كىسلاتالىق يامغۇر
تەبىئەتنىڭ بۇلغىنىشى
كىسلاتالىق يامغۇر دۇنياۋى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى پەيدا قىلىدىغان يەنە بىر جىنايەتچى. ئۇ ئاتموسفېرا بۇلغانغاندىن كېيىن پەيدا بولغان كىسلاتالىق يېغىن. يامغۇر تەركىبىدىكى شۇ خىل ماددا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى خىلى بۇرۇنلا تارتقان، شۇڭا، كىسلاتالىق يامغۇر دەپ ئاتالغان.
كىسلاتالىق يامغۇرنىڭ شەكىللىنىشى ئاتموسفېرادىكى خىمىيىلىك ۋە فىزىكىلىق مۇرەككەپ ھادىسە. كىسلاتالىق يامغۇر تەركىبىدە نۇرغۇن ئانئورگانىك ۋە ئورگانىك كىسلاتالار بار، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سۇلفات كىسلاتاسى ۋە نىتـرات كىسلاتاسى. بۇ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، خەلق تۇرمۇشىدا كۆيدۈرۈلگەن كۆمۈردىن قويۇپ بېرىلگەن كاربون (Ⅳ) ئوكسىد، نېفىتنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى ھەمـدە مـاشىنا گازىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئازوت، ئوكسىگېن بىرىكمىسىنىڭ «بۇلۇت ئىچىدە يامغۇر بولۇپ شەكىللىنىش جەريانى»، يەنى سۇ پارى، سۇلفات كىسلاتاسى رادىكالى، ئازوت كىسلاتاسى رادىكالى قاتارلىق ئۇيۇغۇچى يادرولاردا ئۇيۇپ، سۇيۇق ھالەتتىكى ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيىسىنى پەيدا قىلىدۇ. نەتىجىدە، سۇلفات كىسلاتالىق يامغۇر تامچىسى ۋە نىترات يامغۇر تامچىسى شەكىللىنىدۇ؛ بۇنىڭدىن تاشقىرى، «بۇلۇت ئاستىدىكى يالاش جەريانى»، يەنى كىسلاتالىق يامغۇر تامچىسىنىڭ يېغىش جەريانىدا، تەركىبـىـدە كىسلاتا بولغان باشقا يامغۇر تامچىلىرى ۋە كىسلاتا گاز جىسىملىرىنى ئۈزلۈكسىز بىرىكتۈرۈش، سۈمۈرۈش ۋە يالاش نەتىجىسىدە بىرقەدەر زور يېغىن تامچىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئاخىرىدا يەر يۈزىگە چۈشۈپ، كىسلاتالىق يامغۇرغا ئايلىنىدۇ، ئېلىمىزنىڭ يېقىلغۇ قۇرۇلمىسىدا ئاساسلىقى كۆمۈر ئىشلىتىلگەچكە، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد گازى قويۇپ بېرىلىدۇ، شۇڭا، ئېلىمىزدىكى كىسلاتالىق يامغۇر سۇلفات كىسلاتاسى تىپىدىكى كىسلاتالىق يامغۇردىن ئىبارەت.
گۈڭگۈرت ۋە ئازوت ئوزۇقلۇق ئېلېمېنت قاتارىغا كىرىدۇ. ئاجىز كىسلاتالىق يېغىن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سۈمۈرۈشى ئۈچۈن يـەر يۈزىدىكى مىنېرال ماددىلارنى ئېرىتىدۇ. مۇبادا يامغۇرنىڭ كىسلاتالىق دەرىجىسى زىيادە يۇقىرى بولۇپ، Hp قىممىتى6 .5 دىن تۆۋەنلىسە ئېغىر خەۋپ پەيدا بولىدۇ. ئۇ كەڭ دائىرىدىكى ئورماننى بىۋاسىتە نابۇت قىلىدۇ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى قۇرۇتۇۋېتىدۇ؛ تۇپراقتىكى ئورگانىك ماددىلارنىڭ پارچىلىنىشى ۋە ئازوتنىڭ مۇقىملىشىشىنى تىزگىنلەپ، تۇپراق دانچىلىرى بىلەن بىرلەشكەن كالتسىي، ماگنىي، كالىي قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى خورىتىپ، تۇپراق قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ؛ دەريا، كۆل سۇلىرىنى كىسلاتـالاشـتـۇرىـدۇ؛ تۇپراق ۋە سۇ ئاستىدىكى لاتقا تەركىبىدىكى ئېغىر مېتاللارنى ئېرىتىۋېتىدۇ، بۇ ئېرىتمىلەر سۇغا ئارىلىشىپ بېلىق تۈرىدىكىلەرنى زەھەرلەيدۇ؛ ئۆي - ئىمارەت ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ چىرىش، خوراش جەريانىنى تېزلىتىدۇ؛ ئۇ يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئېلىمىزنىڭ چۇڭچىڭ رايونى كىسلاتالىق يامغۇر ئاپىتى ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى. چۇڭچىڭدىكى جيالىڭجياڭ دەرياسى كۆۋرۈكى يىلىغا16 .0 مىللىمېتىرلىق سۈرئەتتە داتلىشىپ، شۋېتسىيىنىڭ ستوكھولم شەھىرىنىڭ03 .0 مىللىمېتىرلىق سۈرئىتىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن.1982 - يىل6 - ئاينىڭ18 - كۈنى كەچتە چۇڭچىڭ شەھىرىدە ياغقان بىر قېتىملىق كىسلاتالىق يامغۇر شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى20 مو شالنىڭ يوپۇرمىقىنى ئوتقا قاقلىغاندەكلا سارغايتىۋەتكەن، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن قىسمەن دائىرىدىكى شال قۇرۇپ كەتكەن.
كىسلاتالىق يامغۇرنى تىزگىنلەشنىڭ تۈپ تەدبىرى گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، ئازوت ۋە ئوكسىگېن بىرىكمىلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت.
جۇڭگونىڭ دۆلەت زېمىن كۆلىمى9 مىـلـيـون600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تەخمىنەن14 مىليارد400 مىليون مو يەرگە توغرا كېلىدۇ، بۇ، دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. جۇڭگودا كىشى بېشىغا4 .1 مو تېرىلغۇ يەر توغرا كېلىدۇ، بۇ، دۇنيا بويىچە كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە توغرا كېلىدىغان4 .4 مونىڭ ئۈچتىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. ھېسابلاشلارغا قارىغاندا، جۇڭگونىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئەھۋالىنى ئومۇمەن تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەشكە بولىدۇ: