UyghurWiki
UyghurWikiتەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشىيېمەكلىكنىڭ بۇلغىنىشى

يېمەكلىكنىڭ بۇلغىنىشى

تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى يېمەكلىك ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئۈچ چوڭ ئامىلنىڭ بىرى. يېمەكلىك بۇلغانسا ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا خەۋپ يېتىدۇ. يېمەكلىكنىڭ بۇلغىنىشى دېگىنىمىز، كىـشىلەر ئىستېمال قىلىۋاتقان تۈرلۈك يېمەكلىك، يەنى ئاشلىق، مېۋە - چېۋە، كۆكتات، بېلىق، گۆش، تۇخۇم قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، ئوراش - قاچىلاش، ساقلاش، سېتىش، پىشۇرۇش جەريانىدا، ئۇنىڭغا زەھەرلىك ماددىلار ياكى باكتېرىيىلەرنىڭ كىرىۋېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. يېمەكلىكنىڭ بۇلغىنىشىنى بىئولوگىيىلىك بۇلغىنىش ۋە خىمىيىلىك بۇلغىنىش دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. بىئولوگىيىلىك بۇلغىنىش دېگىنىمىز، زىيانلىق ۋىرۇس، باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ ھەمدە پارازىتلارنىڭ يېمەكلىكنى بۇلغىشىنى كۆرسىتىدۇ. مىكرو ئورگانىزم تۈرىدىكى باكتېرىيە ۋە زەمبۇرۇغنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ. تۇخۇمنىڭ سېسىپ قېلىـشـى، كـۆكتاتنىڭ بـۇزۇلـۇشـىـدا باكتېرىيە ۋە زەمبۇرۇغ ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. باكتېرىيىنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بەزى باكتېرىيىلەر، مەسىلەن، شەكىل ئۆزگەرتىشچان تاياقچە باكتېرىيىسى، سېرىق تاياقچە باكتېرىيىسى ھەمدە ئۈچەي تاياقچـە باكتېرىيىسى ھايۋان خاراكتېرىدىكى يېمەكلىكنى بىۋاسىتە بۇلغايدۇ. بۇ باكتېرىيىلەر ھايۋان خاراكتېرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئەسۋاب - ئۈسكۈنە، قاچا - قۇچا، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىق يوللار بىلەن بۇلغاپ، يېمەكلىكنىڭ سۈپىتىنـى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. زەمبۇرۇغنىڭ تۈرلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ،50 مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ. ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ بۇرۇن خىزمەت قىلغان زەمبۇرۇغ ئەنە شۇ زەمبۇرۇغلارنىڭ بىر خىلى. ھازىر ئىنسانلار ئىستېمال قىلىۋاتقان قىزىل دۇفۇ، ئېچىتقۇ مەھسۇلاتلىرى زەمبۇرۇغدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇغىنىسى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى100 خىلدىن ئارتۇق باكتېرىيە توكسىن پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە سېرىق ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىنىڭ زەھەرلىك خۇسۇسىيىتى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ. يېمەكلىكلەر مۇشۇ خىل توكسىنلار بىلەن بۇلغانغاندىن كېيىن، ھايۋانلارنىڭ جىگىرىدە بىرلەمچى راك كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، يېمەكلىكىدىكى سېرىق ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى يۇقىرى جايلاردا جىگەر راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى باشقا رايونلاردىكىدىن نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ قارىشىچـە، ئەمچەك بېزى راكى سېرىق ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئېلىمىزنىڭ شەرقىي جۇڭگو رايونى ھەمدە ئوتتۇرا، جەنۇب رايونلىرىنىڭ كىلىماتى نەم بولۇپ، سېرىق ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىنىڭ بۇلغىشى بـىـرقـەدەر ئومۇميۈزلۈك ئىكەن. بۇنىڭدا ئاساسلىقى خاسىڭ، كۆممىقوناق، ئۇنىڭدىن قالسا گۈرۈچ قاتارلىق يېمەكلىكلەر بۇلغىنىدىكەن. يېمەكلىك ئاساسلىقى سازاڭ مەددە، تاسما قۇرت، تېرىخىنېللا قاتارلىق پارازىتلار تەرىپىدىن بۇلغىنىدۇ. بۇ پارازىتلار كېسەل ئادەم، كېسەل چارۋىلارنىڭ گەندە - قىغلىرى ئارقىلىق سۇ مەنبەسى ۋە تۇپراقنى بۇلغايدۇ، ئاندىن بېلىق تـۈرى، مېۋە - چېۋە ھەمدە كۆكتاتلارنى بۇلغايدۇ. ئادەم ئۇنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، پارازىت كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. خىمىيىلىك بۇلغىنىش زىيانلىق، زەھەرلىك خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ يېمەكلىكنى بۇلغىشىدىن پەيدا بولىدۇ. ھەر خىل دېھقانچىلىق دورىلىرى يېمەكلىكنىڭ خىمىيىلىك بۇلغىنىشىنىڭ زور مەنبەسى. ئۇنىڭدىن باشقا سانائەتتىكى قوغۇشۇن، كادمىي، خروم، سىماب، نىترو بىرىكمە قاتارلىق زىيانلـىـق ماددىلار ساقلانغان كېرەكسىز سۇ، كېرەكسىز گاز ھەمدە كېرەكسىز داشقاللارمۇ يېمەكلىك بۇلغايدۇ؛ بۇنىڭدىن سىرت، يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان پىگمېنت، چىرىشتىن ساقلىغۇچى دورا، رەڭلەندۈرگۈچى دورا، تاتلىق تەم دورىسى، قاتۇرۇش دورىسى، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورا قاتارلىق يېمـەكـلىك قوشۇلمىلىرى، يېمەكلىكلەرنى ئوراش - قاچىلاشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇلياۋ، قەغەز، مېتال قاچا قاتارلىقلارمۇ يېمەكلىك بۇلغايدۇ. ئەگەر كېرەكسـىـز گېزىت، كونا ژۇرنال قەغەزلىرىگە يېمەكلىك ئورالسا، قەغەز تەركىبىدىكى پولىي خلـورىـد بىفېنىل يېمەكلىك ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىپ كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. پولىي خلورىد بىفېنىل200 نەچچە خىل خلوروئاروماتىكنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇ، بۈگۈنكى دۇنيادا خېلى زور مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ ۋە ئىشلىتىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا ئىسپاتلىنىشىچە، دەريا سۈيى، دېڭىز سۈيى، سۇ جانلىقلىرى، تۇپراق، ئاتموسفېرا، ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈك، ئادەم سۈتى، ياغ، ھەتتا جەنۇبىي قۇتۇپتىكى پىنگۋىن، شىمالىي مۇز ئوكياندىكى كىت تېنىدىمۇ پولىي خلورىد بىفېنىل بارلىقى بايقالغان. يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا يېمەكلىككـە ئىشلىتىلىدىغان پىگمېنت قوشۇلسا ئۇنى يېڭى ساقلىغىلى بولىدۇ. بىراق، سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن بەزى پىگمېنتلار زەھەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە. يېمەكلىك بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يېمەك - ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلغاندىن باشقا، ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ساقلاش، سېتىش قاتارلىق ھالقىلارنىمۇ چىڭ تۇتۇش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى