UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئىي ھادىسىلەرچيەنتاڭجياڭ دەرياسى سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى

چيەنتاڭجياڭ دەرياسى سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى

تەبىئىي ھادىسىلەر قۇياش، ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرى ۋە يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىشى تۈپەيلىدىن دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشى كېلىپ چىقىدۇ، بۇ بىر ئومۇميۈزلۈك ھادىسە. بىراق چيەنتاڭجياڭ دەرياسى سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولىدۇ. بولۇپمۇ ھەر يىلى كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلەشكەن چاغ، يەنى دېھقانلار كالېندارى بويىچە8 - ئاينىڭ18 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە دەريا سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى تېخىمۇ شىددەتلىك بولىدۇ. ئەينى يىللىرى سۇدۇڭپو مۇنداق دەپ يازغان ئون سەككىزى ئاۋغۇستنىڭ دېڭىزى ھەيۋە سالغاندا، ئىككىنچى بىر كۆرۈنۈشتىن بولماس بۇنداق جاھاندا. چيەنتاڭجياڭ دەرياسى سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشىنىڭ بۇنداق شىددەتلىك بولۇشىدىكى سەۋەب — بۇ چاغدا قۇياش، ئاي ۋە يەر شارىنىڭ ھەممىسى بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە، بۇ دېڭىز سۈيى ئۇچرايدىغان تارتىش كۈچىنىڭ ئەڭ چوڭ بولغانلىقىدا، بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئالاھىدە سەۋەبمۇ بار. چيەنتاڭجياڭ دەرياسى سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى مەملىكىتىمىزدىكى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ قولتۇقىدىكى چيەنتاڭجياڭ دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزى ئەتراپىدا كۆرۈلگەن، بۇ جاي خەينىڭ شەھىرىگە تەۋە بولغاچقا، خەينىڭدىكى سۇنىڭ كۆتۈرۈلۈشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چيەنتاڭجياڭ دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزى كاناي شەكلىدە بولۇپ، دەريا قىنى تار، قۇيۇلۇش ئېغىزى كەڭ. دېڭىز سۈيى كۆتۈرۈلگەن چاغدا،100 كىلومېتىر كەڭلىكتىكى دەريا ئېغىزىدىن بۆسۈپ كىرىدۇ، ئىككى قىرغاق تەدرىجىي تارىيىدىغانلىقى ئۈچۈن، قولتۇقتىكى سۇ يۈزى تېز كۆتۈرۈلۈپ، سۇنىڭ شىددەتلىك كۆتۈرۈلۈشى كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چيەنتاڭجياڭ دەرياسىدىن ئېقىپ چىققان سۇ توسقۇنلۇققا ئۇچراپ سىرتقا ئېقىپ چىقىپ كېتەلمىگەچكە، خاڭجۇ قولتۇقىنىڭ سۇ ئورنى يەنە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، سۇنىڭ كۆتۈرۈلۈشى تېخىمۇ تېز بولىدۇ. چيەنتاڭجياڭ دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىدا توغرىسىغا سوزۇلغان قۇم توسما بار، دېڭىز سۈيى كۆتۈرۈلۈپ دەرياغا قاراپ ئاققاندا، قۇم توسمىنىڭ توسۇشى بىلەن سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، بىراق كېيىنكى دېڭىز سۈيى شىددەت بىلەن كۆتۈرۈلۈپ، كېيىنكىلىرى ئالدىنقىلىرىنى ئىتتىرگەچكە، سۇ ئورنى بارغانسېرى ئېگىزلەيدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ياز، كۈز پەسلىدە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز قىرغىقى بەلۋېغىدا دائىم شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىدۇ، شامالنىڭ يۆنىلىشى سۇنىڭ كۆتۈرۈلۈش يۆنىلىشىگە ئاساسەن ئوخشاش بولغاچقا، سۇ ئورنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. خەينىڭ ناھىيىسىدىكى يەنگۇەن بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دېڭىز قىرغىقى يېقىنقى زاماندىكى دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى كۆرىدىغان ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەرگە دېڭىزنى كۆرۈش سۇپىسى، دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى كۆزىتىش راۋىقى، دېڭىز سۈيىنى تىنچىتىش مۇنارى قاتارلىقلار ياسالدى. دەريا يۈزىنىڭ كەڭلىكى ئاران2 ~3 كىلومېتىرلا كېلىدۇ، بۇ جايدا دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش ئورنى ئەڭ ئېگىز بولۇپ، بىر تۈز سىزىق ھاسىل قىلىدۇ، شۇڭا، »تەكشى بۇلار دولقۇن ئېگىزلىكى خەينىڭ ئەتراپىدا« دېيىلىدۇ. دېڭىز سۈيى كۆتۈرۈلۈپ دەريا ئېغىزىغا كىرگەندە دەريانىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي قىرغىقىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى ئوخشاش بولمىغاچقا، سۇ ئاستا - ئاستا ئىككى بۆلەككە ئايرىلىدۇ. جەنۇبىي بۆلەكتىكى سۇنىڭ سۈرئىتى تېز، شىمالىي بۆلەكتىكى سۇنىڭ سۈرئىتى ئاستىراق بولىدۇ. بۇ ئىككى بۆلەكتىكى سۇ يەنە قايتا ئۇچراشقاندا سۇ دولقۇنلىرى ئۆزئارا سوقۇلۇپ، تاغ ئۆرۈلۈپ، يەر يېرىلغاندەك كۈچلۈك ئاۋاز چىقىرىدۇ. يەنگۇەن بازىرىدىن شەرققە قاراپ سەككىز كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى باباۋدا بۇ مەنزىرىدىن ئەڭ ياخشى ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ. دېڭىز سۈيى كۆتۈرۈلۈپ دولقۇنلۇنۇپ غەربكە قاراپ ئېقىپ، دەريا مەركىزىگىچە سوزۇلۇپ كىرگەن «J» شەكىللىك دەريا توسمىسىغا ئۇرۇلغاندا ئاسمان - پەلەك دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، قاتتىق يامغۇر ياغقاندەك سۇ چاچراپ، دېڭىز سۈيى بۇرۇلۇپ قايتىدىن شەرققە قاراپ ئاقىدۇ. بۇ «قايتقان دولقۇن» دېيىلىدۇ. يەنگۇەن بازىرىغا12 كىلومېتىر قالغان جايدىكى لاۋيەنساڭ بۇ مەنزىرىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە8 - ئاينىڭ18 - كۈنى يەنگۇەنگە كېلىپ سۇنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى كۆرىدىغان ئادەملەر ئىنتايىن كۆپ. بۇ چاغدا سۇ ئەڭ ئېگىز بولغاندا5 .3 مېتىر ئەتراپىدا كۆتۈرۈلىدۇ، سۇنىڭ كۆتۈرۈلۈش ۋە چۈشۈش پەرقى8 ~9 مېتىرغا يېتىدۇ
← بارلىق تېمىلار تەبىئىي ھادىسىلەر