UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئىي ھادىسىلەرمەۋھۇم قۇياش

مەۋھۇم قۇياش

تەبىئىي ھادىسىلەر 1551 - يىلى4 - ئايدا دۈشمەنلەر تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان مادې قورغىنىنىڭ ئاسمىنىدا ئۈچ قۇياش پەيدا بولغان. قورغان ئىچىدىكىلەر قاتتىق ھودۇقۇپ، ئاخىر زامان بولغان ئوخشايدۇ دەپ ھېس قىلىشقان. بۇ چاغدا كۈتۈلمىگەن يەردىن دۈشمەن قوشۇنى دەرھال چېكىنىپ كەتكەن. ئەسلىدە دۈشمەن ئارمىيىسى ئۇزاق مۇددەت ھۇجۇم قىلىپمۇ قورغاننى ئالالمىغان، ئۇ كۈنى ئاسماندىكى ئۈچ قۇياشنى كۆرۈپ، تەڭرى بۇ قورغانغا ھۇجۇم قىلىشقا قارشى ئوخشايدۇ دەپ قاراپ چېكىنىپ كەتكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ ئاجايىپ كۆرۈنۈش قورغاندىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان. ئۈچ قۇياش ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا پەيدا بولىدىغان بۇنداق ھادىسىنى مەۋھۇم قۇياش دەپ ئاتايمىز. بۇنداق ھادىسىلەر ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەدىمكى زاماندا ئىلىم - پەن تەرەققىي قىلمىغان بولغاچقا، كىشىلەر بۇنداق ھادىسىنى ھەمىشە بالايىئاپەتنىڭ بېشارىتى دەپ قاراپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئوپتىكىلىق ھادىسە، شۇنداقلا ئالاھىدە كۈن گەردىشى. جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپ رايونىنىڭ قىش پەسلى، سۈزۈك ئاسماندا دائىم بىرقاتار مەۋھۇم قۇياشنىڭ قۇياش ئەتراپىدىكى كۈن گەردىشى ياي سىزىقىدا تىزىلىپ تۇرۇشىدەك ئاجايىپ كۆركەم مەنزىرە كۆرۈلىدۇ.1948 - يىلى ئەتىيازنىڭ بىر كۈنى، ئۇكرائىنانىڭ پولتاۋا شەھىرىدە ئاسماننى ئاپئاق شالاڭ بۇلۇت قاپلىغان، سائەت11 ئەتراپىدا قۇياشنىڭ ئىككى تەرىپىدە يەنە ئىككى يورۇق قۇياش پەيدا بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە گورىزونتال نۇر ھالقىسىمۇ كۆرۈلگەن ھەم ئاستا - ئاستا بىرىكىپ ئۇزۇن بەلۋاغنى ھاسىل قىلغان. ئارقىدىنلا يەنە بىر رەڭلىك نۇر ھالقىسى ھاسىل بولۇپ قۇياشنى ئورىۋالغان ھەمدە گورىزونتال نۇر ھالقىسى ئىككى قۇياش بىلەن ئۆزئارا كېسىشكەن. مەملىكىتىمىزنىڭ ئېمېي تېغى ۋە شىئەندىمۇ بۇنداق كۈن گەردىشى ھادىسىسى كۆرۈلگەن.1987 - يىلى، تەيشەندە ئىككى قۇياش تەڭلا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشتەك ئاجايىپ كۆرۈنۈش پەيدا بولغان. بىراق ئۈچ قۇياشنىڭ ئاسماندا تەڭلا كۆرۈنۈش ھادىسىسى كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئىككى قۇياشنىڭ تەڭلا كۆرۈنۈشى بولسا بىرقەدەر ئاز ئۇچرايدۇ. مەۋھۇم قۇياش قانداق ھاسىل بولغان؟ ئەسلىدە يۇقىرى بوشلۇقتا، مۇنتىزىم ئالتە قىرلىق نۇرغۇن ئۇششاق مۇز پرىژمىلىرى ۋېرتىكال تارقىلىپ يۈرىدۇ، قۇياش نۇرى مۇز پرىژمىسىنىڭ بىر يان تەرىپىگە چۈشۈپ، يەنە باشقا ئىككى يان تەرىپىدىن ئۆتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نۇرنىڭ قايتىشى ۋە سۇنۇشى ھاسىل بولۇپ، ئۈچ قۇياش كۆرۈلىدۇ. گورىزونتال نۇر ھالقىسى بولسا مۇنتىزىم ئالتە قىرلىق مۇز پرىژمىلىرى كرىستاللىرىنىڭ يان تەرەپلىرىنىڭ قۇياش نۇرىنى قايتۇرۇشىدىن ھاسىل بولغان. نۇرغۇنلىغان مۇز پرىژمىلىرى قۇياش نۇرىنى قايتۇرغاندا قايتقان نۇرلار كۆزىمىزگە ئۇپۇق سىزىقى بىلەن پاراللېل بولغان مۇكەممەل نۇر ھالقىسى بولۇپ كۆرۈنىدۇ. ئالتە قىرلىق مۇز پرىژمىسى خۇددى ئۈچ قىرلىق ئەينەك پرىژمىغا ئوخشاش نۇر ئۇنىڭغا چۈشكەندە سۇنغان نۇرلار رەڭلىك نۇر ھالقىسىنى ھاسىل قىلىدۇ، قايتقان نۇرلار ئاق رەڭلىك نۇر ھالقىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۈچ قۇياشنىڭ ئاسماندا تەڭلا كۆرۈنۈشىنىڭ قائىدىسىمۇ مەۋھۇم قۇياشنىڭ پەيدا بولۇش قائىدىسىگە ئوخشاش.
← بارلىق تېمىلار تەبىئىي ھادىسىلەر
مەۋھۇم قۇياش | UyghurWiki | UyghurWiki