UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئىي ھادىسىلەرچوڭ جىلغا

چوڭ جىلغا

تەبىئىي ھادىسىلەر چوڭ جىلغا ئا ق ش نىڭ ئارىزونا شتاتىنىڭ غەربىي شىمالى قىسمىدىكى كولورادو ئېگىزلىكىدە بولۇپ، دۇنيادىكى ئاجايىپ مەنزىرىلىك جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن350 كىلومېتىر كېلىدۇ، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريا جىلغىسىدۇر. ئۇ كولورادو دەرياسىنىڭ يەر يۈزىنى چوڭقۇر كېسىشىدىن ھاسىل بولغان، شۇڭا يەنە «كولورادو چوڭ جىلغىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چوڭ جىلغىنىڭ چوڭقۇرلۇقى1830 مېتىرغا يېتىدۇ، جىلغىنىڭ ئىككى قىرغىقى ئېگىز تىك قىيا بولۇپ، ئېگىز چوققا، كىچىك ئېدىر، جىلغا تېمى پەلەمپەي ھالەتتە جايلاشقان، جىلغىنىڭ ئۈستى تەرىپى كەڭ، ئاستى تەرىپى تىك ھەم تار، جىلغا تېگىدىكى سۇ يۈزىنىڭ كەڭلىكى بىر كىلومېتىرغا يەتمەيدۇ، بەزى جايلىرىنىڭ ئارانلا120 مېتىر كېلىدۇ. بۇ جاينىڭ ئىقلىمى قۇرغاق، ئۆسۈملۈكلىرى شالاڭ. كىشىلەر جىلغا تېمى ئارقىلىق قەدىمكى ھايات ئېراسىدىن يېڭى ھايات ئېراسىغىچە بولغان ھەربىر دەۋرنىڭ يەر قاتلاملىرىنى كۆزىتەلەيدۇ. جىلغا تېمى قۇياش نۇرىدا ئوخشاش بولمىغان رەڭدە كۆرۈنىدۇ، مەنزىرىسى ئۆزگىچە. يىراقتىن نەزەر تاشلىسىڭىز، ئۇنىڭ ئەگرى - بۈگرى يولى، ئىككى تەرىپىدىكى تىك قىيالىرى، چوڭقۇر يەر قاتلاملىرى خۇددى مىليونلىغان كىتابنى ئۈستمۇ ئۈست قىلىپ تىزىپ قويغاندەك كۆرۈنىدۇ؛ چوڭ جىلغىنىڭ ئەگرى - بۈگرىلىكى خۇددى شايى لېنتىنىڭ يەر ئۈستىدە لەپىلدەۋاتقىنىدەك كۆرۈنىدۇ. جىلغىغا كىرسىڭىزلا تىزىقلىق «كىتابلار» دەك كۆرۈنگەن يەر قاتلاملىرى خىلمۇخىل شەكىل ۋە ھالەتتىكى تاغ جىنسلىرى بىلەن تاغ چوققىلىرىغا ئۆزگىرىدۇ. بەزى تاغ چوققىلىرىدا تۇيۇقسىزلا ناھايىتى چوڭ ئۆڭكۈرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بەزى تاغ گىرۋەكلىرى قەدىمكى زاماندىكى گېنېراللارنىڭ پەرمان چۈشۈرۈش سۇپىلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھەربىر قەدەمدە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان خىلمۇخىل مەنزىرىلەر نامايان بولىدۇ. كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا تاغ جىنسلىرى ھەر خىل رەڭدە ئەكس ئېتىدۇ، يەنى تاغ جىنسلىرى كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇپ، ئۇلارغا پۈتمەس - تۈگىمەس گۈزەللىك بېغىشلايدۇ، تىك قىيادا ياكى ئاسما كۆۋرۈكتە تۇرۇپ جىلغىغا قارىسىڭىز، كولورادو دەرياسىنىڭ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان قىيان سۈيىنى، خەتەرلىك ھەم كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان خىلمۇخىل مەنزىرىلەرنى كۆرەلەيسىز. بۇ يەردە بايقالغان ھايۋانلار90 خىلدىن، قۇشلار180 خىلدىن ئاشىدۇ.5 ~6 ئورۇندا شارقىراپ چۈشۈۋاتقان شارقىراتما بار. باغچا ئىچىدىكى ساياھەت ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ تاغ ئۈستىدىكى كۆزىتىش سۇپىسىغا چىقسىڭىز، ئايلانما دۇربۇن ئارقىلىق جىلغىنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلالايسىز. چوڭ جىلغىدا يەنە لايدىن ياسالغان تاملارنىڭ خارابىلىرى بار، بۇلار بۇنىڭدىن خېلىلا بۇرۇنقى13 - ئەسىردە ئىندىئانلارنىڭ بۇ يەرنى ئاچقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.1540 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ بىر يىراققا يۈرۈش قىلىش ئەترىتى بۇ چوڭ جىلغىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇلار مەزكۇر جىلغىنى بىرىنچى قېتىم بايقىغان ئاق تەنلىكلەردىن بولۇپ قالغان.1919 - يىلى، جىلغىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر بولغان بۆلىكى (ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن170 كىلومېتىر كېلىدۇ) دۆلەت باغچىسى قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار تەبىئىي ھادىسىلەر
چوڭ جىلغا | UyghurWiki | UyghurWiki