UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئىي ھادىسىلەرپىلىموجى ئۆڭكۈرى

پىلىموجى ئۆڭكۈرى

تەبىئىي ھادىسىلەر پىلىموجى ئۆڭكۈرى كورىيىنىڭ جىچۇەن ئارىلىدىكى مەشھۇر ئۆڭكۈر. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى11749 مېتىر كېلىدۇ، ئۆڭكۈرنىڭ كىرىش ئېغىزى كىچىك بولۇپ، بىر ئادەم ئارانلا كىرىپ چىقالايدۇ. بىراق ئىچىگە قاراپ ئازراق ماڭسىڭىزلا، ئۆڭكۈرنىڭ ئىنتايىن چوڭلۇقىنى ھېس قىلىسىز. ئەگەر ئىچكىرىلەپ كىرسىڭىز، ئاساسلىق ئۆڭكۈر ئەتراپىدا يەنە نۇرغۇن تارماق ئۆڭكۈرلەرنىڭ بارلىقىنىمۇ بايقايسىز. چوڭ - كىچىك بولۇپ، بۇ يەردە جەمئىي59 تارماق ئۆڭكۈر بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى29 تارماق ئۆڭكۈر بىرقەدەر مۇرەككەپ، تارماق ئۆڭكۈرنىڭ يەنە كىچىك تارماقلىرىمۇ بار، بۇ خۇددى بىر تۈپ چوڭ دەرەخنىڭ شاخلىرى، شاخلىرىنىڭ يەنە كىچىك شاخلىرى بولغىنىغا ئوخشايدۇ. ئادەتتە كىشىلەر ئۆڭكۈرگە كىرسە، ئۇياق - بۇياققا مېڭىپ يۈرۈپ قايتىش يولىنى ئاسانلىقچە تاپالمايدۇ، شۇڭا پىلىموجى ئۆڭكۈرى يەنە «يولدىن ئاداشتۇرغۇچى ئۆڭكۈر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پىلىموجى ئۆڭكۈرى ئۆزگىچە كۆرۈنۈشكە ئىگە. ئۆڭكۈردە ستالاكتىت ۋە ستالاگمىت بولغاندىن سىرت، شەكلى يەنە ئارغامچىغا، ئاچقۇچقا ۋە دەرەخ كۆچىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان تاشلارمۇ بار، ستالاگمىت، تاش تۈۋرۈكلەرنىڭ كۆپلۈكىنى ئېغىزغا ئېلىش تېخىمۇ ھاجەتسىز. بۇ يەردە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان لاۋا شارچىسى بار. ئۆڭكۈرنىڭ ئاياغ تەرىپىدە يەنە شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان سۇ ئېقىمى بار. پىلىموجى ئۆڭكۈرىنىڭ شەكىللىنىشى باشقا نۇرغۇن ئۆڭكۈرلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. ئۇ سۇنىڭ ئېرىتىشىدىن شەكىللەنگەن ئەمەس، بەلكى ئوتنىڭ ئېرىتىشىدىن ھاسىل بولغان. بۇنىڭدىن تەخمىنەن2 مىليون يىل ئىلگىرى، بۇ يەر لاۋا توغرىسىغا ئېقىپ تۇرىدىغان ئوت دېڭىزى ئىدى. يانار تاغ ئۇدا نەچچە يۈز يىل ئۈزۈلمەي ئېتىلىپ تۇرغان. لاۋىلار تېخى ئۈزۈل - كېسىل قېتىشماي تۇرۇپلا يېڭى لاۋا يەنە ئېتىلىپ چىققان، لاۋىنىڭ سىرتقى يۈزى ئەمدىلا قېتىشقاندا، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى لاۋا يەنىلا توختىماي ئېقىپ تۇرغان. يەنى ئىچكى قىسمىدىكى لاۋا ئۇياقتىن - بۇياققا ئېقىپ تۇرغاچقا، ئۇ ئېقىپ ئۆتكەن جايلاردا بوش تونېللار ھاسىل بولغان. ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۆڭكۈردىكى تاغ جىنسلىرى قاتلىمىنىڭ بەش قاتلامغا ئايرىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇلار لاۋا ئېقىمىنىڭ بۇ يەردىن بەش قېتىم ئېقىپ ئۆتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، شۇڭا، شۇنچە كۆپ تارماق ئۆڭكۈرلەر شەكىللەنگەن. بۇلاردىن باشقا ئۆڭكۈردىكى شەكلى خىلمۇخىل ستالاكتىت، ستالاگمىت، تاش شار، تاش كۆۋرۈك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى لاۋىنىڭ سوۋۇشى داۋامىدا ھاسىل بولغان. ئارغامچىسىمان تاش پارچىلىرى بولسا لاۋا تۆۋەنگە ئېقىپ چۈشۈش داۋامىدا ئەگرى - بۈگرى ئېقىپ قېتىشىشتىن ھاسىل بولغان.
← بارلىق تېمىلار تەبىئىي ھادىسىلەر