UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئىي ھادىسىلەرشارسىمان چاقماق

شارسىمان چاقماق

تەبىئىي ھادىسىلەر چاقماقنىڭ لېنتىسىمان، بەلۋاغسىمان، راكېتاسىمان ۋە شارسىماندىن ئىبارەت تۆت خىل شەكلى بار. دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغىنى لېنتىسىمان بولۇپ، شارسىمان چاقماق ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ. شارسىمان چاقماق ئادەتتە دىئامېتىرى10 سانتىمېتىردىن20 سانتىمېتىرغىچە كېلىدىغان ئوت شارىدىن ئىبارەت. ئادەتتە قىزىل، سېرىق ياكى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە بولىدۇ. ئۇ پەيدا بولۇپ يوقالغۇچە پەقەت4 سېكۇنتتىن120 سېكۇنتقىچىلا ۋاقىت كېتىدۇ، ئۇنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى ۋە چوڭ - كىچىكلىكى ئاساسەن ئۆزگەرمەيدۇ. شارسىمان چاقماقنىڭ يوچۇق بولسىلا كىرەلەيدىغان غەلىتە مىجەزى بار. دائىم ئىشىك - دېرىزە ۋە تۇرخۇنلاردىن، ھەتتا كىچىك يوچۇقلاردىنمۇ ئۆي ئىچىگە كىرىدۇ، بەزىدە ئۆتكۈزگۈچ سىملارنى بويلاپ، سېكۇنتىغا2 مېتىر ئەتراپىدىكى تېزلىك بىلەن ئۇنى كۆيدۈرۈپ ماڭىدۇ. ئۇ ئادەتتە گورىزونتال يۆنىلىشتە ھەرىكەت قىلىدۇ، بەزىدە ھاۋا بوشلۇقىدا ھەرىكەت قىلماي تۇرۇپ قالىدۇ ياكى ئاستا - ئاستا يەرگە چۈشىدۇ، شارسىمان چاقماق بەزىدە ھەرىكەت قىلىش داۋامىدا يەنە ئۆزلۈكىدىن چۆرگىلەيدۇ، بەزىدە يەنە قايتا قاڭقىپ چىقىدۇ. ئۇ ھەرىكەت قىلىش جەريانىدا پۇژ - پۇژ قىلغان ئاۋازنى چىقىرىدۇ، يوقىلىدىغاندا ناھايىتى زور پارتلاش ئاۋازىنى چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ تەۋرىنىش ئېنېرگىيىسى ئادەتتىكى قۇرۇلۇشلارنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ. ئۇ پارتلىغاندا ھاۋادا خىمىيىلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىپ، ئوزون گازى بىلەن ئازوت چالا ئوكسىد ھاسىل بولىدۇ. شۇڭا، شارسىمان چاقماق يوقالغاندىن كېيىن ئادەم چىدىغۇسىز بىر خىل سېسىق پۇراق ھاسىل بولىدۇ.1962 - يىل7 - ئاينىڭ22 - كۈنى تەيشەندىكى يۈيخۇاڭدىڭ گۈلدۈرماما ئىچىدە قالغان. يەنى ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چېقىلىۋاتقاندا دىئامېتىرى15 سانتىمېتىر كېلىدىغان قىزغۇچ قارا رەڭلىك ئوت شارى يېپىقلىق تۇرغان دېرىزىسىنىڭ يوچۇقىدىن ئۆيگە كىرگەن، ئۇ سېكۇنتىغا2 ~3 مېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئۆي ئىچىدە3 ~4 سېكۇنت ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن يەنە تۇرخۇندىن چىقىپ كەتكەن، ئۇ پارتلىغاندا تۇرخۇننىڭ بىر بۇرجىكىنى ئۇچۇرتۇۋەتكەن، ئۆي ئىچىدىكى بىر چايدان ھاۋا دولقۇنىنىڭ زەربىسىدە پارە - پارە بولۇپ كەتكەن.1981 - يىل7 - ئاينىڭ25 - كۈنى، كىشىنى چۆچۈتىدىغان گۈلدۈرلىگەن ئاۋازدىن كېيىن، ئاز كۆرۈلىدىغان قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئىككى ئوت شارى قۇلاقنى يارغۇدەك ئاۋاز بىلەن تەڭ بۇلۇت ئارىسىدىن دومۇلاپ چىقىپ، شاڭخەينىڭ گاۋچياۋ بېكىتىدىكى گۈللۈككە چۈشۈشى بىلەنلا بۇ ئىككى ئوت شارى ئۆزئارا سوقۇلۇپ، غايەت زور ئاۋاز چىقىرىش بىلەن تەڭلا كۆزنى چاقنىتىدىغان نۇر ئەتراپنى خۇددى كۈندۈزدەكلا يورۇتۇۋەتكەن. شارسىمان چاقماق قانداق ھاسىل بولغان؟ فىزىكا ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، شارسىمان چاقماق چاقماق سوقۇشنىڭ تەسىرىدە ھاسىل بولغان شارچە (كۆپۈكچە) ئىكەن. ئادەتتە چاقماق چېقىلغاندا يەر شارىدىكى ئېلېكتر مەيدانىنىڭ كۈچىنىشى1000 ھەسسە ئەتراپىدا يۇقىرىلايدىكەن. ئۇ سۇ تامچىسىغا تەسىر كۆرسەتسە، ھەتتا سۇ تامچىسى ئەتراپىدىمۇ كۈچلۈك شاخسىمان چاقماق ھاسىل بولۇپ، سۇ تامچىسىنى كۆپۈرۈۋېتىدىكەن. بىراق، بۇنداق بولۇشى ئۈچۈن سۇ تامچىسى ئىچىدە يەنە ئاللوپلازما، يەنى بىر تال چاڭ ياكى قۇم بولۇشى كېرەك. توك قارشىلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، سۇ ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېنغا پارچىلىنىدۇ، ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېننىڭ كۆيۈشىدىن ئوت شارى ھاسىل بولىدۇ. ئەگەر مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن ئوت شارى بالدۇر زەرەت قويۇپ بەرسە، شۇ زامان پارتلاش يۈز بېرىدۇ، ئېلېكتر زەرەتلىرى ئاستا - ئاستا تارقاپ كەتسە، ئوت شارىمۇ بىلىنەر - بىلىنمەيلا غايىب بولىدۇ. ئەگەر ئوت شارى ئەتراپىدىكى ھاۋا تىنچ ھالەتتە بولسا، نەچچە مىنۇتتىن كېيىنلا ئوت شارى ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. چاقماقنى زەرەتسىزلەندۈرۈش ئاسان، بىراق ئۇنى يوقىتىۋېتىش ئاسان ئەمەس. كىشىلەر ھەتتا قورال بىلەن ئوت شارىنى ئېتىپ باققان، بىراق ئوت شارى پارتلىمىغان. شارسىمان چاقماقنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچقاندەك ئۇچۇپ يۈرەلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇنىڭ زىچلىقى ھاۋانىڭ زىچلىقىغا يېقىنلىشىدۇ، ئۇ ئەتراپىدىكى ھاۋانىڭ ھەرىكىتىگە قوشۇلۇپ ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا شارسىمان چاقماققا يولۇققاندا، ئۆز ئورنىدا جىم تۇرۇپ مىدىرلىماسلىق كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا بىرقەدەر بىخەتەر بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار تەبىئىي ھادىسىلەر