UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئىي ھادىسىلەرئۈمىد تۇمشۇقى

ئۈمىد تۇمشۇقى

تەبىئىي ھادىسىلەر 1488 - يىلى پورتۇگالىيىلىك دېڭىزچى بارتولمۇ دىياش پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ھىندىستانغا بارىدىغان يېڭى دېڭىز يولىنى تېپىش ئۈچۈن يولغا چىققان. ئۇ ئۈچ كىچىك كېمىگە باشلامچىلىق قىلىپ ئافرىقىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقى ئەتراپىدىكى دېڭىزدا كېتىۋاتقاندا، ئۇشتۇمتۇت قارا بوران چىقىپ، بوران - چاپقۇن ئىچىدە قالغان. ئۇلارنىڭ كىچىك كېمىلىرى دەھشەتلىك دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە تىركىشىپ، بوران توختىغانغا قەدەر بەرداشلىق بەرگەن، ئۇلار دېڭىز دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە بىر تۇمشۇق يېنىغا كېلىپ قالغان. تۇمشۇقنى بويلاپ مەلۇم ۋاقىت دېڭىزدا ماڭغاندىن كېيىن، توساتتىن قۇياشنىڭ كېمىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىۋاتقانلىقىنى بايقىغان، ئەسلىدە ئۇلار ئاللىقاچان ئاتلانتىك ئوكياندىن ھىندى ئوكيانغا كىرىپ بولغانىكەن. قايتىش سەپىرىدە ئۇلار مۇشۇ تۇمشۇق ئەتراپىدا يەنە بىر قېتىم تېخىمۇ كۈچلۈك بوران - چاپقۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، شۇڭا، «بوران - چاپقۇن تۇمشۇقى» دەپ ئاتاشقان. بىراق پورتۇگالىيە پادىشاھى مەزكۇر تۇمشۇقنىڭ بايقالغانلىقى باي ھىندىستانغا بېرىشنىڭ ئۈمىدى دەپ قاراپ، بۇ تۇمشۇقنىڭ نامىنى «ئۈمىد تۇمشۇقى» غا ئۆزگەرتكەن. ئۈمىد تۇمشۇقى ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە بولۇپ، شىمالىي قىسمىنىڭ مەشھۇر كېيپتائۇن پورتى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئارانلا52 كىلومېتىر كېلىدۇ. كېيپتائۇن ئۈمىد تۇمشۇقىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، يەنى ئۇ «تۇمشۇق شەھىرى» دېگەن مەنىدە. قىزىل دېڭىز بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزنى تۇتاشتۇرىدىغان سۇۋەيش قانىلى قېزىلىشتىن ئىلگىرى بۇ يەر ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن ھىندى ئوكيان ئارىسىدىكى دېڭىز قاتنىشىدا ئۆتمىسە بولمايدىغان مۇھىم ئۆتكەل ئىدى. ھازىر370 مىڭ تونناژلىقتىن يۇقىرى بولغان ئالاھىدە چوڭ پاراخوتلار يەنىلا ئۈمىد تۇمشۇقىنى ئايلىنىپ ماڭىدۇ، ھەر يىلى بۇ يەردىن ئۆتىدىغان پاراخوتلار نەچچە ئون مىڭدىن ئاشىدۇ. بولۇپمۇ غەربىي ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا ئېھتىياجلىق بولغان نېفىتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بولغان ماي پاراخوتلىرى بىلەن ئۈمىد تۇمشۇقى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ، شۇڭا، غەرب دۆلەتلىرى بۇ دېڭىز يولىنى «دېڭىزدىكى ھاياتلىق يولى» دەپ ئاتايدۇ. ئۈمىد تۇمشۇقى غەرب شاماللىرى بەلۋېغىغا جايلاشقان بولغاچقا، بۇ جايدا يىل بويى غەرب شامىلى چىقىپ تۇرىدۇ، شامال كۈچى دائىم11 بالدىن ئېشىپ كېتىدۇ، دېڭىز دولقۇنىنىڭ ئېگىزلىكى ئادەتتە6 مېتىردىن ئاشىدۇ، بەزىدە15 مېتىرغا يېتىدۇ. ھەر يىلى100 نەچچە كۈن ئەتراپىدا بوران - چاپقۇنلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ. نىسبەتەن تىنچ بولغان كۈنلىرىمۇ دېڭىز دولقۇنىنىڭ ئېگىزلىكى2 مېتىردىن ئاشىدۇ. شۇڭا، ئۈمىد تۇمشۇقى ئەتراپىدا دائىم دېڭىز ساھىلى ھادىسىسى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، ماتروسلار ئۇ يەرنى «ئىنتايىن خەتەرلىك جاي» دەپ ئاتايدۇ. ئۈمىد تۇمشۇقى بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدىكى خورن تۇمشۇقى مەشھۇر «بوران - چاپقۇن تۇمشۇقى» دۇر.
← بارلىق تېمىلار تەبىئىي ھادىسىلەر