UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئىي ھادىسىلەربۇت نۇرى

بۇت نۇرى

تەبىئىي ھادىسىلەر جۇڭگونىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىگە جايلاشقان ئېمېيشەن تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى3000 مېتىردىن ئاشىدىغان جىندىڭ چوققىسىغا چىقسىڭىز، غايەت زور رەڭلىك نۇر ھالقىسىنى كۆرەلەيسىز. بۇ خۇددى رەسىمدىكى بۇتنىڭ باش تەرىپىدىكى نۇر ھالقىسىغا ئوخشايدۇ، شۇڭا بەزىلەر ئۇنى بۇدساتۋانىڭ «ئەرۋاھى كۆرۈنمەك» دەپ قاراپ، «بۇت نۇرى» ۋە «گۆھەر نۇر» دەپ ئاتاشماقتا، ئۇ ھەم ئېمېيدىكى بىر مەنزىرىلىك جايغا ئايلانغان. بۇنداق «بۇت نۇرى» نى قىش پەسلى كۈن چىقىپ يېرىم سائەت ئۆتكەندىن باشلاپ چۈشتىن بۇرۇن سائەت9 غىچە ياكى چۈشتىن كېيىن سائەت3 تىن كۈن ئولتۇرغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆرگىلى بولىدۇ. ئەتىگەن ياكى كەچقۇرۇندا، ئەگەر سىز قۇياشقا كەينىڭىزنى قىلىپ تۇرۇپ ئاغزىڭىزدىن بىر يۇتۇم سۈزۈك سۇنى كۈچەپ پۈركۈسىڭىز، سۇ تۇمانغا ئايلىنىدۇ ھەم رەڭلىك نۇر ھالقىسى پەيدا بولىدۇ. ئەسلىدە، تۇمانغا ئايلانغان سۇ تامچىلىرى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، سۇ تامچىلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك بوشلۇق بولىدۇ. قۇياش نۇرى بۇ ئۇششاق سۇ تامچىلىرى ئۈستىگە چۈشكەندە نۇرنىڭ سۇنۇش ۋە قايتىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. نۇر سۇنغاندىن كېيىن قىزىل، قىزغۇچ سېرىق، سېرىق، يېشىل، كۆك، قارا كۆك، سۆسۈن قاتارلىق يەتتە خىل رەڭ ھاسىل بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆزىگە تۇمان ئىچىدىكى رەڭلىك نۇر ھالقا كۆرۈنىدۇ. بۇنداق نۇر ھالقىنىڭ رادىئۇسى سۇ تامچىلىرىنىڭ رادىئۇسى بىلەن تەتۈر نىسبەتتە بولىدۇ، يەنى سۇ تامچىلىرى قانچە كىچىك بولسا، نۇر ھالقىسىنىڭ رادىئۇسى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ئېمېي تاغلىق رايونىدا ئورمانلار قويۇق ئۆسكەن، تاغ ئېتىكىدە دەريالار كۆپ بولۇپ، خۇددى ئۆمۈچۈك تورىدەك تارقالغان، سۇ مەنبەسى يېتەرلىك، تاغنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدىغان جايلار دائىم بۇلۇت - تۇمان بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئېگىز چوققىلار خۇددى يەككە - يېگانە ئاراللاردەك بۇلۇت دېڭىزى ئۈستىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. تاغ چوققىسىغا چىقىپ يانتۇ چۈشۈۋاتقان پارلاق قۇياش نۇرىغا ئارقىڭىزنى قىلىپ قويۇق بۇلۇت دېڭىزىغا قارىسىڭىز، رەڭلىك نۇر ھالقىسىنى كۆرەلەيسىز، سايىڭىزمۇ نۇر ھالقىسىدا ئەكس ئېتىدۇ. ئادەمنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىمۇ نۇر ھالقىسى ئىچىدە ئىپادىلىنىدۇ. مانا بۇ ئېمېي «بۇت نۇرى» نىڭ سىرى. جۇڭگودىكى تەيشەن تېغى، ئۇكرائىنانىڭ قىرىمدىكى ئاي پېترى تېغى، شۇنداقلا شۋېتسارىيىنىڭ شىمالىي ريۇگېن تېغى قاتارلىق جايلاردا دائىم بۇنداق «بۇت نۇرى» كۆرۈلىدۇ. ئۇچقۇچىلار كۆك ئاسماندا ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ، بەزىدە رەڭلىك نۇر ھالقىسىنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ ھەمدە نۇر ھالقىسى ئىچىدە ئۆزى ھەيدەپ كېتىۋاتقان ئايروپىلاننىڭ كۆلەڭگىسىنىمۇ كۆرەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار تەبىئىي ھادىسىلەر