UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئىي ھادىسىلەركاۋئاي ئارىلى

كاۋئاي ئارىلى

تەبىئىي ھادىسىلەر ئا ق ش دىكى ھاۋاي تاقىم ئارىلىنىڭ مەركىزى — تەنشياڭشەنگە120 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە كاۋئاي دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك ئارال بار. ئۇ خۇددى كۆپكۆك بىپايان دېڭىزدا تۇرغان يېشىل گۆھەردەك، كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئارالنىڭ دېڭىز ساھىلىدا ئۇزۇنلۇقى800 مېتىر، ئېگىزلىكى18 مېتىر كېلىدىغان بىر پارچە پاكىز، ئاپئاق بارخانا بار. ئادەم بۇ بارخانا ئۈستىدە ماڭسا، قۇملار خۇددى ئىت ھاۋشىغاندەك ئاۋاز چىقىرىدۇ. ئەگەر قۇمنى قولىڭىزنىڭ ئالىقىنىغا ئېلىپ ئۇۋۇلىسىڭىز، يەنە يۇقىرىدا ئېيتىلغانغا ئوخشاش ئاۋاز چىقىرىدۇ. ئەگەر بارخان ئۈستىدە تېز سۈرئەتتە يۈگۈرسىڭىز، خۇددى گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەندەك ئاۋاز چىقىرىدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بەزىلەر بۇنى بارخانا ئاستىدا سۇ بولغاچقا، بارخانا بىلەن سۇ ئارىسىدىكى سۇ ھورى بىلەن ھاۋا خۇددى ئاۋاز ياڭراتقۇچ ساندۇقىدەك رېزونانس كاۋاكچىسى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئاۋاز ئۈزلۈكسىز ھالدا قايتىش ۋە سۇنۇش ئارقىسىدا رېزونانس شەكىللىنىدۇ، شۇڭا ئاۋاز يۇقىرىلاپ ھاۋا گۈلدۈرلىگەندەك ئاڭلىنىدۇ دەپ پەرەز قىلىشماقتا. بارخاندىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە بىر پارچە قارا رەڭلىك لاۋا جىنستىن ھاسىل بولغان دېڭىز ساھىلى بار. بۇ لاۋا جىنستا دېڭىز دولقۇنىنىڭ يىمىرىشىدىن ھاسىل بولغان نۇرغۇن كىچىك تۆشۈكچىلەر بار. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۆشۈك خۇددى قەرەللىك بۇلاققا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدىن ئاپئاق سۇ كۆپۈكى ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدۇ. ھەربىر قېتىم ئېتىلغاندا خۇددى ئىسقىرتقانغا ئوخشاش ئاۋاز چىقىرىدۇ، بۇ خۇددى كىتنىڭ سۇ پۈركۈشىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ تۆشۈكتىن بىرقانچە قېتىم ئاجىزراق سۇنىڭ ئېتىلىشى كۆرۈلگەندىن كېيىنلا، بىر قېتىم كۈچلۈكرەك سۇنىڭ ئېتىلىپ چىقىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، بۇ چاغدا ئېتىلىپ چىققان سۇنىڭ ئېگىزلىكى20 مېتىرغا يېتىدۇ، كۆرۈنۈشى تولىمۇ ھەيۋەتلىك. كاۋئاي ئارىلىنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل. ئەگەر سىز ماشىنا ھەيدەپ خاناپېپې جىلغىسىنى بويلاپ ئاستا ماڭسىڭىز، تۇتاش كەتكەن يېزا - قىشلاق مەنزىرىسى كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ. يامغۇردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلغاندا، ھەسەن - ھۈسەن پەيدا بولماي قالمايدۇ، بەزىدە بىر كۈن ئىچىدە5 ~6 قېتىم ھەسەن - ھۈسەن پەيدا بولىدۇ، يەنە تېخى ئىككى ھەسەن - ھۈسەن قاتمۇقات بولۇپ كۆرۈنىدىغان ئاجايىپ مەنزىرىلەرمۇ بارلىققا كېلىدۇ. ئارالدىكى ۋائېلەيئېر تېغىنىڭ شەرقىي شىمال ئېتىكىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ بولۇپ،11684 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. بىراق كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدىغان يېرى شۇكى، پەقەت بىرلا تاغ چوققىسى ئايرىپ تۇرىدىغان تاغنىڭ غەربىي جەنۇبى ئېتىكىنىڭ ھۆل - يېغىن مىقدارى ئارانلا460 مىللىمېتىر كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار تەبىئىي ھادىسىلەر
كاۋئاي ئارىلى | UyghurWiki | UyghurWiki