UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئىي ھادىسىلەرمامونت غارى

مامونت غارى

تەبىئىي ھادىسىلەر تەبىئەت چېۋەرلىك بىلەن نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقان. ھازىر بايقالغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ غار ئا ق ش نىڭ مامونت غارى دۆلەت باغچىسى. ئۇ غەربىي يېرىم شاردىكى ئاجايىپ مەنزىرە دەپ ئاتالماقتا. مامونت غارى ئا ق ش نىڭ كېنتۇككى شتاتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى لۇئىسۋىلنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن160 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، كۆلىمى264 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يەر قويۇق ئۆسكەن ئورمان بىلەن قاپلانغان، ئەگرى - بۈگرى كەلگەن گرېين دەرياسى بىلەن نولىن دەرياسى بۇ يەردىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. مامونت بىر خىل نەسلى قۇرۇپ كەتكەن، ئۇزۇن يۇڭلۇق ئىنتايىن چوڭ پىل، بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان مامونت غارىنىڭ مامونت بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، پەقەت غار ئىنتايىن چوڭ بولغاچقىلا مامونت دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلەنگەن. بۇ غار ئېگىزلىكى ئوخشاش بولمىغان بەش يەر قاتلىمى ئىچىگە جايلاشقان،255 كارسىتلىق غاردىن تەركىب تاپقان. ئەڭ تۆۋەنكى قەۋىتى يەر يۈزىدىن110 نەچچە مېتىر تۆۋەندە، ھەممىسىنى قوشقاندا ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى252 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ غارلاردا جەمئىي77 يەر ئاستى زالى بار، ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن مەركىزىي زال، قەبىلە باشلىقى زالى، شەپەرەڭ زالى، يۇلتۇز زالى، توي مۇراسىم زالى قاتارلىقلار بار. مەركىزىي زال كارسىتلىق غارلارنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بولۇپ، ئىچىدە ئۈسكۈنىلىرى تولۇق بولغان ساياھەت ئەسلىھەلىرى بار. قەبىلە باشلىقى زالى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى163 مېتىر، كەڭلىكى88 مېتىر، ئېگىزلىكى33 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭغا بىرلا ۋاقىتتا بىرقانچە مىڭ ئادەم سىغىدۇ. يۇلتۇز زالىنىڭ تورۇسىدا نۇرغۇنلىغان مانگاننىڭ قارا رەڭلىك ئوكسىدلىرى بار، بۇ ئوكسىدلانغان ماددىلار گەج ئارقىلىق زىننەتلەنگەن، بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ قارىسىڭىز، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلۇق ئاسماننى كۆرگەندەك بولىسىز. مامونت غارىدا ستالاگمىت بىلەن ستالاكتىت ئىنتايىن كۆپ، شەكلى ھەر خىل ھەم سىرلىق تۈس ئالغان بولۇپ، ئۇلارنى تەسۋىرلەش قىيىن. غاردا يەنە ئىككى كۆل، ئۈچ دەريا ۋە سەككىز شارقىراتما بار. بۇ يەردىكى ئەكس سادا قايتۇرىدىغان ئەڭ چوڭ دەريانىڭ كەڭلىكى3 مېتىردىن8 مېتىرغىچە، چوڭقۇرلۇقى5 .1 مېتىردىن3 مېتىرغىچە كېلىدۇ، ساياھەتچىلەر تېگى تەكشى كەلگەن كېمىگە ئولتۇرۇپ ئېقىمغا قارشى يۆنىلىشتە8 .0 كىلومېتىرغىچە بولغان ئارىلىققا بارالايدۇ. دەريادا غەلىتە بولغان كۆزسىز بېلىق — قارىغۇ بېلىق بار، بۇ رەڭسىز، قاسىراقسىز كەلگەن سۇ جانلىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن12 سانتىمېتىر كېلىدۇ. غاردا يەنە قوڭغۇز، موزايۋېشى، قارا چېكەتكە قاتارلىق قارىغۇ جانلىقلار بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا،1799 - يىلى ئوۋچى روبېرت. خوۋچىن يارىلانغان بىر ياۋا ئېيىقنى قوغلاپ كېتىۋېتىپ بۇ غارنى بايقاپ قالغان. كېيىن غاردىن بۇغا تېرىسىدە تىكىلگەن ئاياغ، ئاددىي ئەسۋابلار، ئىشلىتىپ بولغان مەشئەل ۋە قۇرۇق جەسەت قاتارلىقلار تېپىلغان، بۇ ئىندىئانلارنىڭ غارنى ئاللىقاچانلا بىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.1812 - يىلى ئىككىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە - ئامېرىكا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇ يەر سېلىترا قېزىلىدىغان كان مەيدانى بولغان. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ يەر ئاممىۋى ساياھەت سورۇنىغا ئايلانغان. غارنى تەكشۈرۈش داۋامىدا جان پىدا قىلغان ئېكسپېدىتسىيىچى كوللىنىسنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن كىشىلەر باغچا مەركىزىدىكى خرۇستال غارنى كوللىنىس خرۇستال غارى دەپ ئاتىغان.
← بارلىق تېمىلار تەبىئىي ھادىسىلەر