UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئىي ھادىسىلەرئېزىتقۇ

ئېزىتقۇ

تەبىئىي ھادىسىلەر كىشىلەر دائىم خىيالىي نەرسىلەرنى ئېزىتقۇ، ياكى رېئال بولمىغان ئىشلارنى مۇئەللەق راۋاق دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئېزىتقۇ ۋە مۇئەللەق راۋاقلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل تەبىئىي ھادىسە، ئۇ ھەم خىيالىي نەرسە، ھەم ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىپادىلىنىشىدۇر. مەملىكىتىمىزنىڭ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق ئالىم شېن كو ئۆزىنىڭ «چۈش خاتىرىسى» دە، شەندۇڭنىڭ پېڭلەي دېگەن يېرىدىكى ئېزىتقۇنى جانلىق تەسۋىرلەپ مۇنداق دېگەن: بۇلۇت ۋە تۇمان قاپلاپ تۇرغان دېڭىزدا ئوردا، سېپىل، ئادەم ۋە ئات - ھارۋىلارنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.1934 - يىل8 - ئاينىڭ2 - كۈنى، جياڭسۇنىڭ نەنتۇڭ ئەتراپىدىكى چاڭجياڭ دەرياسى ئاسمىنىدىمۇ ئېزىتقۇ كۆرۈلگەن. ئۇ كۈنى ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق بولۇپ، بەكمۇ تىنچىق بولغان، دەريا بويىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر دەريا توسمىسىغا بېرىپ سالقىندىغان. چۈشتىن كېيىن توساتتىن ھاۋا بۇزۇلۇپ ئاسماننى بۇلۇت قاپلاپ، چاڭجياڭ دەرياسىدا ئاجايىپ بىر مەنزىرە كۆرۈلگەن، يەنى ئۇزۇنلۇقى20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرىدە راۋاق، سېپىل، دەل - دەرەخ ۋە ئۆيلەر ئىنتايىن ئېنىق كۆرۈنگەن. يېرىم سائەتتىن كېيىن بۇ ئاجايىپ كۆرۈنۈش شەرققە قاراپ سۈرۈلگەن، ئېزىتقۇ يوقىغاندىن كېيىن، دەريادا يەنە ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئۈچ تاغ پەيدا بولغان، ئوتتۇرىسىدىكى تاغنىڭ شەكلى خۇددى غايەت زور بىر ئىسرىقدانغا ئوخشايدىكەن.1957 - يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزدا ئېزىتقۇ ئالتە سائەت ئەتراپىدا كۆرۈلگەن.20 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرى دۇنيانى بىر مەھەل زىلزىلىگە سالغان «گوللاندىيە ئۇچار كېمىسى» ھادىسىسىدەك قىزىقارلىق ئىش يۈز بەرگەن. ئەينى چاغدا ئاتلانتىك ئوكياندا كېتىۋاتقان بىر پاراخوت ئۇدۇل تەرىپىدىن كېلىۋاتقان بىر قەدىمكى يەلكەنلىك كېمىنى بايقىغان، كاپىتان بۇ يەلكەنلىك كېمىنىڭ بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ماتروسلارغا دەرھال پاراخوتنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇق قىلغان. يەلكەنلىك كېمە ئۇلارنىڭ پاراخوتىغا سۈركىلىپ ئۆتكەندە پاراخوتتىكى نەچچە يۈز يولۇچى گوللاندىيىنىڭ بۇ قەدىمكى يەلكەنلىك كېمىسىنى ئېنىق كۆرگەن. كېمىدە گوللاندىيىنىڭ قەدىمكى پاسونىدىكى كىيىملىرىنى كىيگەن ئادەملەر بار ئىكەن. ئەسلىدە بۇمۇ ئېزىتقۇنىڭ كىشىلەرگە قىلغان بىر قېتىملىق چاقچىقى ئىكەن. ئېزىتقۇ كۆپ ھاللاردا دېڭىز - ئوكيان، چوڭراق كۆل، دەريا ۋە قۇملۇقلارنىڭ ئاسمىنىدا كۆرۈلىدۇ. ئۇ بىر ئوپتىكىلىق ھادىسە بولۇپ، قۇياش نۇرىنىڭ زىچلىقى ئوخشاش بولمىغان ھاۋادا سۇنۇشى ۋە قايتىشىدىن ھاسىل بولغان. ياز كۈنلىرى تىپتىنچ سۇ يۈزىنىڭ يۇقىرى بوشلۇقتىكى ھاۋا قۇياش نۇرىنىڭ تەسىرىدە قىزىپ زىچلىقى كىچىكلەيدۇ، بۇ چاغدا سۇ يۈزىگە يېقىن ھاۋا سۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغاچقا، تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدۇ، زىچلىقىمۇ چوڭ بولىدۇ. يۇقىرى - تۆۋەن ئىككى قاتلامدىكى ھاۋانىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىرقەدەر چوڭ، يەنى يۇقىرى قاتلامدىكى ھاۋانىڭ زىچلىقى كىچىك، تۆۋەن قاتلامدىكى ھاۋانىڭ زىچلىقى چوڭراق بولغاندا، ئەتراپىدىكى ئۇپۇق سىزىقىدىن تۆۋەن بولغان ئارال، شەھەر - بازار، كېمە قاتارلىق شەيئىلەر قايتۇرغان نۇرنى يۇقىرى - تۆۋەن تەرەپلەرنىڭ سۇندۇرۇشى ۋە پۈتۈنلەي قايتۇرۇشى ئارقىسىدا ئۇلارنىڭ ئوڭ تەسۋىرى ئەكس ئېتىدۇ. قۇرۇقلۇقتا، بولۇپمۇ قۇملۇقتا، كۈندۈزلىرى ئىنتايىن قىزىق بولغان قۇياش نۇرىنىڭ يورۇتۇشىدا، يەر يۈزى كۈچلۈك قىزىيدۇ، يەر يۈزىگە يېقىن ھاۋا تېز ئىسسىپ زىچلىقى كىچىكلەيدۇ، ئەكسىچە يۇقىرى قاتلامدىكى ھاۋانىڭ ئىسسىشى ئاستا بولۇپ، زىچلىقى چوڭ بولىدۇ، يۇقىرى - تۆۋەن قاتلامدىكى ھاۋانىڭ زىچلىق پەرقى چوڭىيىپ، يۇقىرى قاتلامدىكى ھاۋانىڭ زىچلىقى يۇقىرى، تۆۋەن قاتلامدىكى ھاۋانىڭ زىچلىقى كىچىك بولغاندا تەتۈر تەسۋىر ئەكس ئېتىدۇ. زىچلىقى ئوخشاش بولمىغان ئىككى قاتلامدىكى ھاۋا ئۆزئارا پاراللېل بولغاندا ئېزىتقۇنىڭ يان تەرىپى ئەكس ئېتىدۇ. زىچلىقى ئوخشاش بولمىغان ھاۋا قاتلىمى مۇقىم ھەمدە بىرقەدەر ئاستا يۆتكەلگەندە، خىلمۇخىل ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئېزىتقۇ ھاسىل بولىدۇ. «پېڭلەي تىلسىماتى» دەپ نام ئالغان شەندۇڭدىكى پېڭلەي تاقىم ئاراللىرى ئېزىتقۇنى كۆرگىلى بولىدىغان ياخشى جاي. ئەمەلىيەتتە بۇ يەردىكى ئېزىتقۇ يېقىن ئەتراپتىكى مياۋداۋ تىزما ئاراللىرىنىڭ كۆلەڭگە مەنزىرىسىدىن ئىبارەت.1988 - يىل6 - ئاينىڭ17 - كۈنى شەندۇڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئېزىتقۇنى سۈرەتكە ئېلىۋالغان. بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئادەملەر تېلېۋىزوردىن بۇ ئاجايىپ كۆرۈنۈشنى كۆرەلىگەن.
← بارلىق تېمىلار تەبىئىي ھادىسىلەر
ئېزىتقۇ | UyghurWiki | UyghurWiki