دوسبايا تۇمشۇقى
تەبىئىي ھادىسىلەر
ھەر يىلى10 - ئايدا نەچچە مىليون پىنگۋىن ئانتاراكتىدا قىتئەسىدىن يولغا چىقىپ900 كىلومېتىر كەڭلىكتىكى درېيك بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، داغدۇغىلىق ھالدا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئارگېنتىنانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى دوسبايا تۇمشۇقىغا كېلىپ كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرىدۇ.
دوسبايا تۇمشۇقىنىڭ10 - ئاي مەزگىلى دەل ئۇ يەرنىڭ كۈن ئىسسىپ، گۈللەر ئېچىلغان باھار مەزگىلى بولۇپ، پىنگۋىنلارنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدۇ. بۇ يەردىكى پىنگۋىنلارنىڭ بەدىنى بىرقەدەر كىچىك، ئادەتتە بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئاران30 سانتىمېتىر بولۇپ، «ماگېللان پىنگۋىنى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار50 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرە ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، سانى نەچچە مىليونغا يېتىدۇ. ھەربىر جۈپ پىنگۋىن دىئامېتىرى تەخمىنەن30 سانتىمېتىر، چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن50 سانتىمېتىر كېلىدىغان «يېڭى تۇرالغۇ» دا تۇخۇم تۇغۇپ، ئالمىشىپ تۇخۇم بېسىپ چۈجە چىقىرىدۇ. گەرچە نەچچە يۈز مىڭلىغان پىنگۋىننىڭ بۇ يەردە ياسىغان «يېڭى تۇرالغۇسى» نىڭ كۆرۈنۈشى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمىسىمۇ، لېكىن دېڭىز ياقىسىغا بېرىپ ئوزۇقلۇق تېپىپ يەپ كەلگەن پىنگۋىنلار ئادىشىپ قالماي ئۆز «ئۇۋىسى» نى تاپالايدۇ.
ئىككىنچى يىلى4 - ئايدا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ كۈز پەسلى يېتىپ كېلىشى بىلەنلا، پىنگۋىنلار ئەمدىلا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولغان بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يېڭى بىر زېمىن تېپىش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ. يەنى ئۇلار تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە يەنە درېيك بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، ئانتاركتىدا قىتئەسىگە بارىدۇ.