يانار تاغ كۈللىرى كۆمۈۋالغان. كېيىن نۇرغۇن قېتىملىق گېئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش ۋە باشقا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن، قۇرۇقلۇق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندە يەر ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان دەرەخ غوللىرى يەنە قايتىدىن يەر ئۈستىگە چىقىپ قالغان. مىنېرال ماددىلارنىڭ ياغاچ ھۈجەيرىلىرىگە سىڭىپ كىرىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئېلىشى ئارقىسىدا، سۇدا ئېرىگەن تۆمۈر ۋە مانگاننىڭ ئوكسىدلىرى ئۇلارنى سېرىق، قىزىل، سۆسۈن، قارا ۋە سۇس كۈل رەڭ رەڭگە كىرگۈزگەن، نەتىجىدە بۈگۈنكىدەك خۇددى ئالتۇنغا قاشتېشى قويۇلغاندەك رەڭگارەڭ تۈس ئالغان تاشقا ئايلانغان دەرەخلەر شەكىللەنگەن.