سترومبولى يانار تېغى
تەبىئىي ھادىسىلەر
ئىتالىيىدىكى سىسىلىيە ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى لىپارى تاقىم ئارىلىدا كونۇسسىمان بىر كىچىك ئارال بار. ئارالدا سترومبول يانار تېغى بار، ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى926 مېتىر، يانار تاغ ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن580 مېتىر كېلىدۇ. نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان، ئۇ ھەر2 ~3 مىنۇتتا بىر قېتىم گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭلا غايەت زور قويۇق ئىس - تۈتەك، كۆپ مىقداردىكى سۇ ھورى ۋە تاش پارچىلىرى نەچچە يۈز مېتىر ئېگىزلىكتە ئېتىلىپ چىقىدۇ - دە، ئاندىن قويۇق ئىس - تۈتەك ۋە يانار تاغ چاڭلىرى ئاسماندا تارقاپ، ئاستا - ئاستا يوقايدۇ. بۇ يەر ئەسلىدە200 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز ئاستى بولۇپ، كىچىك ئارال يانار تاغنىڭ ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىشى ئارقىسىدا كۆتۈرۈلۈپ چىققان. شۇڭا، ئۇ كونۇس شەكلىنى ئالغان. يانار تاغ پارلىغاندا ئېتىلىپ چىققان قويۇق ئىس - تۈتەك كېچىلىرى بۇلدۇقشىپ قايناۋاتقان لاۋىنىڭ قىپقىزىل نۇرىدا قىزىرىپ، بىردە يورۇق، بىردە تۇتۇق كۆرۈنىدۇ، ئۇنى100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىزدا تۇرۇپمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئۇياقتىن - بۇياققا قاتناۋاتقان كېمىلەر يۆنىلىشىنى پەرقلەندۈرىدىغان بەلگىگە ئايلانغان، كىشىلەر ئۇنى «ئوتتۇرا دېڭىزدىكى تەبىئىي ماياك» دەپ ئاتىشىدۇ.
نېمە ئۈچۈن يانار تاغ قەرەللىك پارتلاپ تۇرىدۇ؟ ئەسلىدە بۇ يەردىكى لاۋىنىڭ يېپىشقاقلىقى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، ئېتىلىپ چىققان گازلار لاۋا ئىچىدە ئاسانلا كۆپۈكچىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ، كۆپۈكچىلەر چوڭىيىپ بەلگىلىك چوڭلۇققا يەتكەندە ئېتىلىپ كۈچلۈك ئاۋاز چىقىرىدۇ. لاۋا تەركىبىدىكى سۇ، ئىس - تۈتەك ۋە يانار تاغ كۈللىرى لاۋا بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ. ئەڭ ئاخىردا بۇ ماددىلارنىڭ بىر قىسمى دېڭىزغا چۈشۈپ كەتسە، يەنە بىر قىسمى يانار تاغ ئېغىزىغا قايتىپ چۈشىدۇ. لاۋا يانار تاغ ئېغىزىنى توسۇپ قالالمىغاچقا، بەزى گاز تۆشۈكچىلىرى ساقلىنىپ قالىدۇ. بىرئازدىن كېيىن يانار تاغنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى گازلار يەنە لاۋا ئىچىدە كېڭىيىپ، ئېتىلىپ غايەت زور قويۇق ئىس - تۈتەك ھاسىل قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، يانار تاغ قەرەللىك ھالدا تەكرار ئېتىلىپ تۇرغاچقا، كېمىلەرگە نىشان كۆرسىتىپ بېرىدىغان تەبىئىي ماياكقا ئايلانغان. بۇ، دۇنياغا مەشھۇر يانار تاغ ئاجايىپ مەنزىرىلىرىنىڭ بىرى.